logo

trugen jacn

يۆتەل شەربىتى سېتىۋالغانلىقى ئۈچۈن ساقچىلارنىڭ باسقۇنىغا دۇچ كەلگەن بىر ئۇيغۇرنىڭ بايانى

8c89a58fc8a9137d6f2c33

قۇتلان

2015-u0203-pmq.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

شاھىتلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىرى ۋە ئۇلارنىڭ شۇ يەردىكى شەخسىي كەچۈرمىشلىرى يوقىرى بېسىملىق سىياسەت كۈنلۈكى ئاستىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نۆۋەتتىكى رېئاللىقىنى ئاشكارا قىلماقتا.

يېقىندا ئۆزىنىڭ تىجارەت ئىشلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدا 15 كۈندەك تۇرغان، ئەمما نام – شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان مەلۇم بىر تىجارەتچى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

ئۇ زىيارىتىمىز جەريانىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «مەن تىجارەت ئىشىم بىلەن ئۆتكەن يىلىنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى ھەپتىسى بىلەن بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى ھەپتىسىدە ئۈرۈمچى، قەشقەر، يەكەن، قاغىلىق، خوتەن ۋە تۇرپان قاتارلىق جايلاردا بولدۇم. بۇ جەرياندا يۇرتىمىزدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنتايىن يوقىرى بېسىم ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. جەنۇبتىكى ئۇيغۇرلار ”يېشىل كارتا“ بېجىرمەي تۇرۇپ ئۈرۈمچى ۋە شىمالدىكى باشقا شەھەرلەرگە بېرىشى مۇمكىن ئەمەسكەن. يول – يوللاردا ساقچىلارنىڭ قاتمۇ – قات تەكشۈرۈشىگە دۇچ كېلىدىكەن. جەنۇبتىكى دېھقانلارنىڭ كۆرۈۋاتقان كۈنىنى تەسۋىرلەشكە تىلىمىز قىسلىق قىلىدۇ. يېزا – كەنتلەردە بولدۇم، دېھقانلارنىڭ ئەر – ئايال بولۇپ كۈندە كەنت ئىشخانىسىغا ياكى يېزا مەركىزىگە مەجبۇرىي يىغىۋېلىنىپ، ئاخىرى چىقماس سىياسىي ئۆگىنىشلەرگە ياكى كىچىك ئالما ئۇسسۇلى ئويناشقا سېلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئەگەر كىمدە – كىم سىياسىي ئۆگىنىشكە ياكى كىچىك ئالما ئۇسسۇلى ئويناشقا بارالمىسا سائىتىگە 30 سوم جەرىمانە تۆلەشكە مەجبۇر بولىدىكەن.»

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «مەن جەنۇبقا بارغان ۋاقتىم دەل ئالدى بىلەن يەكەندە، ئاندىن قەشقەردە ۋەقە يۈز بېرىپ ئۇزۇن بولمىغان ۋاقىتلار ئىدى. ھەممە يەردە خەلقنىڭ ۋەھىمە ۋە قورقۇنچ ئىچىدە يۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. بۇ ۋەقەلەر ھەققىدە خەلق ئىچىدە ھەر تۈرلۈك گەپ – سۆزلەر بولسىمۇ، لېكىن ھېچكىم بۇ ھەقتە گەپ قىلىشنى خالىمايدىكەن. مەن شۇ يەردىكى ساقچىخانىلاردا ئىشلەيدىغان تۇغقانلىرىمدىن ۋەزىيەتنىڭ نەقەدەر چىڭلىقىنى، ئۇلارنىڭ 24 سائەت دەم ئالماستىن ئىشلەۋاتقانلىقىنى بىلدىم. مەن بارغان ۋاقتىمدا يەكەندە ئىنتېرنېت تورى ئۈزۈك ئىكەن. قاغىلىقتىن كېلىپ يەكەن دەرياسى كۆۋرۈكىدىن ئۆتۈشى بىلەنلا تور ئاپتوماتىك ئۈزۈلىدىكەن. يەكەندىن چىقىپ قەشقەرگە بارسا، ئاندىن تورغا چىققىلى بولىدىكەن. لېكىن ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېفون ئىشلەتكەنلەرنىڭ ھەممىسىنى يول – يوللاردا قاتتىق تەكشۈرىدىغان بولغاچقا، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئادەتتىكى تېلېفونلارنى كۆتۈرۈپ يۈرگەنلىكىنى كۆردۈم.»

