logo

trugen jacn

مەكىت ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە 378 ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىدى، 54 ئېغىز ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشتى

20140217_281067

9-ئىيۇل سائەت 20:00 گىچە بولغان ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا ،  مەكىت ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن 5.1 بال يەر تەۋرەشتە 378 ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىغان ، 85 ئادەم بىخەتەر جايلارغا جىددىي يۆتكەلگەن ، 54 ئېغىز ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ، 153 ئېغىز ئۆي بۇزۇلغان .

    قەشقەر ۋىلايەتلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، تەۋرەش مەركىزى مەكىت ناھىيە بازىرىدىن 71 كىلومېتىر، قەشقەر شەھىرىدىن 197 كىلومېتىر ، مارالبېشى ناھىيەسىدىن 57 كىلومېتىر يىراقلىقتا بولۇپ ، مەكىت ناھىيەسىنىڭ بازار جەمى يېزىسى ، مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ ئاقساقمارال يېزىسى ، سېرىقبۇيا بازىرى ۋە ئەتراپتىكى رايونلاردا كۈچلۈك تەۋرەش سېزىمى بولغان 

مەنبە : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

Share
1956 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.