logo

trugen jacn

نۇر بەكرىنىڭ تەستىقى ئۈستۈنئاتۇش سېكرىتارى دۇ جىدۇڭ تەرىپىدىن رەت قىلىۋېتىلگەن

image

شۆھرەت ھوشۇر 

2014-u0819-pmx.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئۈستۈنئاتۇش يېزىلىق سۇ پونكىتىنىڭ خادىمى تاھىرجان ئەيسا خىزمەت ئۈستىدە يارىلىنىپ ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەندىن كېيىن، ئوغلى ئەلىجان بىلەن بىرلىكتە ئۈرۈمچى ۋە بېيجىڭغا ئەرز قىلىپ بارىدۇ. بۇلتۇر يەنى 2013 – يىلى ئەتىيازدا ئىككى يىغىننى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈشنى مەقسەت قىلغان خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى، ئۇزۇن مەزگىل ھەل بولماي كېلىۋاتقان كونا ئەرزلەرنى تېزدىن ھەل قىلىۋېتىش ھەققىدە يوليورۇق چۈشۈرىدۇ

مانا بۇ مەزگىلدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ تەيىنلەنگەن رەئىسى نۇر بەكرى، مەركەزنىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن، تاھىرجان ئەيسانىڭ ھۆكۈمەتتىن تۆلەم تەلەپ قىلىش ئەرزىنى تەستىقلايدۇ. نۇر بەكرى تەستىقلىغان بۇ ئەرزنى قىزىلسۇ ئوبلاستلىق پارتكوم سېكرىتارىمۇ تەستىقلايدۇ، ئەمما ئۈستۇنئاتۇش يېزىلىق پارتكوم سېكرىتارى دۇ جىدۇڭ رەت قىلىدۇ. نۇر بەكرىنىڭ تەستىقىغە ئېرىشىپمۇ ئىشىنى ھەل قىلالمىغان تاھىرجان ئەيسا، كېسىلى ئېغىرلىشىپ دۇنيادىن ۋىدالىشىدۇ، ئەمما ئوغلى ئەلىجان تاھىر ئەرزنى داۋام قىلماقتا.

نۇر بەكرىنىڭ تەستىقىنىڭ رەت قىلىنغانلىق ۋەقەسىنى بۇ ئەرزدارنىڭ ئۆز ئېغىزىدىن ئاڭلايسىلەر

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، نۇر بەكرىنىڭ تەستىقىنىڭ كارغا كەلمەسلىك ئەھۋالى بۇنىڭدىن ئاۋۋالمۇ بىر قېتىم ئاشكارىلانغان. ئۆتكەن يىلقى بىر تېلېفون زىيارىتىمىز داۋامىدا ئاشكارىلىنىشىچە، نۇر بەكرى قەشقەر پەيزىۋاتلىق ئەرزدار تۇرسۇن غوپۇرنىڭ تۆلەم ئەرزىنى تەستىقلىغان، ئەمما يېزىنىڭ خىتاي سېكرىتارى، «بۇ پۇلنى نۇر بەكرى ئۆزى بەرسۇن» دېگەن جاۋاب بىلەن تەستىقنى رەت قىلغان

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/nur-bekri-08192014191341.html

Share
1623 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.