logo

trugen jacn

ياۋروپا پارلامېنتىدا «ئىلھام توختى ۋە ساخاروف مۇكاپاتى» تېمىسىدا يىغىن چاقىرىلىدۇ

 

10 ‏-ئۆكتەبىر كۈنى، ياۋروپا پارلامېنتىدا «ئىلھام توختى ۋە ساخاروف مۇكاپاتى» تېمىسىدا بىر مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلىدىكەن. بۇ يىغىن، تۈرمىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەڭ ئالىي مۇكاپاتى بولغان «ساخاروف كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى»غا نامزات كۆرسىتىلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇنىڭ تىنچلىقپەرۋەر پائالىيەتلىرىگە دىققەت تارتىش ئۈچۈن ئېچىلىدىغان بولۇپ، ئۇنى ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى، ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى ۋە خىتايدا ئۆزگىرىش تەشكىلاتى ھەمكارلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان.

ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يىغىن ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشىدا ئېيتىلىشىچە، ياۋروپا پارلامېنت ئەزاسى، ياشلار ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، سىياسەتچى ئىلھان كيۇچۇك رىياسەتچىلىك قىلىدىغان بۇ يىغىنغا ئىلھام توختىنىڭ ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان قىزى جەۋھەرمۇ كېلىپ قاتنىشىدىكەن ۋە سۆز قىلىدىكەن.

ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرى، ئاكادېمىكلەر، كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى، سىياسەتچىلەر ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بىر ئارىغا جەم بولىدىغان بۇ يىغىندا ئىلھام توختىنىڭ تىنچلىقپەرۋەر پائالىيەتلىرى مۇزاكىرە قىلىنىش ئارقىلىق ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ مۇكاپاتنى ئېلىشقا تېگىشلىك كىشى ئىكەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلىدىكەن.

ساخاروف مۇكاپاتىنىڭ بۇ يىللىق ساھىبى 11-ئۆكتەبىر كۈنى ئېلان قىلىنىدۇ. ئەينى چاغدا، ئىلھام توختىنىڭ مۇكاپاتقا نامزات كۆرسىتىلىشى كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن. بەزى كۆزەتكۈچىلەر ساخاروف مۇكاپاتىغا ئىلھام توختىنىڭ ئەڭ مۇۋاپىقلىقىنى ئەسكەرتىپ، ياۋروپا پارلامېنتىنى خىتاينىڭ بۇ ھەقتىكى بېسىمىغا بويۇن ئەگمەسلىككە چاقىرغان ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/saxarov-ilham-toxti-10042016162334.html

Share
1345 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.