logo

trugen jacn

بىر سابىق سىياسىي تۇتقۇننىڭ خىتاي تۈرمىسىدىكى كۈلپەتلىرى -1

e1dd61b4-8d98-45bf-9c5c-0470dd4446fb

ەركىن تارىم

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ېقىندا مالايشىيا ئارقىلىق تۈركىيەگە قېچىپ كەلگەن 50 ياشتىكى ئادىل ئابدۇغوپۇر ئەپەندىنىڭ ئۆز ھايات كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ بېرىشىچە، ئۇ 1991-يىلىدىن 2010-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە 2 قېتىم تۈرمىگە تاشلانغان بولۇپ، جەمئىي 17 يىلغا يېقىن ۋاقىت تۈرمىدە ياتقان

بۇ 17 يىللىق تۈرمە ھاياتىدا ئەقىلگە سىغمايدىغان بېسىم ۋە جازالاش ئۇسۇللىرىغا ئۇچرىغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە 1991-يىلى تۇنجى قېتىم خىتاي ئۇنى «مىللىي، ئەسەبىي ئۇنسۇر»، «ۋەتەننى پارچىلاشقا ئۇرۇندى» دېگەن جىنايەت بىلەن تۈرمىگە تاشلىغان بولۇپ، بىرىنچى تۈرمە ھاياتى تارىم ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرىدا ئۆتكەن

كېيىن 1998-يىلى 2-ئايدا غۇلجا ۋەقەسى بىلەن چېتىشلىق دەپ قارىلىپ، بېيجىڭ ئايرودرومىدا تۇتۇلۇپ، 12 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىپ، 12 يىل ئۈرۈمچى 1-تۈرمىسىدە ياتقان

بۇ جەرياندا نۇرغۇن ئۇيغۇرنىڭ تۈرمە ھاياتىغا چىدىيالماي ئۆلگەنلىكىنى، ھەتتا كۆزىنىڭ ئالدىدا خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرگەن. ئۇ، بىزگە بۇ ئېچىنىشلىق تۈرمە ھاياتىنى مىساللار بىلەن سۆزلەپ بەردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن مۇخبىرىمىزنىڭ ئادىل ئابدۇغوپۇر ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنى ئاڭلىغايسىلەر

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/turmide-olgen-uyghur-10302014144341.html

Share
1957 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.