logo

trugen jacn

يۇقىرى سوتنىڭ ئىلھام توختى ھەققىدىكى قارارى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى

image

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوتنىڭ جۈمە كۈنى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى دېلوسى ئۈستىدىن چىقارغان قارارى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىدى

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى نىكولاس بېكۇلىن، بۇ قارار دۆلەتنى قانۇن بىلەن باشقۇرۇشقا ۋەدە قىلغان خىتاينىڭ يۈزىگە بىر شاپىلاق سالغانلىق، دېگەن
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋىليام نېي، ئەگەر گاۋيۈ بىلەن ئىلھام توختى ئادىل سوتلانغان بولسا، ئۇلارغا ئارتىلغان جىنايەت سىياسىي زىيانكەشلىك، دەپ قارىلىپ دەرھال ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولاتتى، دەپ تەكىتلىگەن

ئىلھام توختى ئوتتۇرا سوتنىڭ قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ يۇقىرى سوتقا ئەرز قىلغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوت جۈمە كۈنى ئىلھام توختىغا بېرىلگەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىنى ساقلاپ قېلىپ، ئۇنىڭ نارازىلىق ئەرزىنى رەت قىلغان ئىدى

شۇ كۈنى يەنە، بېيجىڭ 3‏-ئوتتۇرا سوتى خىتاي ئايال ژۇرنالىست ۋە پائالىيەتچى گاۋيۈ ئۈستىدىن سوت ئېچىپ، ئۇنىڭغا دۆلەت سىرىنى ئاشكارىلاش جىنايىتى ئارتقان

بىراق خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى جۈمە كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوتنىڭ قارارىنى ئاقلىدى. تاشقى ئىشلار باياناتچىسى خوڭ لېي «جۇڭگو ئەدلىيە دائىرىلىرىنىڭ قارارى پاكىت ۋە قانۇنلارغا ئاساسەن چىقىرىلغان» دېگەن

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/ilham-toxti-11212014161641.html

Share
2233 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.