logo

trugen jacn

مەسچىتتىكى نەزىر قازىنى چېقىۋېتىلدى، نارازىلىق بىلدۈرگەن ئۇيغۇرلار تۇتقۇن قىلىندى

image

 مېھرىبان

ئىگىلىگەن ئەھۋالدىن مەلۇم بولۇشىچە، 8-ئىيۇل سەيشەنبە كۈنى كەچ سائەت 10 لار ئەتراپىدا غۇلجا كۈنەس ناھىيىسى نارات يېزىسى 7-كەنتىدىكى مەسچىتكە يېزىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى باشچىلىقىدىكى بىرنەچچە نەپەر يېزا كادىرى ۋە ساقچىلار بېسىپ كىرىپ، مەسچىتتىكى ئوچاق ۋە قازاننى چېقىۋەتكەن ۋە قارشىلىق بىلدۈرگەن ئۇيغۇرلار تۇتقۇن قىلىنغان.

ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سەيشەنبە كۈنى كېچىسى مەسچىتتىكى نامازخانلارنىڭ نارازىلىقى سەۋەبىدىن ساقچىلار دەسلەپ مەقسىتىگە يېتەلمىگەن.

ئەمما جامائەت مەجبۇرى تارقىتىۋېتىلگەندىن كېيىن، مەسچىتتىكى قازان ۋە ئوچاق ساقچىلار تەرىپىدىن چېقىۋېتىلگەن.

ۋەقەدىن كېيىن ساقچى دائىرىلىرى يەنە شۇ كېچىسى ساقچىلارنىڭ رامزان مەزگىلىدە مەسچىتتىكى جامائەت ئۈچۈن زوھۇرلۇق تەييارلىنىدىغان ئوچاق ۋە قازاننى چېقىشىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ئۇيغۇرلاردىن 30 دىن ئارتۇق كىشى ئۆيلىرىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن.

رادىئومىز مۇخبىرى كۈنەس ناھىيىسى نارات يېزىسىدىكى ئوچاق ۋە قازان چېقىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن مەسچىتكە تېلېفون قىلىپ، ئەھۋال ئىگىلەشكە تىرىشقان بولسىمۇ، تېلېفون جاۋابسىز قالدى.

ۋەقە يۈز بەرگىنىگە بىرنەچچە كۈن بولغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدا 11-ئىيۇلغىچە ۋەقە ھەققىدە ھېچقانداق خەۋەر بېرىلمىدى

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/uyghurda-din-07112014165306.html

Share
1780 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.