logo

trugen jacn

نيۇ يورك ۋاقتى گېزىتى:خىتاي, ئۇيغۇر ۋە تىبەت مەسىلىلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان چەتئەللىك تەتقىقاتچىلارغا ۋىزا بەرمەسلىك ئۇسۇلى قوللىنىۋاتىدۇ

images

 ئىرادە

بۈگۈن «نيۇ يورك ۋاقتى» گېزىتىدىكى مۇلاھىزىدە خىتاي ھۆكۈمىتى «ئۆزىگە ئىشەنچىسى يوق» دەپ تەنقىد قىلىندى. مۇلاھىزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللىك تەتقىقاتچىلارنى خىتايغا كىرگۈزمەي جازالاش ئارقىلىق، باشقىلارنىمۇ ئۆزىنى سوراشقا مەجبۇرلاۋاتقانلىقىى بىلدۈرۈلدى.

يېقىندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئېللوت سىپېرلىڭنى بېيجىڭ ئايرودورىمىدا كەينىگە قايتۇرۇۋەتكەن ئىدى. دائىرىلەر ھازىرغىچە قىلمىشىغا چۈشەنچە بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئېللوت سپېرلىڭ ئۆزىنىڭ ئىلھام توختىنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن جازاغا ئۇچرىغانلىق ئېھتىمالىنىڭ يۇقىرىلىقىنى ئېيتقان.

«نيۇ يورك ۋاقتى» گېزىتى بۇ مەسىلىنى تىلغا ئېلىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەتقىقاتچىلارنى بۇ خىل ۋاسىتە ئارقىلىق جىمىقتۇرۇشقا ئۇرۇنۇشى ئەمەلىيەتتە ئۆزىگە زىيانلىق» دېدى.

گېزىت مۇلاھىزىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بولۇپمۇ ئۇيغۇر، تىبەت مەسىلىلىرىنى ۋە خىتاينىڭ دېموكراتىيە مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىۋاتقانلارنى ۋىزا بەرمەسلىك ئۇسۇلى بىلەن جازالاش ئارقىلىق، مۇشۇ ساھەدىكى ياش تەتقىقاتچىلارنى ئىككىلەندۈرمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، «خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى ئەخمىقانە. ئۇلار بۇ ئارقىلىق ئۆز ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ ئابرويىنى چۈشۈرىۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سىياسىتى ئۇلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ كاملىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېدى

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/nyt-uyghur-tibet-07172014175638.html

Share
1491 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.