logo

trugen jacn

نېمە ئۈچۈن دەل بۇ كۈنلەردە ئىلھام توختىنى ”خائىن“ ئېلان قىلىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلۇپ قالدى؟

مەھمەتىمىن ھەزرەت

نېمە ئۈچۈن دەل بۇ كۈنلەردە ئىلھام توختىنى ”خائىن“ ئېلان قىلىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلۇپ قالدى؟

 

ئۆز قانۇنىنى ئاياق ئاستى قىلغان دۆلەتنىڭ ئۆز قىزىغا تاجاۋۇز قىلغان دادىدىن پەرقى يوقتۇر
-ئىلھام توختى-

بۇ سۆز 20 يىل خىتاي دۆلىتىگە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىپ ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەندىن كېيىن، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ خاراكتىرىنى دۇنياغا ئېلان قىلغان تارىخى بىر جۈملىدۇر. بۇ سۆز خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئىچىگە قىزىلمۇچ بولۇپ تۆكۈلدى ۋە ئىلھام توختىنىڭ زۇۋانىنى تۇنجۇقتۇرالماي كېلىۋاتقان ئىشخالچى جاللاتلار گۇرۇھى ئىلھام توختىنى ”ۋەتەن خائىنى“ جىنايىتى بىلەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى

ئىلھام توختى تۇرمىغا قامالغىلى 3 يىل بولدى. بۇ 3 يىل جەريانىدا ئىلھام توختىغا چېتىلىپ تۇرمىدە جىسمانى ۋە روھى ئازاب چېكىۋاتقان ئۇيغۇرنىڭ سانى يۇزلەرگە يەتتى. ئىلھام توختىنىڭ ھايات بولۇپ، بولمىغانلىقىنى بىلىشمۇ مۇمكىن بولمايۋاتىدۇ.ئۇنىڭ بېجىڭدىكى، ئاتۇشتىكى ۋە چەتئەلدىكى ئائىلە ئەزالىرى پەرىشان ۋە مۇسىبەت ئىچىدە. ۋەتەندە مەيلى تۈرمىلەردىكى ۋە ياكى تۇرمە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ئىلھام توختىنىڭ ئەھۋالىدىن بەك پەرقىسىز. ئۇيغۇر مىللىتى ئۇمۇمىيۈزلۈك ئۆلۈم گىردابىغا ھەيدىلىپ كېتىلىۋاتقان بۇ دەھشەتلىك قارا كۈنلەردە چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كىملەردۇر، بۇ ئۆز كۆڭۈللىرىگە ئوخشاش قاراڭغۇلۇققا دىققەت قىلىش ئورنىغا، خىتاي “خائىن” دەپ تۈرمىغا قامالغان ئىلھام توختىنى “خائىن” ئېلان قىلىشى، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە شىددەتلىك زىلزىلە پەيدا قىلدى. خىتاي ئىشاخالىيەتچى ھاكىمىيىتى بارلىق ئۇيغۇر ئانىلارنى تۇل، پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىي روھىنى قۇل قىلىش يولىدا دۆلەتنىڭ ھەممە كۇچ ۋە ئىمكانىيەتلىرىنى سەپەرۋەر قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە نېمە ئۈچۈن چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دىققىتىنى خىتاي مىللىي قىرغىنچىلىقىدىن، مىللەتنى ئۆزئارا بوغۇشۇشقا سۆرەيدىغان تەرەپكە بۇراش زۆرۈرىيەت توغۇلۇپ قالدى؟

چەتئەلدە ئىلگىرى، ئاخىرى بولۇپ ئىلھام توختىغا ھاقارەت قىلغان، “خائىن” دەپ يازغان بىر نەچچە ئادەم بار. ئۇلارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى مىللىي داۋادا بىر پالتىغا ساپ بۇلالمىغان،ئامما ئۇيغۇر جامائىتىدىن بۈيۈك ھۆرمەت تەلەپ قىلىدىغان كىبىرلىك ئوقۇغان ياكى قۇلاق موللىسى جاھىل ھارامزادىلەر بولغانلىغىنى بىلىمىز. بىر قانچە قاغىنىڭ تاغ چوققىسىغا قونۇپ چىچىپ قويۇپ، قاقىلداپ قويۇپ ئۇچۇپ كېتىشى تاغنىڭ ھەيۋىسىگە قىلچە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ

