logo

trugen jacn
10 ئۆكتەبىر 2014

ياۋۇز سۇلتان سەلىم

yavuz-sultan-selim2

ياۋۇز سۇلتان سەلىم تۈرك تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم كىشىلەردىن بىرى بولۇپ، ئۇ سەكسەن يىلدا پۈتىدىغان ئىشلارنى سەككىز يىلدا پۈتكۈزگەن پادىشاھ دەپ تونۇلغان.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ھىچ شۈبھىسىزكى، ياۋۇز سۇلتان سەلىم تۈرك تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم كىشىلەردىن بىرى. ئۇ كۈنىمىزدە، قىلغان ئۇرۇشلىرى سەۋەبلىك بەزى تارىخچىلارنىڭ تەنقىدىگە دۇچار بولسىمۇ، ئۇنىڭ تۆھپىلىرىنى ۋە دۇنيا سىياسىي تارىخىدىكى ئورنىنى ئىنكار قىلىش مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ئۇ سەكسەن يىلدا پۈتىدىغان ئىشلارنى سەككىز يىلدا پۈتكۈزگەن پادىشاھ دەپ تونۇلغان
ياۋۇز سۇلتان سەلىم 1470 – يىلى 10 – ئۆكتەبىردە تۇغۇلىدۇ. سۇلتان 2 – بەيازىت دادىسى، ئانىسى بولسا گۈلباھار خاتۇندۇر. سۇلتان ياۋۇز سەلىم ئوسمانلىنىڭ باشقا شاھزادىلىرىگە ئوخشاش «دۆلەتچىلىك» ئىدىيەسىدە يېتىشتۈرۈلگەن ئىدى. دادىسى سۇلتان 2 – بەيازىت ئۇنى ھەربىي يۈرۈش ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنى ئۆگىنىشى ئۈچۈن ترابزون ئايمىقىغا ئەۋەتىدۇ. ئۇ ترابزوندا دۆلەت باشقۇرۇش ئىشلىرىنى ئۆگىنىش بىلەن بىلىم ئىلىشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ ۋە ئۇلۇغ ئالىم مەۋلانە ئابدۇلھالىم ئەپەندىدىن دەرس ئالىدۇ. بۇ ۋاقىتلاردا ترابزوننى ناھايىتى ياخشى باشقۇرغان شاھزادە ياۋۇز سەلىمنىڭ قوشنا دۆلەتلەر بىلەن قويۇق ئالاقىسى بار ئىدى. ۋالىي بولۇش جەريانىدا ترابزون خەلقىنى خاتىرجەم قويمىغان گىرۇزىنلارغا قارشى ئۈچ قېتىم ھەربىي يۈرۈش قىلىدۇ. ئەڭ مۇھىمى كۈتايىس يۈرۈشىدە كارس، ئەرزۇرۇم، ئارتۋىن ۋىلايەتلىرىدىن باشقا نۇرغۇن جايلارنى پەتھى قىلىپ ئوسمانلى زېمىنىنى كېڭەيتىدۇ. بۇ سەۋەبتىن بۇ جايلاردا ياشايدىغان گىرۇزىنلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىدۇ
ياۋۇز سۇلتان سەلىم تەختكە چىققان ۋاقتىدا ئوسمانلى دۆلىتى قىيىنچىلىقتا ئىدى. شەرق تەرەپتە قۇرۇلغان سافەۋى تۈرك دۆلىتىنىڭ ئانادولۇدا تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە ئۇرۇنۇشى، ئۇنى بىئارام قىلغان ئىدى. شۇڭا سۇلتان ياۋۇز سەلىم 1514 – يىلى باھار ئېيىدا ئىرانغا قارشى ھەربىي يۈرۈش باشلايدۇ. ئوسمانلى قوشۇنلىرى ئەرزىنجاندىن تەبرىزگە قاراپ ئىلگىرىلەيدۇ. ئوسمانلى قوشۇنى 1514– يىلى 23 – ئاۋغۇست باشلانغان چالدىران ئۇرۇشىدا سافەۋى قوشۇنى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدۇ. ئوسمانلى قوشۇنى سافەۋى پادىشاھى شاھ ئىسمائىلنىڭ كەينىدىن تەبرىزگىچە بېسىپ كېلىدۇ، ئەمما ئۇزۇن تۇرمايدۇ. سۇلتان ياۋۇز سەلىم تەبرىزدىكى ئالىم، ھۈنەرۋەن ۋە سەنئەتچىلەرنى ئېلىپ ئىستانبۇلغا قايتىدۇ
چالدىران ئۇرۇشىنىڭ نەتىجىسىدە ئەرزىنجان ۋە بايبۇرت ئوسمانلىنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىغا كىرىدۇ. كەماھ قەلئەسى ئېلىنىدۇ. 1515 – يىلى 12 – ئىيۇن قولغا كەلگەن تۇرناتاغ زەپىرى بىلەن دۇلقادىرئوغلۇ بەگلىكىگە خاتىمە بېرىلىدۇ. دىيارباكىر، ماردىن ۋە بىتلىس ئوسمانلى ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا كىرىدۇ.
