logo

trugen jacn

يەرشارى ماگنىستكى قانۇنىنىڭ ئۇيغۇرلار دەۋاسىغا قانداق پايدىسى بارلىقى ھەققىدە قاراشلىرىم:

ئاسىيە ئۇيغۇر

ئاۋازدا: پەرىزات غەيرەت

ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ئەزىز دوستلار، بۈگۈن ئامېرىكىنىڭ ماگېنىستكى قانۇنى بويىچە خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالىشى تەلەپ قىلىنغان ئامېرىكا كونگېرىسلىرى ھەققىدىكى بىر خەۋەر سەۋەبلىك نۇرغۇن دوستلار بۇ خەۋەرگە نىسبەتەن ئۆز پىكىرلىرىنى بايان قىلدى. بەزىلەر بۇ خەۋەردىن خۇش بولۇشقان بولسا يەنە بەزىلەر يەنىلا ئۈمىدسىزلىنىش ئىچىدە تۇرماقتا. شۇ سەۋەب خەۋەر ھەققىدە ئويلىغانلىرىمنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشقۇم كەلدى.
ماگېنىستكى قانۇنىنىڭ نىمە ئىكەنلىكى ھەققىدە مەن بۇرۇن بىر يازما ئېلان قىلغان. يەنى بۇ قانۇن پەقەت ئامېرىكىنىڭ ئامېرىكا ئىچى ۋە سىرتىدىكى ھەر قانداق پۇقرانىڭ كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى تەرۇز قىلىش، ئېغىر تەن جازاسى يۈرگۈزۈش، قانۇنسىز ئادەم ئۆلتۈرۈش قاتارلىق جىنايەتلەرنى سادىر قىلغان ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى جازالاش ئۈچۈن مەخسۇس چىقىرىلغان قانۇن بولۇپ، بۇ ئاۋۋالقى ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى يۇقارقىدەك جىنايەتلەرنى سادىر قىلغان دۆلەتلەرگە قارىتىلغان جازالاش قانۇنلىرىنىڭ تېخىمۇ كېڭەيتىلىپ، شەخسلەرنى جازالاشقا يەنى شەخسلەرنىڭمۇ جىنايىتىنى سۈرۈشتە قىلىشقا ئۆتكەنلىكىنىڭ ئاساسىدۇر. يەنى بۇرۇنقى جىنايەتچىلەر ھۆكۈمەت مەخبۇرلىغانلىقى سەۋەب بۇ جىنايەتنى سادىر قىلغانلىقىنى سەۋەب كۆرسىتىپ شەخس جىنايىتى سۈرۈشتە قىلىنىشقا ئامالسىز قېلىنغان بولسا بۇنىڭدىن كېيىن مانا مۇشۇنداق ئىنسانلارنىڭ نورمال ھەق ھوقۇقلىرىغا ئېغىر دەرىجىدە زىيان يەتكۈزگەن جىنايەتچى شەخسلەرمۇ جازالىنىدۇ. ماگانىسكى قانۇنى بىلەن جازالانغان ئادەمنىڭ ئامىركا ۋە ئۇنىڭ ئىتىپاقداش دۆۋلەتلەرگە قىلىنغان زىيارىتى چەكلىمىگە ئۇچۇرايدۇ. ئۇلارنىڭ ئىختىسادى يالغۇز ئامىركىدىلا ئەمەس بەلكى ئامىركا ۋە ئۇنىڭ ئىتىپاقداش دۆۋلەتلىرىدىمۇ توڭلىتىلىدۇ.
نۇرغۇن كىشىلەر بۇ قانۇننىڭ ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈن ئانچە پايدىسى بولماسلىقىدىن ئەنسېرەۋاتىدۇ. ئەمما مەن بۇنداق قارىمىدىم. چۈنكى يەر شارى ماگېنستكى قانۇنى خەلقئارا ئېتىراپ قىلىدىغان قانۇن. قانۇن بولغانىكەن بۇ قانۇن بويىچە جازالانغۇچى يېتەرلىك جىنايى ئىسپاتى بولمىسا جازاغا تارتىلمايدۇ. دېمەك يەر شارى ماگېنستكى قانۇنى بويىچە جازاغا تارتىلغان بارلىق كىشىلەر ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى سادىر قىلغان، ئىنسان ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلغان، كىشىلەرنى قانۇنسىز ئۆلتۈرگەن ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتلىرى ياكى شەخسلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغان، پارا يېگەن ۋە پارا بەرگەن ۋە بۇلارغا يانتاياق بولغانلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، يۇقىرىدا تىلغان ئېلىنغان جىنايەتلەرنىڭ ھەممىسى نورمال ئىنسانلار جەمىيىتى قوبۇل قىلالمايدىغان جىنايەتلەردۇر. شۇ سەۋەب بۇ جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگەن شەخس ۋە بۇ جىنايەتچى ياشىغان دۆلەت ئوخشاشلا پۈتۈن دۇنيا تەرىپىدىن نەپرەتكە ئۇچرايدۇ.