نېمە ئۈچۈن “ئىلھام توختى خائىن” دېگەن ھاقارەت دەل بۈگۈن ئورتىغا چىقتى؟ چۈنكى، بۇ كۈنلەردە ياۋروپا پارلامېنتى ۋە بىر قانچە نوبېل مۇكاپات ئىگىسى بولغان كىشىلەر، ئىلھام توختىنى 2018. يىلللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى نامزاتىغا كۆرسىتىش ئۈچۈن جىددى ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر مىللىتىنى سۈيۈندۈرىۋاتقان بۇ خەۋەر، بىر ئۇچۇم كىشىلەرنىڭ ئىچىگە قىزىلمۇچ تۆكۈۋەتتى ۋە ئۆزلىرىنى تۇتالماي كۆڭلىدىكى ئاغزىدىن چىقىپ كەتتى. ئۇيغۇرلاردا “ئىچى ياماننىڭ كۆڭلى خوش بولماس” دەيدىغان ئاتا سۆزى بار. ئىلھام توختىنى “خائىن “دېگۈچىلەر، ئىلھام توختىنى تونۇتۇش ئۈچۈن “ئىلھام توختى گۇرۇپپىسسى” قۇرغان ئەنۋەر جاننى ئاپتونومىيەچى دەپ قارىلاپ يۈرۈشتى. يېقىندىن بېرى چەتئەلدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە ئۇيغۇر ئاياللىرى مىسلىسىز دەرىجىدە ئويغاندى، ئۇيۇشتى ۋە خىتاينىڭ شەرقى تۇركىستاندىكى جىنايىقىلمىشلىرىنى پاش قىلىش ئۇچۇن ئىجتىمائىي پائالىيەتكە ئاتلاندى.چەتئەلدىكى ئوت يۇرەك ئۇيغۇر زىيالىلىرىدىن تەركىپ تاپقان “مەشئەل گۇرۇپپىسى“ ئۇيغۇرچە،خىتايچە، ئىنگىلىزچە، تۇركچە، ياپۇنچە بلوگ تۇرى نەشىر قىلىپ مىللى داۋايىمىزدا بۇيۇك بىر بوشلۇقنى تولدۇردى ۋە ئۇيغۇر مىللىتنىڭ دات- پەريادىنى پۇتۇن دۇنياغا ئاڭلىتىۋاتىدۇ. ئامما بۇ ”ئەرباپلار“ مەشئەل گۇرۇپپىسىنى ”خىتابچى“ دەپ سېسىتىشقا ئۇرۇندى. ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئىجتىمائى تاراتقۇلاردا ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي زۇلۇمىنى پاش قىلىش ھەركىتى ئالقىشقا سازاۋەر بىر ئاممىۋىي ھەركەتتۇر. بۇ بىر ئۇچۇم كىشىلەر،ئاياللار ھەركىتىنى بولسا ھېچ كۆزگە ئىلمىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بېلگىيىدىكى ياۋروپا پارلامېنتى ئالدىدا 5 مىڭ كىشىلىك نامايىش قىلىش چاقىرىقى بۇلارنى تېخىمۇ چىچاڭشىتقان بولىشى مۇمكىن. بۇ ئادەملەر، كىم ئۇيغۇر مىللىتىگە پايدىلىق ئىش قىلىپ ئىسمى كۈنتەرتىپكە كەلسە ئۇنى سېسىتىشقا ئۇرۇنىدۇ، ئۇنى قارىلايدۇ. كۆرەلمەس ئىنسانلارنىڭ كۆڭلى باشقىلارغىلا ئەمەس، ئۆزىگىمۇ دۈشمەن. چۈنكى، ئۆز ئابرويىنى تۆكۈشكە ئۆزىنىڭ نىيىتى سەۋەب بولىدۇ

ئىلھام توختىنى “خائىن“ دېگۈچىلەرنىڭ نەزىرىدە، ئىلھام توختى “مۇستەقىللىق” شۇئارنى كۆتۈرۈپ چىقمىغانلىقى ئۈچۈن “خائىن” ئاتىلىشقا لايىقمىش. ئۇنداقتا، ئىلھام توختى دېيەلمىگەن “مۇستەقىللىق” شۇئارنى سىلەر ئىلھام توختى ياشىغان بېجىڭغا بېرىپ ۋاقىرىشىڭلارنى كىم توستى؟ قولۇڭلاردا چەتئەل پاسپورتى بار. سىلەرنى خىتاي “تەرۆرىست” تىزىملىكىگە كىرگۈزگىنى يوق. تۇسالغۇسىز بېجىڭغا ئۇچۇپ بارالايسىلەر. ئىلھام توختى ياشىغان ئورۇن، شارائىت ئاستىدا ئىلھام توختى دېيەلمىگەن گەپنى دەپ، قىلالمىغان ئىشنى قىلىپ “قەھرىمان” بولۇشنى ئويلاپ باقتىڭلارمۇ؟ ئۇيغۇرلاردا يەنە بىر ئاتا سۆزى بار “ئۆگزىگە چىقىۋالغان ئىتتىن قورقمايدۇ”. چەتئەلدە “مۇستەقىللىق” دىگەن پولات قورغاننىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنىۋېلىپ، دۈشمەن بىلەن جەڭ قىلىۋاتقانلارغا ئارقىدىن ئوق ئاتسام بۇ نادان ئۇيغۇرلار مېنى ئالقىشلايدۇ، دەپ ئويلىغان بولساڭلار دۇنيانىڭ ئەڭ ئاخماق ئادەملىرى سىلەر دېمەكتۇر

