logo

trugen jacn

ئىلھام توختى قاتارلىق ئونلارچە كىشىگە خەلقئارالىق مۇكاپات بېرىلدى

_SMA_L_GASP_RAL_

بارتىن مۇخبىرلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان «ئىسمائىل غاسپىرالى ژۇرنالىستلىق ۋە كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» نى تارقىتىش مۇراسىمى بارتىندا ئۆتكۈزۈلدى

    بارتىن مەدەنىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا سۆز قىلغان ۋالىي سەيفەتتىن ئازىزئوغلۇ، بىرلىرىنىڭ ئىسلام جۇغراپىيەسى ۋە تۈرك دۇنياسىنى ‹رەتلەش› كە، تەرتىپكە سېلىشقا، قاننى ۋاسىتە قىلىپ يېڭى سەرمايىلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشقا تىرىشقانلىقىنى ئېيتتى
b578359e-12cb-432c-998b-e092221ff07dيېقىن جۇغراپىيەمىزدە كەركۈكنىڭ، سۈرىيەنىڭ قان يىغلاۋاتقانلىقىنى، لېكىن تۈرك ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ بىرلىكىنى، جانلىقلىقىنى، كۈچىنى، ئىمانىنى بىرلەشتۈرەلمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئازىزئوغلۇ مۇنۇلارنى قەيت قىلدى: «شۇنىڭ ئۈچۈن داۋاملىق ئۆز ئالدىمىزغا ئىش قىلىمىز. ئۆز ئالدىمىزغا ئىش قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن، ھەممە باشقا پەدىگە چالىدۇ ۋە بۇ ساز تەڭكەش بولمايدۇ. تەڭكەش بولمىغانلىقى ئۈچۈن بىرلىرىنىڭ ئويۇنلىرى داۋام قىلىدۇ. بىرلىرىمىز بۇ ئويۇنلارنىڭ گۇماشتىسى بولۇشنى، بۇ ئويۇنلارنىڭ ئاستىدا قېلىشنى، قېنىمىزنى ئېقىتىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئىنشائاللاھ، بۈگۈن بۇ يەردە باشلانغان گۈزەللىك پۈتۈن ئىسلام جۇغراپىيەسىدە، تۈرك دۇنياسىدا دەستۇر بولغۇسى ۋە تۆكۈلگەن كۆز ياشلىرى، ئېزىلگۈچىلەرنىڭ پەريادى ئاخىرلاشقۇسى، بۇنىڭ بىلەن ئاللاھ بۇ مىللەتكە، بۇ ئۈممەتكە رەھمەت قىلغۇسى. ئاللاھنىڭ رەھمەت قىلىشى بىلەن بۇ مىللەت شانلىق تارىخىغا قايتقۇسى. بىزمۇ بىر كۈنى بۇ دۇنيادا، زېمىنىمىزنىڭ ئۈستىدە كۈلۈشكە باشلىغايمىز. بىزنىڭ كۈلكىمىز پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ كۈلكىسى دېگەنلىك بولىدۇ. ئىنشائاللاھ، بۇ مىللەت دۇنيانىڭ خاتىرجەملىكى ۋە تىنچلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.

ژۇرنالىستلار كونفېدېراتسىيەسىنىڭ باشلىقى نۇرى كولايلى، ئاخباراتچىلىق ساھەسىدە مەتبۇئاتنىڭ كەسىپ، ئەخلاق ۋە پىرىنسىپلىرىغا رىئايە قىلمايدىغان كىشىلەرنىڭ باش كۆتۈرۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە خالىغان كىشىنىڭ تەلىم – تەربىيەسى، ئىلىم – سەۋىيەسىگە قارىماستىن مۇخبىرلىق قىلالايدىغان كەيپىيات پەيدا بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «بۇ ئەھۋالدا بىزمۇ ئانادولۇ (ئاناتولىيە) دا پىداكارلارچە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقانلار بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، كەسپىمىزنىڭ شەرىپىنى قوغداش ۋە ئۆزىگە لايىق ئورۇنغا ئىگە بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش يولىدا ژۇرنالىستلار كونفېدېراتسىيەسى بايرىقى ئاستىدا ئۆزئارا ئۇچراشتۇق. بۈگۈن نامىغا بېغىشلاپ مۇكاپات بېرىلىدىغان ‹ئىسمائىل غاسپىرالى›، زامانىۋىلىشىشنىڭ بىردىنبىر يولىنىڭ مائارىپ ئىكەنلىكىگە ئىشىنەتتى.» دېدى.

