logo

trugen jacn
12 ئىيۇن 2014

يەكەن ناھىيىسىدە شىئەلەرنىڭ يىغىلىش ئۆتكۈزۈشى دىققەت قوزغىدى

image (2)

 ئەركىن

يېقىندا يەكەن شىئە مەزھىپىگە مەنسۇپ بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ يىغىلىشنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رۇخسىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلغانلىقى مەلۇم. ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئىسلامىي مەزھەپ نۇقتىسىدىن ئىزچىل سۈنئىيلەرنىڭ ھەنەفىي مەزھىپىگە مەنسۇپ بولۇپ، شىئەلەرنىڭ ئىسمائىلىيە مەزھىپىگە مەنسۇپ تاجىكلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، شىئە مەزھىپى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئىزچىل بىر ئېقىمغا ئايلىنالمىغان. بىراق يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە شىئە مەزھىپى ۋە سۈنئىي تەسەۋۋۇپىغا مەنسۇپ سوپىلارنىڭ ھەرىكىتى كۈچىيىشكە باشلىغانلىقى مەلۇم.

تور خەۋەرلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ يىل 5‏-ئايدا يەكەن ناھىيىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن شىئە مەزھىپىگە مەنسۇپ ئىسلام مۇرىتلىرىنىڭ يىغىلىشىغا 500 دەك ئادەم قاتناشقان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تەرەپتىن، دىنىي رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش نامىدا سۈنئىي ئىسلام مۇرىتلىرىنىڭ ھەر خىل دىنىي پائالىيەتلىرىنى، رادىكاللىققا مايىل دىنىي خاھىشلىرىنى قاتتىق باستۇرۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئاز سانلىق شىئەلەرنىڭ يىغىلىش ئۆتكۈزۈشىگە يول قويۇشى دىققەت قوزغىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا ھۆرمەت قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكتىن تولۇق بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، بىراق ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي مەكتەپ ئېچىشى، دىنىي تەلىم-تەربىيە ئېلىپ بېرىشى، دىنىي يىغىلىشلارنى ئۆتكۈزۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقانداق دىنىي پائالىيىتى، دىنىي خاھىشلىرىنى رادىكاللىق، دەپ باستۇرۇپ كەلگەن.

بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، مۇتلەق كۆپ قىسمى ئاھالىسى سۈنئىي مەزھىپىگە مەنسۇپ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە، شىئەلەرنىڭ پائالىيەت ئۆتكۈزۈشىگە يول قويۇلۇشى ھەيران قالارلىق ئەھۋال. شۇڭا، بۇ بەزى دىنىي كۆزەتكۈچىلەردە خىتاينىڭ مەقسىتىگە قارىتا گۇمانلىق سوئاللارنى پەيدا قىلغان. سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئولتۇرۇشلۇق ژۇرنالىست ۋە دىنىي زات سىراجىدىن ئەزىزىنىڭ قارىشىچە، بۇ خىتاينىڭ شىئەلىكنى كۈچەيتىپ، سۈنئىي ئىسلامغا قارشى بىر تەڭپۇڭلۇق قۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ئۇ مۇنداق دېدى: شىئەلەر بىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا راپىزىمۇ، دەپ قويۇلىدۇ. ئەھلى سۈننەت بىلەن بۇ راپىزىلار ئوتتۇرىسىدا بىر بوشلۇق بار. بۇ مۇشۇ سۈرىيە مەسىلىسىدە ناھايىتى ئەۋجىگە چىقتى. ۋەتەندە بۇنىڭدىن بىر قانچە يىل بۇرۇنمۇ سوتىرا خابى، دەيدىغان بىر ئېقىمنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ۋەھابى تەرەپنى تېررورچى كۆرسىتىپ، تەسەۋۋۇپ سوفى تەرەپلەرنى ياخشى مۇسۇلمان قىلىپ كۆرسىتىپ، نۇرغۇن پىتنە سالغان. ئەمدى ھازىر بۇ ناھايىتى ياخشى پۇرسەت، دەپ سۈنئىي، شىئە مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئىران بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى ياخشىلاۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئەلۋەتتە بىر ئارقا كۆرۈنۈشى بولۇشى لازىم. ھازىرقى پەيتتە توساتتىن بۇ شىئەلەرنىڭ يەكەندە بولسۇن ياكى باشقا يەردە بولسۇن ئوتتۇرىغا چىقىپ، پائالىيەت ئۆتكۈزۈشى، دىنىي سورۇنلارنى ئۇيۇشتۇرۇشى، بۇنىڭغا كەڭ يول قويۇشى مۇسۇلمانلارنى بۆلۈش، شۇ ئارقىلىق ئاجىزلاشتۇرۇشقا قىلىنىۋاتقان سۇيىقەست بولۇشى تەبىئىي ئەھۋال.

