logo

trugen jacn

ياڭاقنىڭ شىپالىق رولى ھەققىدە

 

        ياڭاق دورىلىق قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى مېۋىلەرنىڭ بىرى. ياڭاق مېغىزى تاتلىق، تەبىئىتى ئازراق قۇرۇق ئىسسىق بولۇپ، قانچە ئۇزاق تۇرغانسېرى ئۇنىڭ قۇرۇقلۇق دەرىجىسى شۇنچە ئېشىپ بارىدۇ. ياڭاقنىڭ تەركىبىدە ئاقسىل، قەنت، ياغ، كالتسىي ۋە ماگنېي قاتارلىق ئېلمېنتلار مول بولۇپ، ئۇيغۇر تېبابىتىدە ياڭاقنىڭ مېغىزى، پاسىلى، سىرتقى كۆك پوستى ۋە يۇمران شاخلىرىمۇ دورا ئورنىدا ئىشلىتىدۇ.

          ياڭاق قان ئايلىنىشنى ياخشىلايدۇ، بەلغەمنى بوشىتىپ، چاچ ئۆستۈرىدۇ ۋە چاچنى قارايتىدۇ. چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇپ، يەلنى ھەيدەيدۇ. تېرىنى پارقىرىتىپ، مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدۇ. 0.5 كىلوگىرام ياڭاق مېغىزىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى 2.5 كىلوگىرام تۇخۇم ياكى 4.5 كىلوگىرام كالا سۈتىگە باراۋەر كېلىدۇ. ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە 10 گىرام ئۈزۈمنى ياڭاق مېغىزى بىلەن قوشۇپ يەپ بەرسە، باش ئاغرىش، ئۇيقۇسىزلىق، يۈرەك رېتىمسىز سېلىش، ئىشتىھاسىزلىق، بەل-پۇت ئاغرىش، كۆپ چۈش كۆرۈش قاتارلىقلارغا شىپا بولىدۇ. شۇنداقلا يەنە ئادەمنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ. ئۆپكىنىڭ ئىقتىدارىنى ياخشىلاپ، ھەر خىل سەۋەبلەردىن كېلىپ چىققان يۆتەلنى توختىتىپ، بەلغەمنى بوشىتىدۇ. ھۆل ياڭاقنى ئېزىپ يۈزگە سۈرۈپ بەرسە، يۈزدىكى قارا داغلارنى ۋە قورۇقلارنى يوقىتىدۇ. ياڭاق پاسىلىنى قاينىتىپ چاي ئورنىدا ئىچىپ بەرسە، باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ. ياڭاق يېغىنى مۇۋاپىق مىقداردا قۇلاققا تېمىتىپ بەرسە، ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغىغا شىپا بولى
http://saglamlik.bagdax.cn/saglamlik/2/2013/0918/317.html
Share
2596 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.