logo

trugen jacn
15 يانۋار 2015

ياپونىيە ئىچكى كابىنېتى خىتاي تەھدىتى كۆزدە تۇتۇلغان ئاساستا تۈزۈپ چىقىلغان دۆلەت مۇداپىئە خامچوت پىلانى تەستىقلىدى

150114054643_shinzo_abe_624x351__nocredit (1)

ياپونىيە ئىچكى كابىنېتى 14-يانۋار خىتاي تەھدىتى كۆزدە تۇتۇلغان ئاساستا تۈزۈپ چىققان، رازۋېدكا ئايروپىلانى، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە ئەڭ يەڭ تىپتىكى ف-35 كۈرەشچى ئايروپىلان سېتىلىش دۆلەت مۇداپىئە خامچوت پىلانى تەستىقلىدى.

باش ۋەزىر شىنزو ئابې كابىنېتى تەستىقلىغان مۇداپىئە خام چوت سوممىسى 42 مىليارد دوللار بولۇپ، بۇ ياپونىيە دائىرىلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم دۆلەت مۇداپىئەسىگە بۇنداق زور مىقداردا مەبلەغ سېلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

نۆۋەتتە بۇ خام چوت پىلانى ياپونىيە پارلامېنتىغا يوللانغان. شىنزو ئابې تەرەپدارلىرى كۆپ سانلىقىنى ئىگىلەيدىغان پارلامېنتنىڭ مەزكۇر خامچوت پىلاننى تەستىقلايدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن.

بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىلەرگە قارىغاندا، ياپونىيەنىڭ بۇ يىللىق دۆلەت مۇداپىئە خام چوتىنى ئۆستۈرۈش پىلانى ياپونىيەنىڭ خىتاي تەرەپ تالىشىپ كېلىۋاتقان سېنكاكۇ ئاراللىرىنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

ياپونىيە خىتاي ئارىسىدىكى ئارال دەتالىشى كۈچەيگەندىن كېيىن ياپونىيە تەرەپ 2013-يىلى ئۆزىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە كۆرسەتمىسىنى بىر قېتىم يېڭىلاپ خىتاينىڭ ئېتىراز بىلدۈرۈشىگە ئۇچرىغان ئىدى.

ياپونىيەنىڭ بۇ نۆۋەتلىك مۇداپىئە خام چوتى، ئائېگىس ماركىلىق ئېلېكترونلۇق رادار سىستېمىسى بىلەن قوراللانغان ھۇجۇمچى پاراخوتلار، ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىپ تەتقىق قىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسى قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن


http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/yaponiye-iqtisad-01142015162034.html

Share
1557 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.