logo

trugen jacn

ياشاش ئىنساننىڭ تۈپكى مەقسىتى

 ئېرپان مۇزەپپەر

 

كائىناتتىكى بارلىق جانلىق مەجۇداتلارنىڭ ھەممىسىدە ياشاشتىن ئىبارەت ئىستەك بولىدۇ. لېكىن تىرىك مەۋجۇداتلاردىكى بۇ خىل ياشاش ئىسىتىكى پەرقلىق بولىدۇ. بارلىق جانلىق  مەخلۇقلار ئاڭسىز ياشاش ئىستىكى ۋە  ئاڭلىق ياشاش ئىستىكىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ كاتېگورىيەگە ئايرىلىدۇ.  ئىنساندىن باشقا بارلىق مەخلۇقلار ئاڭسىز ياشاش ئىستىكى كاتىگورىيىسىگە تەئەللۇق بولۇپ،ئۇلاردىكى بۇ خىل ياشاش ئىستىكى تەبىئىي تۇغما ۋە چەكلىك بولىدۇ. بۇ خىلدىكى مەخلۇقلار ئۆزلىرىدە تەبىئى مەۋجۇت بولغان ياشاش ئىستىكىنى شەرتسىز رېفلېكس ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئوزۇقلىنىش بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. بۇ خىل مەخلۇقلار قورسىقى ئاچقاندا تەبىئىي ھالدا ئۇزۇقلۇنۇش ئارقىلىق ياشاش ئىسىتكىنى قاندۇرۇپ ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ياشاش ئىستىكى ۋاقىتلىق قانائەتلىنىدۇ. ئىنسانلار تەبىئىي تۇغما ۋە ئاڭلىق ياشاش ئىستىكى كاتىگورىيىسىگە تەئەللۇق بولۇپ، ئۇلاردىكى ياشاش ئىستىكى ئۇزۇقلۇنۇش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. چۈنكى  بۇ خىلدىكى مەخلۇقلار ئىجتىمائىيلىققا ئىگە بولغانلىقتىن ئۇلار يەنە مۇئەييەن ئىجتىمائىي ئىستەككە ئىگە بولىدۇ. ئۇلاردىكى ياشاش ئىستىكى چەكسىز بولىدۇ. ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائىي ئىستەك- مەقسەتلىرىنىڭ مەزمۇن دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ ۋە چەكسىز. ئەلۋەتتە، بۇ خىل ئىستەك- مەقسەتلەر ئىجابىي ياكى سەلبىي ئىستەك- مەقسەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ. ئۇلار ھاياتىدا بۇ خىل مۇئەييەن ئىجتىمائىي ئىستەك- مەقسەتلىرىگە يېتىشنى خالايدۇ، ھەمدە ئۇنى ئەمەلىيلەشتۇرۇشكە ئىنتىلىدۇ. ئىنسانلار بىر تەرەپتىن ئۆزلىرىدە تەبىئى مەۋجۇت بولغان ياشاش ئىستىكىنى شەرتسىز رېفلېكس ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئوزۇقلىنىش ۋە ئاڭلىق ھالدا ئۇزۇقلىنىش ئارقىلىق قاندۇرۇپلا قالماستىن يەنە بىر تەرەپتىن ھاياتىدىكى مۇئەييەن ئىجىتىمائىي ئىستەك- مەقسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېرىشىدۇ. ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائىي ئىستەك- مەقسەتلىرى تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي شارائىتلارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۆچراش سەۋەبى بىلەن ئىنسانىيەتنىڭ ياشاش ئىستەك- مەقسەتلىرى خىلمۇ خىل بولىدۇ. مەسىلەن، دۇنيا ئاھالىسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئىگەللەيدىغان ئىشچى- دېھقانلارنىڭ ئىستەك-  مەقسەتلىرى ئومۇمەن ئائىلسىنى ياخشىراق بېقىش ۋە بالىلىرىنى ياخشىراق تەربىيەلەش دائىرىسىدە چەكلىنىدۇ. ئىنسان ئىجتىمائىيلىققا ئىگە مەخلۇق بولغانلىقتىن ئىنساننىڭ ياشاشتىكى مەقسىتى پەقەتلا ئۆمۈر سۈرۈش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن يەنە ياخشىراق ياشاش ۋە ئىنسانىيەتكە قولدىن كەلگىچە تۆھپە قوشۇش ئۈچۈن ياشلىق دەۋرىدىن باشلاپ ئىرادىلىك بولۇپ غايە تېكلەپ، بۇ غايىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئەجىر سىڭدۈرۈشى لازىم.

2020- يىلى  سېنتەبىر

Share
3182 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.