ياۋۇز سۇلتان سەلىم 1516 – يىلى 5 – ئىيۇن مىسىرغا يۈرۈش قىلىدۇ. ئوسمانلى ئارمىيەسى 27 – ئىيۇل مىسىر چېگراسىغا يېتىپ كېلىدۇ. مىسىر سۇلتانلىقىغا قارايدىغان ئانتەپ ۋە بەسنى قەلئەلىرى بىر كۈن پەرق بىلەن ئارقا – ئارقىدىن تەسلىم بولىدۇ. 1516 – يىلى 24 – ئاۋغۇست مەرىجىدابىكتە غايەت زور ئۇرۇش باشلىنىدۇ. مىسىر ئارمىيەسى ئوسمانلى ئارمىيەسىنىڭ كۈچلۈك توپ بومبارىمانىغا ئۇزۇن بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. مىسىر سۇلتانى گانسۇ گاۋرى ئۆلۈك ھالدا تېپىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سۈرىيەنىڭ دەرۋازىلىرى ئوسمانلى دۆلىتىگە ئېچىلىدۇ. ياۋۇز سۇلتان سەلىم بۇنىڭلىق بىلەن كۇپايىلىنىپ قالمايدۇ. ئۇ 1516 – يىلى 28 – ئاۋغۇست ھەلەبنى ناھايىتى ئاسانلا قولغا چۈشۈرىدۇ. ئارقىدىن ھاما، ھۇمۇس ۋە دەمەشىق ئۆزلىكىدىن تەسلىم بولىدۇ. لىۋان سۇلتانلىرى ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ ھامىيلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. ياۋۇز سۇلتان سەلىم 1516 – يىلى 30 – دېكابىر قۇددۇسقا، 1517 – يىلى 2 – يانۋار غەززەگە قوشۇن باشلاپ كىرىدۇ. مەرىجىدابىك ئۇرۇشىدىن كېيىن، مىسىرنىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا تۈمەنباي ئولتۇرىدۇ. تۈمەنباي ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ ھامىيلىقىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ ۋە ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ تىنچلىق تەكلىپى ئۈچۈن كەلگەن ئەلچىسىنى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ. شۇنداقلا ۋېنېدىكلەردىن توپ ۋە ھەر خىل قوراللارنى سېتىۋېلىپ، رىدانىيەدە كۈچلۈك مۇداپىئە سېپى قۇرىدۇ. ياۋۇز سۇلتان سەلىم ئارمىيەسى بۇرۇنقى زاماندىن بېرى ھېچقانداق قوماندان ئۆتۈپ باقمىغان سىنا چۆلىنى 13 كۈندە كېسىپ ئۆتۈپ، رىدانىيەدە مىسىر ئارمىيەسى بىلەن ئۇچرىشىدۇ، 1517 – يىلى 22 – يانۋار رىدانىيە ئۇرۇشى غەلىبە بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. مەملۈكىيلەر دۆلىتى تارىخقا ئايلىنىدۇ
كاتتا مۇراسىم بىلەن 1517 – يىلى 4 – فېۋرال قاھىرەگە كىرگەن ياۋۇز سۇلتان سەلىم مىسىر مەملۈكىيلىرىگە قاراشلىق ئابباسىيلار خەلىپىلىكىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، سۈرىيە، پەلەستىن ۋە مىسىرنى ئوسمانلى ھاكىمىيىتى ئاستىغا ئالىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ھىجاز ۋە ئەتراپى ئوسمانلى زېمىغا تەۋە بولىدۇ، شەرقتىكى سودا – تىجارەت يوللىرى پۈتۈنلەي ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ قولىغا ئۆتىدۇ. ئوسمانلى خەزىنىسى قولغا چۈشۈرۈلگەن غەنىيمەتلەر ۋە ئېلىنغان باجلار بىلەن تولىدۇ. 1517 – يىلى 6 – ئىيۇل «ئەمانەتى مۇقەددەسە» (مۇقەددەس ئامانەتلەر) دەپ ئاتىلىدىغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆڭلىكى، چىشى، تۇغى ۋە قىلىچى قاتارلىق بۇيۇملار ھىجازدىن ياۋۇز سۇلتان سەلىمگە ئەۋەتىلىدۇ. 1516 – يىلى 29 – ئاۋغۇست خەلىپىلىك ئابباسىيلاردىن ئوسمانلىلارغا ئۆتىدۇ. ياۋۇز سۇلتان سەلىم ئاياسوفيا جامەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا ئابباسىيلارنىڭ ئاخىرقى خەلىپىسىدىن «ھارەمەينى شەرىفەين» (مەككە ۋە مەدىنەنىڭ خىزمەتكارى) ئۇنۋانىنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ۋە سىياسىي رەھبىرىگە ئايلىنىدۇ
ئۆمرىدە زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ياۋۇز سۇلتان سەلىم 1520 – يىلى 22 – سېنتەبىر 50 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتىدۇ

Share
1737 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.