logo

trugen jacn

مەھمەتىمىن ھەزرەت: ئويغات بىزنى – شىئىر

 

ئويغات بىزنى – شىئىر

مەھمەتىمىن ھەزرەت

ياراتقۇچى ئەي، ئۇلۇغ ئىگەم,
ئۇخلاتقۇچى، ئويغاتقۇچى زات.
ئويغات بىزنى پۈتمەس ئۇيقىدىن,
قەلىپلەرگە نۇرىڭنى تارات.

نېمە دېگەن ئۇزۇن كېچە بۇ,
چۈش كۆرىمىز قارا باسىدۇ.
نېمە ئۈچۈن، خەقنى يورۇتقان
قوياش
   بىزنىڭ يۇرتتا پاتىدۇ؟

جىم جىتلىققا چۆكسە كېچىلەر,
دەرتلىشىمىز، پىچىرلىشىمىز.
شەپە چىقسا ئۈركۈپ كەتتىقمۇ ,
بىزنى، بىزلەر يانجىپ كېتىمىز.

نېمە دېگەن تاڭ ئاتماس كېچە ?
نېمە دېگەن ئاققان كۆز يېشى?
قان رەڭگىدە ئىلى ۋە تارىم,
ئەۋرەزلەردە بوۋاق ئىڭرىشى.

قەبرىستانغا ئايلاندى ۋەتەن,
ئىنسان يېغى نېفىت دېگىنى.
مۇسىبەتكە شاھىت قىلىپلا,
ياراتتىڭمۇ تەڭرى تېغىنى؟

ئويغات بىزنى بۇ ۋەھشى چۈشتىن ,
كۆڭۈللەرنى تۈنگە ھەۋەستىن.
تېرىلدۈرگىن نىمجان روھلارنى,
بىز بوغۇشۇپ تۈگەپ كەتمەستىن.

ياراتقۇچى ئەي، ئۇلۇغ ئىگەم,
ئۇخلاتقۇچى، ئويغاتقۇچى زات.
بىزنى بىزگە قايتۇرۇپ ئەكەل,
ياكى بىزنى قايتىدىن يارات.

يىل 2017. 10. ئاينىڭ 9. كۈنى

Share
4764 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.