logo

trugen jacn

نۇسرات گانى ۋە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى

سەمەت ئابلا

نۇسرات گانى خانىم، ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى. ئۇ ئۆتكەن ئىككى يىلدىن بېرى، ئۇ ئەنگلىيە پارلامېنتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىق قىلمىشلىرىنى ئىزچىل ئەيىبلەپ كەلگەنلىكى سەۋەبلىك، خىتاي ھۆكۈمىتى ئالدىنقى ئايدا نۇسرات گانى خانىمغا باشقا 8 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى، تەتقىقات خادىملىرى ۋە قانۇنچىلار بىلەن بىرلىكتە جازا بەرگەن ئىدى. ئەمما، خىتاينىڭ بۇ جازاسى ئۇنى ئۇيغۇرلارنى قوللاشتىن چېكىندۈرەلمىدى، بەلكى ئۇنىڭ ئىرادىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. بۇ قېتىم ئەنگلىيە پارلامېنتىدا «ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىق» قارارىنىڭ ئېلىنىشىدا نۇسرات گانى خانىمنىڭ تۆھپىسى ئىنتايىن زور بولدى.

نۇسرات گانى خانىم، 1972 – يىلى پاكىستان ئىشغالىيىتىدىكى كەشمىردە تۇغۇلغان بولۇپ، كىچىك ۋاقتىدا ئاتا-ئانىسى بىلەن بىرگە ئەنگلىيەگە كۆچمەن بولۇپ كەلگەن ۋە بېرمىڭھام شەھىرىدە ئۆسۈپ، ئوقۇپ چوڭ بولغان. ئىككى ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرگەن. 2010 – يىلدىن ئېتىبارەن سىياسىي ھاياتىنى باشلاپ، 2015 – يىلى ئەنگلىيە پارلامېنتىغا كىرگەن. نۇسرات گانى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق -ھوقۇقلىرىنى قوغداش، خىتاينىڭ «ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقى»نى دادىللىق بىلەن پاش قىلىش ۋە ئۇنى توسۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ھەققانىيەت جەڭچىسى بولۇش سۈپىتىدە، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سۆيۈملۈك دوستى ۋە قەھرىمانىغا ئايلاندى! ئۇنىڭ ئۇيغۇر دوپپىسىنى كىيىپ، ئۇيغۇر ئەتلىسىنى سارى قىلىپ سېلىپ نۇتۇق سۆزلىگەندىكى ئاشۇ گۈزەل سىيماسى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەلبىگە نەقىش بولۇپ ئويۇلدى!
نۇسرات گانى خانىم ھازىرغىچە بىزنى كۈچلۈك قوللاپ كەلگەن باشقا غەربلىك سىياسەتچىلەردىن مۇنداق بىر قانچە جەھەتتىن پەرقلىنىدۇ. بىرى كۆچمەن، يەنە بىرى مۇسۇلمان ئايال.

مەن تۈنۈگۈندىن بېرى، ئەگەر نۇسرات گانى پاكىستاندا ئۆسۈپ يېتىلگەن ۋە مۇشۇ كۈندە پاكىستان پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى بولغان بولسا ھازىرقىدەك بىزنى قوللىيالىشى مۇمكىن بولارمىدى؟ دېگەننى ئويلىدىم. مەنچە ناتايىن.

نۇسرات گانىنى ھەققانىيەت ئۈچۈن، ئىنسانلىق ئۈچۈن، بىزدەك زۇلۇم چەككەنلەر ئۈچۈن تىك تۇرالايدىغان روھ ۋە جاسارەتكە ئىگە قىلغان ئامىل، ئۇنىڭ ئادالەتسۆيەر پەزىلىتىدىن باشقا، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇنىڭ دەل ئەنگلىيەدە يىلتىز تارتقان غەربچە ئىنسانپەرۋەرلىك، دېموكراتىيە، ئىنسان ھەقلىرى قىممەت قارىشىدۇر! بۇ بىز ئۈچۈن پولاتتەك پاكىتقا ئايلاندى. بۇنى كۆرمەسلىك، چۈشەنمەسلىك ياكى چۈشىنىشكە تىرىشماسلىق بىخۇدلۇق، نادانلىقتۇر!

يەنە شۇنداقمۇ ئويلاپ باقايلى، ئەگەر نۇسرات گانى خانىم، سەئۇدى ئەرەبىستاندا، ياكى «ئاياللارنىڭ ئورنى قازان بېشىدا، ئۇلارنىڭ بۇ دۇنيادىكى ۋەزىپىسى بالا تۇغۇش، ئېرىنى كۈتۈش…» دەپ قارايدىغان تالىبان ياكى دائىش دۆلىتىدە (ئەگەر مەۋجۇت بولغان تەقدىردە) ياشاپ قالغان بولسا، سىياسەتچى بولالىشى، ئەرلەر بىلەن باراۋەر دۆلەت ئىشلىرىغا ئارلىشالىشى، ئادالەت ئۈچۈن، ئېزىلگەنلەر ئۈچۈن سەھنىلەردە سۆزلىيەلىشى مۇمكىن بولارمىدى؟! ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى! بۇنى ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ!!!

شۇڭا، ئاخىردا مىللەتداشلىرىمغا دەيدىغىنىم، ئۇيغۇر مىللىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىر تەرەپتىن تولىمۇ خەتەرلىك بىر كىرىزىس ئىچىدە تۇرۇۋاتىمىز، يەنە بىر تەرەپتىن، ھۆرلۈككە ئېرىشىشنىڭ تارىخى ۋە بەلكىم ئەڭ ئاخىرقى پۇرسەتلىرىنىمۇ كۆرگەندەك بولۇۋاتىمىز. شۇڭا ھەر ئىشتا ھوشيار بولۇشىمىز، ئەقىللىك بولۇشىمىز، كىم بىلەن بىللە تۇرۇش، كىملەردىن يىراق تۇرۇشنى بىلىشىمىز كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ئەقەللى ئۇسۇل ئەمەلىيەتكە قاراش، يۈز بېرىۋاتقان رېئاللىققا يۈزلىنىش، خام خىيالغا، ئەمەلگە ئاشمايدىغان غايىلەرگە بېرىلمەسلىكىمىز لازىم. بىزنىڭ يەنە خاتالىشىش پۇرسىتىمىز قالمىدى، ئەمدى يەنە خاتالاشساق بىزنى كۈتۈۋاتقىنى ئۈزۈل- كېسىل گۇمران بولۇش!

2021 – يىلى، 23 – ئاپرېل
نورۋېگىيە

Share
2540 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.