logo

trugen jacn

مەرھۇم سۇلايمان دەمىرەل: شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى تۈركىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم مەسىلىسىدۇر

image

ئەركىن تارىم

تۈركىيەنىڭ 9 – رەئىس جۇمھۇرى سۇلايمان دەمىرەلنىڭ ۋاپاتى پەقەتلا تۈركىيەنىلا ئەمەس، تۈرك دۇنياسىنى شۇنداقلا تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ ماتەمگە چۈمدۈردى.

سۇلايمان دەمىرەل تۈركىيە بىلەن ئوتتۇرا ئاسيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ كۈچىيىشىدە، شۇنداقلا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈركىيەگە كېلىپ ئوقۇشى، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىشىدا زور رولى بولغان دۆلەت رەھبەرلىرىدىن بىرىدۇر. ئۇ، باش مىنىستىر ۋاقتىدا ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن باشچىلىقىدىكى ھەيئەتنى قوبۇل قىلغاندا «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى تۈركىيەنىڭ مەسىلىسى» دېگەن.

تۈركىيەنىڭ تەرەققىياتىدا ۋە سىياسەت تارىخىدا مۇھىم ئورۇنغا ئىگە، ئۇستا سىياسىيون، دۆلەت ئەربابى سۇلايمان دەمىرەل 6 – ئاينىڭ 16 – كۈنى يېرىم كېچىدە ۋاپات بولغان كېيىن، تۈركىيەدە 3 كۈن ماتەم ئېلان قىلىندى، بايراقلار يېرىم چۈشۈرۈلدى. بۇگۈن 6 – ئاينىڭ 19 – كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىدە دۆلەتلىك دەپىنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن، ئەنقەرەنىڭ ئەڭ چوڭ جامىسى بولغان قوجاتەپە جامىسىدە نامىزى چۈشۈرۈلۈپ، تۈركىيەنىڭ ئىسپارتا ۋىلايىتىدىكى ئىسلامكۆي يېزىسىغا ئاپىرىپ دەپىن قىلماقچى. ئۇ، 50 يىللىق سىياسىي ھاياتىدا تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن شۇنداقلا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن زور خىزمەتلەرنى قىلغان مۇھىم رەھبەر.

40 ياشتا تۈركىيەنىڭ باش مىنىستىرى بولغان سۇلايمان دەمىرەل، 50 يىللىق سىياسەت ھاياتىدا 7 قېتىم باش مىنىستىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. 1993 – يىلىدىن 2000 – يىلىغىچە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتىنىڭ جۇمھۇر رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىدى. ئۇ، سىياسىي ھاياتىدا جەمئىي 11 يىل باش مىنىستىر، 7 يىل رەئىس جۇمھۇرلۇق ۋەزىپىسى ئۆتىگەن، تۈركىيە تارىخىدا ئەڭ ئۇزۇن ۋاقىت دۆلەت باشقۇرغان 3 – دۆلەت رەھبىرىدۇر.

سۇلايمان دەمىرەلنىڭ مەنىۋىي ئوغلى ئەكرەم دېڭىز ئەپەندى مەرھۇم سۇلايمان دەمىرەلنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىق ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:

– دېمىرەل بىر تۈركىستانلىق ئىدى، تۈركىستاننى بەك ياخشى كۆرەتتى. ئۆيىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆك بايرىقى بار ئىدى، ھازىرمۇ ئۆيىدىكى ئۈستەلنىڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ. بۇلاردىن باشقا ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننى بەك ھۆرمەت قىلاتتى، ئۇنى بەك ياخشى كۆرەتتى. داۋاملىق تېلېفون قىلىپ ھال سوراپ تۇراتتى.

سۇلايمان دەمىرەلنىڭ مەنىۋىي ئوغلۇ ئەكرەم دېڭىز ئەپەندى، ئۇ، رەئىس جۇمھۇرى ۋاقتىدا خىتايغا ئېلىپ بارغان زىيارىتىدە خىتاي دۆلەت رەئىسى جىياڭ زېمىن بىلەن بولغان ئۇچرىشىشىدىكى خاتىرىسى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى:

– مەن سىزگە سۇلايمەن دەمىرەلنىڭ ھېچكىمگە ئاڭلاتمىغان بىر خاتىرىسىنى ئاڭلىتاي. دەمىرەل رەئىس جۇمھۇرى سۈپىتى بىلەن خىتايغا زىيارەت ئېلىپ بارغان ۋاقتىدا، خىتاي دۆلەت رەئىسى، ئۇنىڭ ئالدىغا شەرقىي تۈركىستان لىدەرى ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن بىلەن چۈشكەن رەسىملىرىنى قويۇپ تۇرۇپ، «سىز بىر رەئىس جۇمھۇرى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ئەيسا يۈسۈپ بىلەن نېمىشقا كۆرۈشىسىز؟» دېگەن ۋاقتىدا، رەسىملەرگە قاراپ رەت قىلاي دېسە، ئىسپات رەسىملەر تۇرغان، شۇنىڭ بىلەن دەرھال خىتاي رەئىسىگە «بىر يېرىم مىليارد نوپۇسقا ئىگە خىتاي 90 ياشتىكى ئەما ئادەمدىن بۇنچىلىۋالا قورقامسىلەر؟» دەپتۇ، خىتاي رەئىس جۇمھۇرى رەسىملەرنى يۇغۇشتۇرۇپ بۇ ھەقتە ھېچنېمە دېيەلمەپتۇ. بۇلارنى ھېچكىمگە دېمىگەن ئىدى، ئۆيدە تاماق يەپ ئولتۇرۇپ بىزگە سۆزلەپ بەرگەن ئىدى.