مەن 1997. يىلى ”مۇستەقىللىق كۇرىشى“ دىگەن كىتاپنى يېزىپ ئوز مەيدانىمنى شەرھىلىگەن ۋە ئۇيغۇر مىللىتىنى بۇ يولغا چاقىرغان بىر كىشىمەن. پىكىر ۋە سىياسى پىرىنسىپلىرىم ھازىرمۇ قىلچە ئوزگەرگىنى يوق. بىراق، ئىلھام توختىنىڭ تۇتقان يولىغا، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۇچۇن ئوتتۇرىغا قويغان تەشەببۇسلىرىغا ئاڭلىق مۇئامىلە قىلدىم، ھورمەت كورسەتتىم. چۇنكى، ئىلھام توختى ئۇستى ئۇچۇق تۇرمىدە ياشايدۇ، مەن ئەركىن دۇنيادا ياشايمەن

مۇستەقىللىق، “مۇستەقىللىق “دەپ ۋاقىراپلا قويۇش بىلەن قولغا كېلىدىغان بولسا ئىدى، بىز ئۇيغۇرلار ۋەتەن ھەسرىتىدە دۇنيانىڭ ھەممە يېرىگە چېچىلىپ ئازاب ئىچىدە ياشىمىغان بولاتتۇق. دۇنيادىمۇ ئىزىلگەن ھېچبىر مىللەت قالمىغان بۇلاتتى

ئىلھام توختىنى “خائىن” دەپ ھاقارەت قىلىۋاتقانلارنى، ئىلھام توختىنىڭ خىتاي تۈرمىسىنىڭ قاراڭغۇ كامىرلىرىدا پۇتىدا 6 كىلولۇق ئىشكەل، قولىدا 4 كىلولۇق كىشەن بىلەن 3 يىلنى قانداق ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقانلىغىنى تەساۋۋۇر قىلىپ بېقىشقا ئۈندەي دىدىم، ئامما ۋاز كەچتىم. چۈنكى، ئىلھام توختىنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالىنى ئەقىل بىلەن ۋىجدان بىللە ياشىغان كۆڭۈللەرلا تەسەۋۋۇر قىلالايدۇ

مەن ئەخمەتجاننى تالانتلىق بىر ئۇيغۇر شائىرى دەپ تونۇيتتىم. ۋەتەندە ھەم چەتئەلدە ئەخمەتجاننى مىللىتىمىزنىڭ كىلەچەگى ئۈچۈن كېرەكلىك ئەڭ پارلاق تەپەككۇر ئىگىلىرىدىن بىرسى سۈپىتىدە ئۆز قېرىندىشىمدەك كۆرۈپ كەلگەن ئىدىم. ئەخمەتجاندا تەنقىد بىلەن ھاقارەتنىڭ مەنىسىنى پەرقلەندۈرگىچىلىك ئەقىل يوقلىقىنىمۇ بىلمەيتتىم.ئەتىراپىدىكى بىر قانچە بۇزۇق ئادەمنىڭ دەي دىيىگە كېلىپ ئومۇر بويى تىلىغا چۇلۇك بولۇپ ئوتكۇزىلىدىغان سوزنى قىلىپ تاشلىغۇدەك دەرىجىدە بىخۇت، مەسئۇليەتسىز بىر خاراكتىرگە ئىگە ئىكەنلىگىنى ھېچ تەسەۋۋۇر قىلىپ باقمىغان ئىدىم. خاتالىقنى كەچۈرۈش مۇمكىن. ئامما خىيانەتنى كەچۈرۈش مۇمكىن ئەمەس. مېنىڭ كۆڭلۈمدىكى ئەخمەتجان ئۆلدى. تاكى ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىن كەچۈرۈم سوراپ، ئۇلارنىڭ كەچۈرىشىگە ئېرىشكەنگە قەدەر مېنىڭ نەزىرىمدە ئەخمەتجان ئوسمان دېگەن بىر ئىنسان يوقتۇر

نېمە ئۈچۈن دەل بۇ كۈنلەردە ئىلھام توختىنى “خائىن” ئېلان قىلىش زۆرۈرىيىتى قۇغۇلۇپ قالدى؟ ھەر بىر ۋىجدانلىق ئۇيغۇرنىڭ بۇ مەسىلە ئۈستىدە تەپەككۇر يۈرگۈزۈشىنىڭ، دوستلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ دۇشمەننىڭ قېلىچىنى بىلەيدىغان بېلەي تېشى بولغۇچىلارنى پەرق ئېتىشكە پايدىلىق دەپ قارايمەن

Share
8714 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.