ئاخىرىدا ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «مەن بىر ھەمراھىم بىلەن تىجارەت ئىشىمنى دەپ خوتەنگىچە باردىم. شۇ چاغدا خوتەن شەھەر ئىچىدە ئىنتېرنېت ئۈزۈككەن. كېرىيەگە بارغىنىمىزدا مېنىڭ ھەمراھىم قاتتىق زۇكام بولۇپ، توختىماي يۆتىلىپ ھېچ ئەھۋالى قالمىدى. بىز مېھمانخانىغا ئورۇنلىشىپلا شۇ يەردىكى بىر دوختۇرخانىغا باردۇق، دوختۇردىن بىرقانچە شىشە زۇكام ۋە يۆتەل شەربىتى ئالدۇق. دورىلارنى ياتاققا قويۇپلا كېرىيەدىكى ئىشىمىزنى بېجىرىش ئۈچۈن چىقىپ كەتتۇق. ئىككىنچى كۈنى كېچىدە تۇيۇقسىزلا بىر توپ ساقچى ياتىقىمىزغا بېسىپ كىرىپ، بېشىمىزغا تاغار كىيگۈزۈپ، ھەممە نەرسىمىزنى ئاختۇرۇپ ئوڭتەي – توڭتەي قىلىۋەتتى. بىزنى ”پارتلاتقۇچ سۇيۇقلۇق قېنى؟“ دەپ سوراق قىلدى. مەنمۇ، ھەمراھىممۇ نېمە ئىش بولغىنىنى بىلەلمەي داڭ قېتىپ قالدۇق. ئاخىرىدا ساقچىلار ھەمراھىمنىڭ سومكىسىدىكى ھېلىقى بىرقانچە شىشە يۆتەل شەربىتىنى كۆرۈپ: ”سىلەر ياتاققا كۆتۈرۈپ كىرگەن بىرقانچە قۇتا گۇمانلىق نەرسىلەر مۇشۇمۇ؟“ دەپ سورىدى. بىز دوختۇرخانىدىن پەقەت يۆتەل دورىسى ئالغانلىقىمىزنى، باشقا ھېچقانداق گۇمانلىق نەرسە يوقلۇقىنى ئېيتتۇق. كىملىك، يېشىل كارتا ۋە باشقا بارلىق قانۇنىي ھۆججەتلىرىمىزنى كۆرسەتتۇق. ئۇلار بىزنى ئاخىرى ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا بىز يۆتەل دورىسى ئالغان دوختۇرخانىغا باشلاپ باردى. بىزگە دورا بەرگەن ھېلىقى خەنزۇ دوختۇر بىزنى تونۇپ ئىسپات بولغاندىن كېيىنلا ئاندىن قويۇپ بەردى. كېيىن ئۇقساق، مېھمانخانىنىڭ كۈتىۋېلىش زالىدا نۆۋەتچىلىكتە تۇرغان خەنزۇ قىز بىزنىڭ بىرقانچە شىشە سۇيۇقلۇقنى ئېلىپ ياتاققا كىرىپ كەتكەنلىكىمىزنى كۆرۈپ دەرھال ساقچىخانىغا مەلۇم قىلغان ئىكەن. ئۇنىڭدىن سىرت، مېھمانخانىلارنىڭ ياتاقلىرىدا سەزگۈر نەرسىلەردىن ساقچىخانىغا ئاپتوماتىك سىگنال بېرىدىغان ئاپپارات ئورۇنلاشتۇرۇلغان دەپ ئاڭلىدۇق

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/yotel-sherbiti-02032015213334.html

Share
1415 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.