logo

trugen jacn

مەن ئەڭ بازارلىق كەسىپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈردۈم، ئەمما 9 يىلدىن بۇيان خىزمەتكە ئورۇنلىشالمىدىم

3ed16ee0-993e-44a3-8bf6-e87ddc2e28c2

قۇتلان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

«مەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئەڭ بازارلىق كەسىپلەرنىڭ بىرى – سانائەت لايىھىلەش كەسپىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈردۈم، ئەمما 9 يىلدىن بۇيان خىزمەتكە ئورۇنلىشالمىدىم!»

شۇنچە يىللاردىن بۇيان ئۈرۈمچىدە ئۆز كېلەچىكىنى يارىتىش يولىدا توختىماي تىرىشقان، ئەمما ئۆز كەسپى ساھەسىدە مۇۋاپىق بىر خىزمەت ئورنىغا ئېرىشەلمىگەن بىر نەپەر ئۇيغۇر قىز بۈگۈن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا يۇقىرىقى سۆزلەر بىلەن ئۆز ھېكايىسىنى باشلىدى.

«مەن 2006-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سانائەت لايىھەلەش كەسپىنى پۈتتۈردۈم. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى ئالاھىدە ياخشى نەتىجە بىلەن تاماملىغانلىقىم ۋە ئالىي مەكتەپ ئېمتىھانىدىن يوقىرى نومۇر ئالغانلىقىم ئۈچۈن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بۇ كوزىر كەسىپكە قوبۇل قىلىندىم. شۇ چاغلاردا مەندە ئۆز كەلگۈسىمگە نىسبەتەن زور ئۈمىد ۋە ئىشەنچ بار ئىدى. دېگەندەك ئالىي مەكتەپنى ھەر يىلى ئوقۇش مۇكاپاتى ئېلىپ ئوقۇدۇم. ھازىرقى ئۇچۇر ۋە يۇقىرى تېخنىكا مۇھىتى ھەمدە بازار ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغان بۇ كەسىپنىڭ ئەڭ ئىنچىكە ھالقىلىرىغىچە تىرىشىپ ئۆگەندىم. مەن ئوقۇش پۈتتۈرسەم، كەسپىمگە ماس كېلىدىغان ئەڭ ياخشى خىزمەت ئورنىدا ئىشلەيدىغانلىقىمغا شەكسىز ئىشىنەتتىم…»

نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بۇ قىز زىيارىتىمىز داۋامىدا ئۆز كەچۈرمىشلىرىنى تۆۋەندىكى بايانلار بىلەن داۋاملاشتۇردى:

«ئالىي مەكتەپ دەرۋازىسىدىن ئايرىلغان كۈندىن باشلاپ ئاندىن مەن ئارزۇ قىلغان دۇنيا بىلەن كۆز ئالدىمدىكى رېئال دۇنيانىڭ پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىشقا باشلىدىم. خىزمەت ئىزدەش جەريانىدىكى ئۇرۇنۇشلىرىم بىر-بىرلەپ مەغلۇپ بولدى. ئۆزۈم ئوقۇغان كەسىپ ساھەسىدىكى چوڭ شىركەتلەر، يۇقىرى تېخنىكا ساھەسىدىكى تەتقىقات ئورۇنلىرى، ئالىي مەكتەپلەر ياكى ھۆكۈمەت ئىگىلىكىدىكى سانائەت لايىھەلەش ئورۇنلىرىنىڭ ھېچقايسىسى ‹ئادەم قوبۇل قىلىش› ئېلانى ياكى بىۋاسىتە كۆرۈشۈپ سىناش جەريانىدا ‹ئۇيغۇر› قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ھەتتا بەزى ‹خىزمەتچى قوبۇل قىلىش› ئېلانلىرىنىڭ ‹مىللەت تەۋەلىكى› دېگەن كاتەكچىسىگە ‹پەقەتلا خەنزۇ قوبۇل قىلىنىدۇ› دەپ يېزىلغانلىقىنى كۆپ كۆردۈم.»

«بىر قېتىم بىر خىزمەت ئېلانىنى كۆرۈپ سەل ئۈمىدلەندىم. چۈنكى ئېلاندا ‹مىللەت چەكلىمىسى يوق› دەپ يېزىلغان ئىكەن. مەن بۇ ئېلاننى كۆتۈرۈپ بۇ شىركەتكە باردىم. ئەپسۇس، ئۇلارمۇ مېنىڭ ئېلتىماسىمنى رەت قىلدى. ئۇلار خىزمەت ئېلاندا ‹مىللەت چەكلىمىسى يوق› دېگىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەسكەن. يەنە بىر قېتىم بىر شىركەت مېنىڭ بىلەن تېلېفوندا سۆزلىشىپ، ئىشقا قوبۇل قىلماقچى بولدى. خەنزۇ ئايال ئاخىرىدا مېنىڭ ئىسمىمنى سوراپلا ‹بولدى، كەلمىسەڭمۇ بولىدۇ› دەپ تېلېفوننى قويۇۋەتتى. مەن خەنزۇچىنى خۇددى خەنزۇلاردەك سۆزلىگەچكە دەسلەپ مېنىڭ ئۇيغۇرلۇقىمنى بىلمەي قىزغىن مۇئامىلە قىلغان ئىدى، ئاخىرىدا ئىسمىمنى دېيىشىمگە بىراقلا ئۆزگەردى.»

«ئۇندىن باشقا، مەن يەنە ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ ‹ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم بېرىش ئۆسۈمسىز فوندى› غىمۇ نەچچە قېتىم ئىلتىماس قىلىپ كۆردۈم. بۇنى ھۆكۈمەت رادىئو، تېلېۋىزىيىدە كۆپ تەشۋىق قىلىپ نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇنىڭدىن ئەمەلىي پۇرسەتكە ھەم مەبلەغگە ئېرىشكەنلىكىنى داۋراڭ قىلغان ئىدى. ھالبۇكى، ئۇدا بىرقانچە قېتىم ئىلتىماس قىلىپمۇ ھېچ نەتىجىسىنى كۆرمىدىم. مەن ئۇلارنىڭ ئىشخانىسىغا كۆپ قېتىم بېرىپ سۈرۈشتۈرگەچكە، بىر قېتىم مېنى ئىشخانىسىدىن قوغلاپ چىقارغانمۇ بولدى…»

ئۇ ئۆز ھېكايىسىنى تۆۋەندىكى سۆزلەر بىلەن ئاخىرلاشتۇردى:

«كىم ئۆز ۋەتىنىدە ياشاپ، ئۆز يېرىدە گۈللەپ ياشناشنى خالىمايدۇ. مەن ئالىي مەكتەپنىڭ ئەڭ ياخشى كەسپىنى ئەڭ ياخشى نەتىجە بىلەن تاماملىغان، ئەمما ھېچ يەردىن مۇۋاپىق خىزمەت تاپالمىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ مىسالى، خالاس. مەن ئاخىرىدا ۋەتەننى تاشلاپ چەتئەلگە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولدۇم. مەن ئۈمىدىمنى يوقاتمىدىم. مەن ئامېرىكىدا ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن بۇ كەسپىم ساھەسىدە ئۆز ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشماقچىمەن!…»

 

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/ishsiz-yashlar-10292015142123.html

Share
1138 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.