مەسىلەن، چېن چۈەنگو قاتارلىق خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋەتىنىمىزدىكى خەلقىمىزگە سالغان زۇلۇملىرى سەۋەبلىك ماگېنىستكى قانۇنىي بويىچە جازالىنىدىغان بولسا ئۇنداقتا خەلقئارا بىزنىڭ ئېزىلگەن مىللەت ئىكەنلىكىمىزنى يەنى خىتاينىڭ بىزنىڭ ئۈستىمىزدىن ئېلىپ بارغان زۇلۇملىرىنى ئېتىراپ قىلغان بولىدۇ. چۈنكى ماگېنىستكى قانۇنى ھەرگىزمۇ پاكىتسىز بىرەر كىشىگە جازا ھۆكۈم قىلالمايدۇ. قانۇن ھېسسىياتنى ئەمەس پەقەت پاكىتنىلا ئاساس قىلىدۇ. بۇ ئەلۋەتتە بىز ئۈچۈن ناھايىتىمۇ چوڭ خۇشاللىنارلىق ئىش بولىدۇ ئەلۋەتتە. بۇنىڭدىن باشقا ماگېنىستكى قانۇنى بويىچە جازاغا تارتىلغانلارنىڭ ئامېرىكىدىكى مال مۆلكى پۈتۈنلەي توڭلىتىلىدۇ. بىزگە مەلۇم بولغىنىدەك خىتاينىڭ چوڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ قانداق پارا يەيدىغانلىقى ۋە يىغقان تەرگەنلىرىنى خىتايدىكى بانكىلاردا ئەمەس بەلكى چەتئەللەگە ماڭدۇرىدىغانلىقىنى بىلىمىز. يەنى خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ نۇرغۇن بايلىقىلىرى ئامېرىكا قاتارلىق تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردە بولۇپ، ئەگەر ماگنىستكى قانۇنىي بويىچە بىر خىتاي ئەمەلدارى جازالانسا ئۇ ئەمەلدارنىڭ ئامېرىكىدىكى بارلىق مال مۆلكى ۋە بارلىق ئۇرۇغ تۇغقانلىرىنىڭمۇ مال مۆلكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن توڭلىتىلىدۇ . بۇ ئەھۋال ئەلۋەتتە خىتاي ئىقتىسادىغا ئالاھىدە تەسىر كۆرسىتىشىمۇ مۇمكىن. پارخورلۇق بىلەن جازالىنىش ئەمەلگە ئېشىپ قالسا تېخىمۇ قالتىس ئىشلار يۈز بېرىدىغان بولۇپ، يەنى خىتاينىڭ يىللاردىن بېرى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا پارا بېرىش بىلەن سېتىۋالغان ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى جازالاش ئارقىلىق خىتايغا تېخىمۇ ئېغىر زەربە بېرىلىشى مۇمكىن. بۇ قانۇننىڭ قانداق كۈچى بارلىقىنى كېيىنكى كۈنلەردە تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشىمىز.
ئەگەر داۋايىمىزدا نەتىجە يارىتىمىز دەيدىكەنمىز خىتاينىڭ جىنايىتىنى پاش قىلىش، كۆرگەن – بىلگەنلىرىمىزنى سۆزلەش، گۇۋاھلىق بېرىش ئارقىلىق خىتايدىكى تېخىمۇ كۆپ جىنايەتچىلەرنىڭ جازالىنىشى قولغا كەلتۈرۈشىمىز ۋە بۇ ئارقىلىق دەۋايىمىزنى پۈتۈن دۇنيانىڭ ھېسداشلىقىغا ئېرىشەلەيدىغان پۈتۈن ئىنسانىىيەتنىڭ ئورتاق دەۋاسىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن كۈچىشىمىز كېرەك. دۇنيا تېخنىلوگىيە دەۋرىدە تۇرۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بىز ئۈچۈن قورال پەقەتلا ئوق – دورا ئەمەس بەلكى ئەقىل ۋە بىلىمدۇر!
ئۇزۇندىن بۇيان ئىزچىل گۇۋاھلىق بېرىش ئىشلىرىمىزغا ئاۋاز قوشىۋاتقان بارلىق قەھرىمان ۋە قەيسەر ئىنسانلارغا سەمىمىي سالام ۋە ئالىي ئېھتىراملار بولسۇن! مۇشۇنداق گۇۋاھلىقلارنىڭ ۋە ئىسپاتلارنىڭ كۈچى سەۋەب بۈگۈن ئامېرىكا ماگېنستكى قانۇنى ئارقىلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاش ئۈستىدە ئىزدېنىدىغان دەۋر كەلدى. بىز بۇنداق قانۇنلاردىن چوقۇم ياخشى پايدىلىنىشىمىز كېرەك. شۇ سەۋەب بارلىق ئۇيغۇرلارنى توختىماستىن گۇۋاھلىق بېرىشكە، كۆرگەن زۇلۇملىرىغا سۈكۈت قىلماسلىققا چاقىرىمەن!
ھۆرمەت بىلەن : ئاسىيە ئۇيغۇر

Share
7625 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.