logo

trugen jacn

يەكەن ئىسيانىغا سەۋەب ۋەقەدە 7 ياشلىق بالا ۋە 72 ياشلىق بوۋايمۇ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن

e0367b5c-b63a-4d6d-a1b8-6356b4f855b9
شۆھرەت ھوشۇر

2014-u0731-pmx.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

يەكەننىڭ ئېلىشقۇ ۋە خاڭدى يېزىلىرىدا 28 – ئىيۇل كۈنى يۈز بەرگەن قانلىق ئىسياننىڭ قوزغىلىشىغا تۈرتكە بولغان سەۋەبلەر ھەققىدە ئوخشىمىغان مەلۇماتلار ئوتتۇرىغا چىقماقتا؛ بەزى ئاھالىلەر ئىسياننىڭ قوزغاتقۇچ سەۋەبى سۈپىتىدە خىتاينىڭ رامىزان مەزگىلىدىكى دىنىي چەكلىمىلىرىنى تىلغا ئالسا، يەنە بەزىلەر ئىسياندىن 10 كۈن بۇرۇن يەكەننىڭ بەشكەنت بازىرىدا يۈز بەرگەن بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئېتىۋېتىلىش ۋەقەسىنى كۆرسەتمەكتە.

ئاشكارىلىنىشىچە، 18 – ئىيۇل كۈنى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۆي تەكشۈرۈشى داۋامىدا بىر گۇماندارنىڭ ئاتا – ئانىسى، ئايالى ۋە 7 ياشلىق بالىسى بولۇپ، جەمئىي 5 كىشى ئېتىۋېتىلگەن. بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ قىرىۋېتىلگەنلىك ۋەقەسى ھەققىدىكى ئۇچۇر جەمئىيەتتە تارقالغاندىن كېيىن، يەكەننىڭ ئېلىشقۇ ۋە خاڭدى يېزىسىدىكى بىر تۈركۈم كىشىلەر قوزغىلىپ ۋەقەگە نارازىلىق بىلدۈرگەن. بۇ قوزغىلىشمۇ قانلىق باستۇرۇلۇپ 100دىن ئارتۇق كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان.

تۆۋەندە ئەنە شۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ قىرىۋېتىلىش ۋەقەسى ھەققىدە مەلۇمات ئاڭلايسىلەر. بۇ پروگراممىنى مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر تەييارلىغان

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/yeken-basturush-07312014193536.html

Share
2184 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.