logo

trugen jacn

مەھبۇس ئوسمان ئاۋۇت يۇرتتىن چىقىپ كېتىپمۇ پېشكەلچىلىكتىن قۇتۇلالمىغان

image (1)

شۆھرەت ھوشۇر

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئايكۆل پەيشەنبەبازارلىق سىياسىي تۇتقۇنلار -1

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بۇلتۇر بىر يىللىق قاتتىق زەربە بېرىش دولقۇنىنى باشلىغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بەزىدە ئوچۇق مەيدان سوتى، بەزىدە يېپىق سوت ئېچىپ، جازا لاگىرلىرىدا ئەسلىدىنلا كۆپ ساندا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان سىياسىي تۇتقۇنلار سانىنى تېخىمۇ كۆپەيتكەن، خىتاينىڭ ئاخبارات چەكلىمىسى سەۋەبلىك، رايوندىكى بۇ تۇتقۇنلارنىڭ ئومۇمى سانى ۋە ئاتالمىش جىنايەتلىرىگە سەۋەب بولغان كونكرېت قىلمىشلىرى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس. بۇ ئېنىقسىزلىقنى قىسمەن بولسىمۇ يورۇتۇش ئۈچۈن، بۈگۈندىن ئېتىبارەن «ئايكۆل پەيشەنبەبازارلىق سىياسىي تۇتقۇنلار» نامىدا چاتما خەۋەر ئېلان قىلىمىز. چاتمىنىڭ بۈگۈنكى قىسمىدا مەھبۇس ئوسمان ئاۋۇتنىڭ دىنىي ئېتىقادىدىكى مۇستەھكەملىك سەۋەبلىك دائىىرىلەرنىڭ تەقىپ ۋە ئاۋارىچىلىقىدىن يۇرتنى تەرك ئېتىپمۇ قۇتۇلالمىغانلىقى ۋە ئاخىرى تۈرمىگە تاشلانغانلىقى ھەققىدە بولىدۇ.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، پەيشەنبەبازار ئاقسۇ ئايكۆلنىڭ 16 – كەنت 2 – گۇرۇپپىسىنى مەزكەر قىلغان ۋە قوشنا 3 كەنتنىڭ 4 گۇرۇپپىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئادەتتە بىر كەنت كۆلىمىدىكى كونا بىر مەھەللىنىڭ نامىدۇر. پەيشەنبەبازار دېگەن بۇ جاي 2013 – يىلى 8 – ئاينىڭ 8 – كۈنى روزى ھېيت ھارپىسىدا چىققان قانلىق ۋەقە سەۋەبلىك، خىتاينىڭ قاتتىق زەربە بېرىش دولقۇنىنىڭ مەركىزى نۇقتىلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان. شۋېتسىيەدىكى «شەرقى تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى» نىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىكى خەۋىرىدە تىلغان ئېلىنغان مەھبۇس ئوسمان ئاۋۇت دەل شۇ پەيشەنبەبازارلىقتۇر. مەزكۇر مەركەزنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئوسمان ئاۋۇت دىنىي ئېتىقادىدىكى مۇستەھكەملىك سەۋەبلىك، تەقىپتىن قۇتۇلالمىغان ۋە 2007 – يىلى يۇرتنى ۋاقىتلىق تەرك ئېتىپ ئۈرۈمچىگە كۆچۈپ كەتكەن؛ ئەمما ئۇ ئۈرۈمچىدىمۇ ئارام تاپالمىغان. ئايالىنىڭ يۈزىنى ئاچتۇرالمىغان خىتاي دائىرىلىرى ئۇنىڭ ئۈرۈمچى سېمونت زاۋۇدى تەۋەلىكىدىكى 120 كۋادىراتمېتىرلىق ئۆيىنى چېقىۋەتكەن. «شەرقى تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى»نىڭ خەۋىرىدە دېيىلگەن بۇ ئۇچۇرلارنىڭ توغرىلىقىنى، بىزنىڭ تېلېفون زىيارەتلىرىمىزدىكى تۆۋەندىكى بايانلار قىسمەن دەرىجىدە دەلىللىدى.

زىيارىتىمىزدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئوسمان ئاۋۇت ئايكۆلدىكى ئۆي – زېمىنلىرىنى سېتىۋېتىش ئۈچۈن ئالدىنقى يىلى ئايكۆلگە بىر نۆۋەت كەلگەن.

يەنە مەزكۇر خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئوسمان ئاۋۇتنىڭ ئوغلى مۇھەممەد ئەمىن، 2013 – يىلى گۇاڭجۇدا تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن، ئوغلىنى كېپىلىككە ئاچىقىپ كېتىش ئۈچۈن ئۇ گۇاڭجۇغا چاقىرتىلغان. ئۇ گۇاڭجۇغا بارغنىدا، ئۆزىمۇ كويزىلانغان. بۇ يىل يىل بېشىدا ئۇنىڭ ئىز – دېرىكىنى قىلىپ، ئايالى ۋە ئىككى بالىسى گۇاڭجۇغا بارغان، ئاقىۋەتتە ئۇلارمۇ تۇتقۇن قىلىنغان. خەۋەردىكى بۇ ئۇچۇرلارمۇ تېلېفون زىيارىتىمىز داۋامىدا ئاساسەن دەلىللەندى. مەلۇم بولۇشىچە ئوسمان ئاۋۇتنىڭ ئايالى ئايگۈل ئەمەت ئىككى نارىسىدە بالىسى بىلەن بۇ يىل 7 – ئايدا گۇاڭجۇدا تۇتقۇن قىلىنغان ۋە ئۈچتۇرپاننىڭ ئىماملىرىم ساقچىخانىسىغا ئېلىپ كىلىنگەن. ئايگۈل ئەمەتنىڭ ئىنىسى ئەركىن ئەمەت شۇ چاغدا مەزكۇر ساقچىخانىغا چاقىرتىلغان ۋە ئىككى نارىسىدە بالا ئۇنىڭغا تاپشۇرۇلغان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئىككى بالىدىن بىرى ئوسمان ئاۋۇتنىڭ كەنجى بالىسى، يەنە بىرى نەۋرىسى بولۇپ، ئۇلار نۆۋەتتە ئوسمان ئاۋۇتنىڭ ئايكۆلدىكى بىر قىزىنىڭ قولىدا بېقىلماقتا. خەۋەرلەردىن ئوسمان ئاۋۇتنىڭ ئاقسۇ تۈرمىسىدە، ئايالىنىڭ بولسا ئۈچتۇرپان تۈرمىسىدە بىر مەھەلدىن تۇتۇپ تۇرۇلغانلىقى مەلۇم، ئەمما ئۇلارنىڭ قانچە يىللىقتىن كېسىلگەنلىكى ۋە نۆۋەتتە قايسى تۈرمىدە ئىكەنلىكى ئۇرۇق – تۇغقانلىرىغىمۇ مەلۇم ئەمەس.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/qattiq-basturush-11042015221736.html

Share
1230 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.