ئەكرەم دېڭىز ئەپەندى مەرھۇم جۇمھۇر رەئىسى سۇلايمان دەمىرەلنىڭ داۋاملىق ھالدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ تۈركىيە دۆلىتىنىڭ مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:

– ئۇ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى تۈركىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم مەسىلىلىرىدىن بىرى، قولىمىزدىن كەلگەننى قىلىشىمىز كېرەك دەيتتى. دېگىنىدەك شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن كۆپ خىزمەت قىلدى. ئۇيغۇر ھەيئەتلەر كۆرۈشكىلى كەلسە ساقلاتمايلا كۆرۈشەتتى. تەلەپلىرىنى ئاڭلاپ ھەل قىلىپ بېرەتتى. ئۇنىڭ قەلبىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئالاھىدە ئورنى بار ئىدى.

www.uyghurnet.org تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان مۇھەممەتئىمىن ھەزرەت يازغان «سۇلايمان دەمىرەل ۋە شەرقىي تۈركىستان» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە تۈركىيەنىڭ مەرھۇم جۇمھۇر رەئىسى سۇلايمان دەمىرەلنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا بولغان سۆيگۈسىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەرھۇم لىدىرى ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىنگە داۋاملىق تېلېفون قىلىپ ھال – ئەھۋال سوراپ تۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلغان شۇنداقلا سۇلايمان دەمىرەل 1992 – يىلى 12 – ئايدا شەرقىي تۈركىستان قۇرۇلتېيىغا قاتناشقىلى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر ۋەكىللەرنى باش مىنىستىرلىق ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلىپ، ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن باشچىلىقىدىكى ھەيئەتتىن ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان قۇرۇلتاي توغرىسىدا، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىلىگەنلىكىنى يازغان.

سۇلايمان دەمىرەل قوبۇل قىلغان ھەيئەتنىڭ ئىچىدە ئورۇن ئالغان ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى:

مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلمى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن «شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئىگىسىز قالدى» دېگىنىدە، سابىق باش مىنىستىر سۇلايمان دەمىرەل: «ئەيسا ئەپەندى، تەشۋىشلەنمە، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتى بار، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئىگىسىز ئەمەس» دېگەن، بۇ سۆزنى ئاڭلىغان ئۇيغۇرلار چاۋاك چېلىپ ئالقىشلايدۇ.

ئۇ، باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە، سوۋېت ئىتتىپاقى يېمىرىلىپ ئوتتۇرا ئاسيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى مۇستەقىل بولدى. ئۇ چاغلاردا تۈركىيە ئوتتۇرا ئاسيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى دۆلەتلىرىدىكى تۈركىي مىللەتلەردىن 10 مىڭ ئوقۇغۇچى ئەكىلىپ ئوقۇتۇش سىياسىتىنى يولغا قويغان ئىدى. ئۇ زاماندىكى تۈركىيە باش مىنىستىرى سۇلايمان دەمىرەل 1992 – يىلى 12 – ئايدا ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان شەرقىي تۈركىستان قۇرۇلتېيىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن ئۇيغۇر ۋەكىللەرنى ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلغان ئىدى. ۋەكىللەرنى قوبۇل قىلغاندا مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن «باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە ئوخشاش، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ تۈركىيەدە ئوقۇشى ئۈچۈن كۆپرەك سان بېرىش مۇمكىن بولارمۇ» دېگىنىدە باش مىنىستىر سۇلايمان دەمىرەل «نەچچە سان لازىم» دەپ سورىغان. ئەيسا ئەپەندى «مۇمكىن بولسا 100 ئوقۇغۇچى» دېگىنىدە، دەمىرەل : «ئەلۋەتتە مۇمكىن» دەپ جاۋاب بەرگەن. شەرقىي تۈركىستان ۋەقپىنىڭ سابىق باش كاتىپى ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.

سۇلايمان دەمىرەل 6 – ئاينىڭ 19 – كۈنى يۇرتى ئىسپارتانىڭ ئىسلامكۆي يېزىسىدا دەپىن قىلىنماقچى. تۈركىيەنىڭ سابىق رەئىس جۇمھۇرى سۇلايمان دەمىرەل تۈركىيەنىڭ دېموكراتىيەلىشىشى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقانلىقى ئۈچۈن يۇرتىدا دېموكراتىيە مۇزېيى قۇرۇلدى، ئەنقەرەدىكى ئۆيىنىمۇ مۇزىې قىلىپ، ياشلارنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنماقچى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/xelqara-xewer/sulaymen-demirel-06202015003214.html

Share
2101 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.