logo

trugen jacn

ياپونىيەدە «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى خەلقئارا ئىلمىي تەتقىقات يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدۇ

972793a9-edb4-423b-a4d1-9e1e2c4c21e1

ھاجى قۇتلۇق قادىرى

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

15-نويابىر توكيودىكى خوسو ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى خەلقئارا ئىلمىي تەتقىقات يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدۇ.

ياپونىيەدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىن ئىگىلىشىمىزچە،ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشى،مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن بۇ يىل نويابىر ئېيىدا ياپونىيەدىكى داڭلىق دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن بىرى بولغان توكيودىكى خوسو ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە تەتقىقات يىغىنى» چاقىرىلماقچىكەن.

بۇ قېتىمقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىننىڭ ساھىبخانىلىقىنى ياپونىيە خوسو ئۇنىۋېرسىتېتى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، يىغىنغا ئامېرىكا،ئەنگلىيە،كانادا،تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلىرىدىن تۆت نەپىرى قاتنىشىدىكەن.

يىغىنغا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلىرى يىغىندا ئۆزلىرىنىڭ تەتقىقات تېمىسى بويىچە دوكلات سۆزلەيدىكەن.

ئۇندىن باشقا يىغىنغا يەنە ياپونىيە ۋە باشقا ئەللەردىكى بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەرمۇ ئىشتىراك قىلىدىكەن.

بىز مەزكۇر يىغىن ھەققىدە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن ياپونىيە خوسو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپلىك ئوقۇتقۇچىسى فولكلور پەنلىرى دوكتور مۇقەددەس خانىم بىلەن بۇ ھەقتە تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/medeniyet-tarix/yaponiyede-uyghur-08242015165216.html

Share
1822 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.