logo

trugen jacn

ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇتلەق كۆپ قىسمى خىتايدا ئىلشەپچىقىرىلغان 2 مىڭدىن ئارتۇق مەھسۇلاتنى خەتەرلىك دەپ ئېلان قىلدى

images

ياۋروپا ئىتىتپاقىنىڭ مەھسۇلات سۈپىتىنى نازارەت قىلىشقا مەسئۇل ئورگىنى، كۆپ قىسمى خىتايدا ياسالغان 2400 دىن ئارتۇق ئويۇنچۇق، كىيىم-كېچەك، ئائىلە سايمىنى، ۋاسكېتبول توپى، ۋېلىسىپىت، چاقماق، ئاياق، خۇرۇم چاپان ۋە باشقا تۇرمۇش مەھسۇلات تۈرلىرىنى ئىشلىتىشكە خەتەرلىك بۇيۇملار دەپ ئېلان قىلدى.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىل خەتەرلىك دەپ قارالغان بۇيۇملارنىڭ نىسبىتى ئۆتكەن يىلدىن 3% ئارتقان. مەزكۇر ئورگاننىڭ ئۇقتۇرۇشىدا، ئىشلىتىشكە خەتەرلىك دەپ قارالغان بۇ بۇيۇملارنىڭ 64 % ئى خىتايدا ياسالغان. ياۋروپا كومىتېتىنىڭ ئىستېمالچىلار ئىشلىرىغا مەسئۇل كومىسسارى ۋېرا جورېۋا ئىستېمالچىلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ، «مەن بىر ئانا شۇنداقلا بىر موما بولۇش سۈپىتىدە ئېيتىمەنكى، بالىلار ئويۇنچۇقلىرىنىڭ بۇنداق كۆپ مىقداردا زىيانلىق بولۇشى مېنى ئەندىشىگە سالىدۇ. شۇڭا، بالىلىرىڭىزغا بەرگەن ئويۇنچۇقتىن ھېزى بولۇشىڭىز كېرەك» دېگەن.

ۋېرا جورىۋا دۈشەنبە كۈنى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزگەن ئاخبارات يىغىنىدا يەنە، «ياۋروپا بازىرىغا خىتايدىن بۇنچىلىك كۆپ زىيانلىق مەھسۇلاتلارنىڭ كىرىشى ھەيران قالارلىق ھادىسە» دەپ كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، نۆۋەتتە ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي كارخانىلىرىغا ياۋروپا تاۋار بىخەتەرلىك ئۆلچىمى ھەققىدە چۈشەنچە بەرمەكتىكەن

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/xeterlik-mehxulat-03232015170850.html

Share
1667 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.