ئەڭ يېڭى خەۋەر
ئاسىيە ئۇيغۇر: بۇزغۇچى: چېن چۈۋەنگو ۋە ج ك پ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ھۆكۈم قىلىنىدۇ
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
ئىلھام توختى ئۆمۈرلۈك قاماق ھاياتىنىڭ 5-يىلىدا
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» غا نامزاتلىققا كۆرسىتىلدى
6-ئۆكتەبىر، ياۋروپا پارلامېنتىدا بۇ يىللىق ساخاروف پىكىر ئەركىنلىكى مۇكاپاتىنىڭ نامزاتلىرىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا ياۋروپا پارلامېنت ئەزاسى ئىلخان كۈچۈك، ئىلھام توختىنىڭ ساخاروف مۇكاپاتىغا ئەڭ مۇۋاپىق نامزات ئىكەنلىكىنى، مۇكاپاتنىڭ ئۇنىڭغا بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان.
يىغىندا، بۇ يىللىق ساخاروف مۇكاپاتىغا نامزات 5 كىشىنىڭ تەرجىمىھالىغا دائىر قىسقا فىلىم قويۇلۇپ، ئۇلارنىڭ ئىش -ھەرىكىتى ياۋروپا پارلامېنتى تاشقى سىياسەت كومىتېتى، تەرەققىيات كومىتېتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىغا تونۇشتۇرۇلغان.
يىغىندا، ئىلخان كۈچۈك ئىلھام توختىنى نامزاتلىققا كۆرسەتكەن 43 نەپەر ياۋروپا پارلامېنت ئەزاسىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ، ئۇنىڭ خىتاي تىلىدا تور ئېچىپ، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز-ئارا چۈشەنچە ۋە ئالاقىنى ئالغا سۈرۈپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئۇ، شۇڭا «ئۇ ساخاروف ۋە بۇ مۇكاپاتنىڭ غايىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئۇ بۇ مۇكاپاتقا ئەڭ مۇۋاپىق نامزات. پارلامېنتىنىڭ ساخاروف مۇكاپاتىنى ئۇنىڭغا بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. شۇنداق قىلغاندا پارلامېنت ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىغا بولغان قوللىشىنى نامايان قىلىدۇ» دېگەن.
ئىلھام توختىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 5 كىشى بۇ يىللىق ساخاروف پىكىر ئەركىنلىكى مۇكاپاتىغا تاللانغان. ياۋروپا پارلامېنتى 11-ئۆكتەبىر 5 نەپەر نامزات ئىچىدىن 3 كىشىنى تاللاپ، 27-ئۆكتەبىر مۇكاپات ساھىبىنى ئېلان قىلىدۇ.
ئىلھام توختى تونۇشتۇرۇلغان 5 مىنۇتلۇق فىلىمدا، ئامېرىكا قەلەمكەشلەر مەركىزىنىڭ رەئىسى پېتېر گادۋېن، ئامېرىكىلىق تىبەتشۇناس، پروفېسسور ئېللىئوت سپېرلىڭ، ساخاروف مۇكاپاتى ساھىبى، خىتاي پائالىيەتچى خۇ جيا قاتارلىق كىشىلەر سۆز قىلغان
http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/saxarov-ilham-toxti-10072016165438.html
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.