ئۇيغۇرلاردا شىئە مەزھىپىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ سان جەھەتتىن ئىنتايىن ئاز ئىكەنلىكى مەلۇم بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ ئېنىق سانى مەسىلىسىدە ھەر خىل قاراشلار بار. سىراجىدىن ئەپەندىنىڭ قەيت قىلىشىچە، شىئەلەر ئۇيغۇر ئېلىدە بىر قانچە ئائىلە بولۇپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە بىر دىنىي كۈچ بولۇپ شەكىللىنىشكە قادىر ئەمەس. بىراق تەتقىقاتچى ئابلىمىت ياسىن 2010‏- يىلى «شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلغان بىر ماقالىسىدە، يەكەن، قاغىلىق، پوسكام قاتارلىق ناھىيىلەردە ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇر شىئەلەرنىڭ 6 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

سىراجىدىن ئەزىزى، شىئەلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە بىر دىنىي كۈچ بولۇپ شەكىللىنىش ئېھتىمالى قىيىن بولسىمۇ، بىراق بىراق خىتاينىڭ بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنى ئىراندا ئوقۇتۇۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ قايتىپ كېلىپ، شىئەلىك تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

سىراجىدىن ئەزىزى مۇنداق دېدى: بىزنىڭ ۋەتەندە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئومۇمەن ئەھلى سۈننەت. بىزنىڭ بىلىشىمىزچە شىئەلەر يوق دېيەرلىك. پەقەتلام مۇشۇ تاشقورغاندىكى تاجىكلار ئىسمائىلىيە شىئەلىرى، دەپ ئاتىلىدۇ. ئەمما ئۇلار ئۆزلىرىنى ئىسمائىلىيە شىئەلىرى، دەپ ئاتىسىمۇ، لېكىن ئىسمائىلىيە شىئەلىكىنىڭ دىنىي ئېتىقادلىرىدىن پەقەت خەۋىرى يوق. ئۇنىڭدىن باشقا يەكەندە بىر قانچە ئائىلە، بەلكىم 15 -20 ئائىلە شىئە بارلىقى مەلۇم. ئەمما بۇ بىزنىڭ ۋەتەندە شىئەلەرنىڭ رەسمىي دىنىي مەزھەپ سۈپىتىدە بارلىقىنى ئەكس ئەتتۈرمەيدۇ. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئىراندا بىر قانچە مىڭ ئوقۇغۇچىنى ئاپىرىپ ئوقۇتۇۋاتقانلىقى مەلۇم. ئىراندا ئوقۇپ قايتىپ كەلگەن ۋە ئوقۇۋاتقان بەزى بالىلارنىڭ شىئەلەرنى ماختاپ، شىئەلەرگە قارشى بەزى پىكىرلەرگە رەددىيە بەرگەنلىكىنى بىلىمىز.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇر شىئەلەر بىلەن ئىسمائىلىيە شىئەلىرىگە مەنسۇپ تاجىكلار ئوتتۇرىسىدىكى ئاساسلىق پەرق ئۇيغۇر شىئەلەر 12 ئىمامغا، ئىسمائىلىيە مەزھىپىدىكى تاجىكلار 7 ئىمامغا بەيئەت قىلىدۇ.

ئىسمائىلىيە شىئەلەرنىڭ قارىشىدا، 12 ئىمامدىن 6 ‏-ئىمام جافەر ئەس سادىق ئۆلۈپ، ئۇنىڭ ئورنىغا چىققان 7‏‏-ئىمام مۇسا بىن جافەر ئەل كازىمنى ئېتىراپ قىلىنمايدۇ.

ئىسمائىلىيەلەر جافەر ئەس سادىقنىڭ نەۋرىسى مۇھەممەت بىن ئىسمائىل ئەس شاكىرنى 7‏-ئىمام، دەپ ھېسابلايدۇ.

شىئەلەرنىڭ قارىشىچە، 12 ئىمام ئىسلام خەلىپىنىڭ قانۇنلۇق ۋارىسلىرىدۇر. بۇ ۋارىسلىق 1‏-ئىمام ھەزرىتى ئەلىدىن باشلىنىپ، 12‏-ئىمام مۇھەممەت ئەل مەھدىگە قەدەر داۋام قىلىدۇ

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/din/uyhgurda-din-06112014153444.html

Share
2719 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.