logo

trugen jacn
28 ماي 2014

يەكەن ناھىيىسىدە 5 ئورۇنغا قەرەللىك بومبا قويۇلغان، بومبىلاردىن بىرى پارتلىغان، 4 ئى يىغىۋېلىنغان

 

شۆھرەت ھوشۇر

ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بىرى جۈمە كۈنى رادىئومىزغا ئىنكاس يوللاپ، شۇ كۈنى يەكەندە بومبا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنى، خىتاي دائىرىلىرى ۋە كۆچمەنلىرىنىڭ ساراسىمىگە چۈشكەنلىكىنى مەلۇم قىلدى.

مۇخبىرىمىز بۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، يەكەن ناھىيىلىك پارتكوم ۋە ساقچى ئىدارىلىرىدىن مەلۇمات ئېلىشقا تىرىشقان بولسىمۇ، دائىرىلەر ۋەقە ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى. بۈگۈن ناھىيە بازىرىدىكى گۈلباغ ساقچىخانىسىنىڭ 3 نەپەر خادىمى مۇخبىرىمىزنىڭ ۋەقە ھەققىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. ئاشكارىلىنىشىچە، جۈمە كۈنى يەنى 23-ماي كۈنى يەكەندە ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسى، دۆلەت ئامانلىق ئەترىتى قاتارلىق 5 ئورۇنغا قەرەللىك بومبا قويۇلغان، بۇلاردىن بىرى پارتلىغاندىن كېيىن، خىتاي ساقچىلىرى كەڭ-كۆلەملىك ھەرىكەتكە ئۆتۈپ قالغان 4 بومبىنى تاپقان ۋە تەسىرسىزلەندۈرگەن.

گۈلباغ ساقچىخانىسىدىكى خادىملارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 5 دانە سائەتلىك بومبا ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسى، ئالاھىدە ساقچى ئەترىتى، دۆلەت ئامانلىق ئەترىتى، گاز پونكىتى ۋە 6-باشلانغۇچ مەكتەپ قاتارلىق 5 ئورۇننىڭ قورۇسى ياكى خىزمەت بىناسىنىڭ ئەتراپىغا قويۇلغان. بومبىلار 3 چاقلىق كىچىك موتسىكلىتىنىڭ ئۈستىگە جايلاشتۇرۇلغان. يەكەن ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسى يېنىغا قويۇلغان بومبا پارتلىغاندىن كېيىن ساقچىلار، كوچىلاردا توختىتىلغان 3 چاقلىق موتسىكلىتلارنى تەكشۈرگەن. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە قالغان 4 گۇمانلىق موتسىكلىت بايقىلىپ ئۇنىڭدىكى بومبىلار تەسىرسىزلەندۈرۈلگەن. ساقچى خادىملىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، بومبىلارنىڭ ئەڭ كۈچلۈكى ئاز دېگەندە 15-20 كىشىنى ئۆلتۈرۈش ۋە زەخىملەندۈرۈش كۈچىگە ئىگە.

مەلۇم بولۇشىچە، ۋەقە سەزگۈر بىر مەزگىلدە يەنى 22-ماي ئۈرۈمچى ئەتىگەنلىك بازارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن بىر كۈن كېيىن يۈز بەرگەچكە، دائىرىلەر ۋەقە ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى قاتتىق كونترول ئاستىغا ئالغان، ھەتتا ۋەقەدە ۋەزىپە ئۆتىگەن ساقچى خادىملىرىمۇ ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسى ئالدىدا پارتلىغان بومبا كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيان-زەخمەت ھەققىدە مەلۇماتقا ئېرىشەلمىگەن.

دائىرىلەرنىڭ ۋەقەنى سىر تۇتۇشتا، ۋەقەنىڭ خەلقئارا تەسىرىدىن باشقا يەنە، رايوندىكى خىتاي كۆچمەنلىرىدە ۋەھىمە پەيدا قىلىشىدىنمۇ ئەندىشە قىلغانلىقى ئېھتىمالغا يېقىن كۆرۈلمەكتە

 

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/yeken-bomba-05272014152527.html

Share
1978 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.