بارتىن شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى جەمال ئاقىن، گارنىزون قوماندانى دېڭىز ئارمىيەسى پېشقەدەم پولكوۋنىكى مەھمەت ئەردەمىر، بارتىن ئۇنىۋېرسىتېتى مۇدىرى پىروفېسسور دوكتور رامازان كاپلان بىلەن دۆلەت ئىدارە – ئورگانلىرىنىڭ مۇدىرلىرى ۋە ژۇرنالىستلار ئىشتىراك قىلغان مۇراسىمدا مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ سۆزلىرى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن «ئىسمائىل غاسپىرالى ژۇرنالىستلىق ۋە كىشىلىك ھوقۇق» مۇكاپاتلىرى تارقىتىپ بېرىلدى.

تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان ئەللەر مېدىيا مۇنبىرىنىڭ نۆۋەتچى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور ئاتا ئاتۇن باھالىغۇچىلار ھەيئىتى باشلىقلىقى ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان 2014 – يىللىق «ئىسمائىل غاسپىرالى ژۇرنالىستلىق ۋە كىشىلىك ھوقۇق» مۇكاپاتلىرىنىڭ تۈرى ۋە ئۇنىڭغا لايىق بولغۇچىلارنىڭ تىزىملىكى تۆۋەندىكىچە:

* مۇنەۋۋەر ئاگېنتلىق مۇخبىرى: ئالى مۈكەررەم كاساپئوغلۇ – ئانادولۇ ئاگېنتلىقى – كەركۈك
* مۇنەۋۋەر ژۇرنالىست: بۈنيامىن ئايگۈن – مىللىيەت گېزىتى
* ئەڭ ياخشى ئانا خەۋەر پىروگراممىسى: فوكس ئانا خەۋەر
* ئەڭ ياخشى ئەر دىكتور: ۋەيىس ئاتەش
* ئەڭ ياخشى خەۋەر تورى: ئىنتېرنېت خەۋەر
* ئەڭ ياخشى خەۋەر قانىلى: خابەرتۈرك
* ئەڭ مۇنەۋۋەر خەۋەر دىكتورى: ئاھمەت رىفات ئالبۇز
* مۇنەۋۋەر گېزىت: يېڭى ئەسىر
* تۈرك دۇنياسى رادىيو مۇكاپاتى: ئابدۇلئەھەد ئەر
* مۇنەۋۋەر خەۋەر ئاگېنتلىقى: دوغان خەۋەر ئاگېنتلىقى
* مۇنەۋۋەر يازغۇچى: كۈرشات زورلۇ – يېڭى چاغ گېزىتى
* تۈرك دۇنياسى تەنتەربىيە قانىلى: سىتار سپور
* خەلقئارا ژۇرنالىستلىق مۇكاپاتى: چېگراسى مۇخبىرلار تەشكىلاتى تۈركىيە ۋەكىلى ئەرول ئۆندەرئوغلۇ
* تۈرك دۇنياسى ژۇرنالىستلىق مۇۋەپپەقىيەت مۇكاپاتى: ياۋۇز بۈلەنت ئارىنچ باكىلەر
* تۈرك دۇنياسى تېلېۋىزىيە مۇكاپاتى: تۈركمەنئەلى تېلېۋىزىيەسى
* تۈرك دۇنياسى تېلېۋىزىيە مۇكاپاتى: TRT ئاۋاز
* تۈرك دۇنياسى تېلېۋىزىيە مۇكاپاتى: ئا ر ت تېلېۋىزىيەسى
* تۈرك دۇنياسى خەۋەر ئاگېنتلىقى مۇكاپاتى: قىرىم خەۋەر ئاگېنتلىقى
* تۈرك دۇنياسى يازغۇچىلار مۇكاپاتى: لۈتفى شاھسۇۋارئوغلۇ
* تۈرك دۇنياسى ھۆججەتلىك فىلىم مۇكاپاتى: قىرىمئوغلۇ – بىر خەلقنىڭ مۇجادىلىسى – زافەر قاراتاي – TRT
* تۈرك دۇنياسى ھۆججەتلىك فىلىم مۇكاپاتى: غاسپىرالى ھۆججەتلىك فىلىمى – نەشە سارىسوي قاراتاي – TRT
* مۇنەۋۋەر تەنتەربىيە قانىلى: NTV تەنتەربىيە قانىلى
* ئەڭ ياخشى تېلېۋىزىيە قانىلى: NTV
* ئەڭ ياخشى ھۆججەتلىك فىلىم: زامان يولچىسى – قىرىم تۈركلىرى – NTV
* مۇنەۋۋەر رادىيو: NTV رادىيو
* مۇنەۋۋەر تېلېۋىزور مۇخبىرى: مەتە چۇبۇكچۇ – NTV
* مۇنەۋۋەر تەنتەربىيە ئانالىزچىسى مۇكاپاتى: ناجى ئاركان
* ژۇرنالىستلىق كەسىپداشلىق تەشكىلاتى مۇكاپاتى: مۇخبىرلار كونفېدېراتسىيەسى، ئەزەربەيجان يازغۇچىلار بىرلىكى،
* ژۇرنالىستلىق سىجىل ئۇتۇق مۇكاپاتى: سەيفۇللاھ تۈركسوي
* ژۇرنالىستلىق ئورگان مۇكاپاتى: مەتبۇئات، ئېلان ئورگىنى
* تېلېۋىزىيە مۇۋەپپەقىيەت مۇكاپاتى: ئادا تېلېۋىزىيەسى – شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى، ئەزەربەيجان تېلېۋىزىيەسى ‹AZ TV›
* پىكىر بىرلىكى مۇكاپاتى: گۆچەبە ئويۇنلىرى – قىرغىزىستان
* تۈرك دۇنياسى ھەمكارلىق مۇكاپاتى: تۈركىيە سودا – سانائەت ۋە پاي چېكى بازارلىرى ئۇيۇشمىسى
* باھالىغۇچىلار ئالاھىدە مۇكاپاتى: يېقىن شەرق ئۇنىۋېرسىتېتى- شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى
* تۈرك دۇنياسى ژۇرنالىستلىق، ئەركىنلىك مۇكاپاتى: ئىلھام توختى
* ئورگان خاراكتېرلىك ھۆججەتلىك فىلىم مۇكاپاتى: سۈرگۈننىڭ ساداسىز شاھىتلىرى – ساۋاش بوزقايا
* ژۇرنالىستلىق ئالاھىدە مۇۋەپپەقىيەت مۇكاپاتى: كەمال چارپاز
* تۈرك دۇنياسى خەۋەر تور بېتى مۇكاپاتى: كوسوۋو خەۋەر – رائىف كىركۇل
* ژۇرنالىستلىق ئۆمۈر بويى مۇۋەپپەقىيەت مۇكاپاتى: يېڭى ئادانا گېزىتى (ئاھمەت چەتىن يۈرەگىر)، بارتىن گېزىتى (ئەسەن ئالىش)، خىزىربەگ غەيرەتۇللاھ – ئۇيغۇر ئېلى، ئاتا تەرزىباشى، كەمال ساللى
* ژۇرنالىستلىق قوللاش مۇكاپاتى: بارتىن ۋالىيسى سەيفەتتىن ئازىزئوغلۇ، بارتىن شەھەرلىك ھۆكۈمەت باشلىقى جەمال ئاقىن، بارتىن ئۇنىۋېرسىتېتى مۇدىرى پىروفېسسور دوكتور رامازان كاپلان
* كىشىلىك ھوقۇق ئالاھىدە شەرەپ مۇكاپاتى: شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى دەرۋىش ئەرئوغلۇ
* كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى: ئابدۇلجەمىل قىرىمئوغلۇ، قىرىم – تاتار مىللىي مەجلىسى، سۇرىيە تۈركمەن مەجلىسى، ۋالىي ۋەيسەل دالماز، ئەزەربەيجان پارلامېنت ئەزاسى گانىرا پاشايېۋا، ئىراق پارلامېنت ئەرشات سالىھى
* ئىسمائىل غاسپىرالى مۇكاپاتى: گۈلنار سېيىتۋانىيېۋا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى

Share
3115 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.