logo

trugen jacn

مەكىت ناھىيىسىدە ئوچۇق مەيدان سوتى ئېچىلىپ 33 نەپەر ئۇيغۇر ئۈستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلىنغان

image

 شۆھرەت ھوشۇر

خىتاي ئىچى-سىرتىدىكى ئاخبارات ئۇچۇرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە 22-ماي ئۈرۈمچى ئەتىگەنلىك بازار ھۇجۇمىدىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدا ئاممىۋى قەسەم ئىچكۈزۈش، ئوچۇق مەيدان سوتى ئېچىش قاتارلىق ئاممىغا تەھدىت سېلىش تەدبىرلىرىنى كەڭ كۆلەمدە يولغا قويماقتا.

تۈنۈگۈن يەنى 10-ئىيۇن كۈنى مەكىت ناھىيىسىدە ئېچىلغان 5000 كىشىلىك ئوچۇق مەيدان سوتى، ئەنە شۇ ۋەزىيەتنىڭ بىر ئىپادىسىدۇر. مۇخبىرىمىزنىڭ يەرلىك ساقچى ۋە ئاھالىلەردىن ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىمقى ئوچۇق مەيدان سوتىدا ئابابەكرى ھاجى، مەمەت ساۋۇر، تۇنىسا مەمەت قاتارلىق 8 گۇماندارنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ۋە 25 گۇماندارنىڭ توختىتىلغانلىقى ئېلان قىلىنغان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىم سوت، پەقەت رايوندا ئەۋجىگە چىققان ئاتالمىش تېررورلۇققا قارشى سىياسىي شامالغا ماسلىشىش ئۈچۈنلا ئېچىلغان بولۇپ، سوتلانغانلار ئاساسەن دېگۈدەك، ھېچقانداق خىتايغا قارشى ئەمەلىي ئىش-ھەرىكەتلىرى ياكى ھەرىكەت پىلانى بولمىغان، پەقەت بىر قىسمى بۇرۇن گۇمانلىق دەپ قارىلىپ گۇناھسىزلىقى ئىسپاتلانغاندىن كېيىن قويۇۋېتىلگەنلەر، يەنە بىر قىسمى بولسا قانۇنسىز دەپ قارالغان ئۇن-سىز بۇيۇملىرىنى كۆرگەن ياكى ساقلىغانلار ئىكەن.

فەيسبوكتا تارقالغان بىر رەسىملىك ئۇچۇردىن مەلۇم بولۇشىچە، تۈنۈگۈن يەنى 10-ئىيۇن كۈنى مەكىت ناھىيىسىدە كۆپلىگەن كىشىلەر قېتىلغان ئوچۇق مەيدان سوتى ئېچىلغان. بىز بۇ سوتتا كىملەرنىڭ نېمە ئۈچۈن سوتلانغانلىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن بىر قىسىم يېزىلىق ساقچىخانىلار ۋە كەنت سېكرىتارلىرىغا تېلېفون قىلدۇق.

مەلۇم بولۇشىچە تۈنۈگۈنكى سوت، 22-ماي كۈنى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئەتىگەنلىك بازارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن رايوندا تېخىمۇ كەسكىنلەشكەن سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ بىر ئىنكاسى بولۇپ، سوتتا 33 ئۇيغۇر ئۈستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلىنغان. ئادەتتە خەلقئارا جامائەتنىڭ تەنقىدىگە قارىماستىن سوتنى مەخپىي ئېچىپ كېلىۋاتقان خىتاي دائىرىلىرى بۇ قېتىمقى سوتنى ناھىيىلىك ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىدىكى كەڭرى مەيداندا ئۆتكۈزگەن. سوتنى كۆرۈشكە ھەرقايسى يېزا-قىشلاقلاردىكى ئاھالىلەر مەجبۇرى ئەكىلىنگەن. بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە يىغىۋېلىنغان بۇ كىشىلەر ئۈستىدىن شۇ مەيداندا قولغا ئېلىنىش ۋە توختۇتۇلۇش ھۆكۈمى چىقىرىلغان.

بىر كەنت سېكرېتارىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، سوت قولغا ئېلىنىش ھۆكۈمى چىقىرىلغان 8 مەھكۇمدىن 6 نەپىرى زۇلقۇم دېھقانچىلىق مەيدانىدىن، ئىككى نەپىرى غازكۆل يېزىسىدىن ئىكەن. يەنە بىر كەنت باشلىقىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، بۇ قېتىم سوتلانغانلارنىڭ بىرقسىمى بۇرۇن گۇمان بىلەن تۇتۇلۇپ ۋە گۇناھسىز دەپ تۇتۇلۇپ قويۇپ بېرىلگەنلەر ئىكەن. مەھكۇملارنىڭ ئاتالمىش جىنايەتلىرى ئۈچۈن كۆرسىتىلگەن ئەڭ چوڭ پاكىت ئۇلار ساقلىغان ياكى كۆرگەن ئاتالمىش قانۇنسىز ئۈن-سىن بۇيۇملىرى ئىكەن. يەنە مەلۇم بولۇشىچە، مەكىتنىڭ يانتاق يېزىسىدىنلا 30 نەچچە نەپەر ساقچى خادىمى تۈنۈگۈنكى سوتا تەرتىپ ساقلاش ۋەزىپىسى ئۆتىگەن، ناھىيە بويىچە 5000 مىڭغا يېقىن كىشى سوت ھۆكۈمىنى ئاڭلىغان.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بەزى كەنت سېكرېتارلىرى، بۇ قېتىم سوتلانغانلارنىڭ پەقەت سىياسىي شامالنىڭ قۇربانىغا ئايلانغانلىقىنى، بۇ سوتنىڭ ئاممىنى ئىبرەت ئالدۇرۇش يەنى قورقۇتۇش ئۈچۈن ئېچىلغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە كىشىلەرنى ھۆكۈمەتتىن نەپرەتلەندۈرۈش رولىنىمۇ ئوينايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ بۇ تۈر سوتلارنىڭ ناھىيەدە تىنچلىقنى بەرپا قىلالمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/uyghur-sot-06112014170907.html

Share
1828 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.