logo

trugen jacn

يەكەن قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى بىر قىسىم يېڭى تەپسىلاتلار ئاشكارا بولماقتا

 

xitay-saqchi-herbiy-maniwer-xoten.jpg

خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ «تېررورلۇققا زەربە بېرىش» مانېۋىرىدىن كۆرۈنۈش. 2014-يىلى 6-ئىيۇن، خوتەن.

 قۇتلان

نەق مەيداننى كۆرگەن ۋە ئاڭلىغان كىشىلەرنىڭ رادىئومىزغا بەرگەن بايانلىرى يەكەن قىرغىنچىلىقىنىڭ ئىچ يۈزىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئېچىپ بەرمەكتە يېقىندا ئۆز يۇرتى يەكەن ۋە قاغىلىقتىن تىجارەت ئىشى بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىگە قايتىپ كەلگەن بىرەيلەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، يەكەن قىرغىنچىلىقىدا ئۆلگەن ۋە غايىب بولغانلارنىڭ سانى 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىنمۇ كۆپ ئىكەنلىكى مەلۇم بولماقتا نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بۇ كىشىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يەكەن خەلقىنىڭ بۇ قېتىملىق كۆلىمى زور بولغان ئاممىۋى قارشىلىق كۆرسىتىشىنىڭ تۈپ سەۋەبى ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ رايوندىكى چەكتىن ئاشقان بېسىم سىياسىتى ئىكەن مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەرنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي ۋىلايەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتى يەرلىك خەلقنى قارشىلىق كۆرسىتىشكە مەجبۇر قىلغان. بولۇپمۇ دائىرىلەرنىڭ قەشقەر، يەكەن ۋە خوتەن رايونلىرىدا ئاۋامنىڭ دىنىي ئېتىقادى ھەمدە ئىسلامىي ئادەتلەرگە قارىتا كەڭ كۆلەمدە يوقىتىش خاراكتېرلىك سىياسەت يۈرگۈزۈشى خەلقنىڭ تاقەت قاچىسىنى سۇندۇرغان ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يەكەندە خەلقنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى يۈز بەرگەندىن كېيىن دائىرىلەر دەرھال ھەربىي قىسىملارنى يەكەنگە يۆتكەپ كېلىپ قوراللىق ساقچىلارنىڭ ماسلىشىشى بىلەن زور كۆلەملىك باستۇرۇش ئېلىپ بارغان. باستۇرۇشتا قارا-قويۇق ئوق چىقىرىش، چوڭ-كىچىك، قېرى-ياش، ھەتتا سەبىي بالا دېمەستىن ئېتىپ تاشلاش ھادىسىلىرى يۈز بەرگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئەسكەر ۋە ساقچىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك خىتايلاردىن بولغاچقا ئۇلاردا ئۆچ ئېلىش ياكى مىللىي ئۆچمەنلىك خاراكتېرىدىكى زەربە بېرىش پسىخىكىسى ئېغىر بولغان ئۇ يەنە ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە ساقچىخانىدا ئىشلەيدىغان يېقىنلىرىدىن ئاڭلىغانلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، يۇقىرىدىن ھەربىي ۋە ساقچىلارغا مەخپىي بېرىلگەن ئىچكى بۇيرۇق بارمىش. ئۇنىڭدا قارشىلىق قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنى چوڭ-كىچىك، ئەر-ئايال ياكى قېرى-ياش دېمەستىن ئېتىپ تاشلاش، نەق مەيداندا بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى بېرىلگەن ئىكەن. ھازىر يەكەن ۋە ئەتراپتىكى ناھىيىلەرنىڭ تۈرمىلىرى تۇتقۇنلار بىلەن تولۇپ كېتىپتۇ دەپ ئاڭلىدۇق. ھەتتا يېڭىدىن تۇتۇۋاتقانلارنى قامايدىغان جايمۇ يېتىشمەيۋاتقانلىقىنىڭ خەۋىرى بار. شۇنداق بولغاچقا، قارشىلىق كۆرسەتكەنلەرنى تۇتۇپ، سوت ئېچىپ ھۆكۈم ئېلان قىلغىچە بولغان جەرياندا ھۆكۈمەتكە ناھايىتى زور ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي بېسىم بولارمىش. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىلگىرى «مىللىي بۆلگۈنچى» ياكى «دىنىي ئەسەبىي ئۇنسۇر» دېگەن قالپاقلار بىلەن تۈرمىگە كىرىپ چىققانلارنىڭ ھېچقايسىسى ھۆكۈمەت ئويلىغاندەك ئۆزگىرىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، بەلكى كېيىنكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىدە ئاكتىپ رول ئوينىغانلار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىۋاتقان ئىشلار كوپ ئىكەن. شۇنداق بولغاچقا، ۋەقە چىققان ھامان قارشىلىق كۆرسەتكەنلەرنى نەق مەيداندا ئېتىپ تاشلاش، ھايات قالدۇرماسلىق ھەققىدە يۇقىرىدىن ئىچكى بۇيرۇق بارلىقى مەلۇم. بۇنى ھازىر ساقچىلارمۇ ھەم ئاۋام خەلقمۇ بىلىپ بولدى http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/yeken-weqesi-09042014154757.html

Share
2306 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.