logo

trugen jacn

« مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار» بىلەن« ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى » سۆز بىرىكمىلىرىنىڭ سىنتاكسىسلىق قۇرۇلمىلىرى ۋە سېمانتىك مەنە پەرقلىرى

ئېرپان ئىدرىس

 

« مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار » ۋە « ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى » دىن ئىبارەت بۇ ئىككى سۆز بىرىكمىسى ئومۇمەن « ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇرلار » دىن ئىبارەت سېمانتىك مەنىنى ئىپادىلىسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىپادىلىگەن مەنىلىرىدە ئىنچىكە پەرق مەۋجۇت. بۇ  خىل پەرق ئۇلارنىڭ بىر خىل سىنتاكسىسلىق قۇرۇلمىنى تەشكىل قىلغان سۆزلەرنىڭ سۆز بىرىكمىلىرىدىكى ئورنىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىققان.

بۇ ئىككى قۇرۇلمىدىكى سىنتاكسىسلىق مۇناسىۋەت « ئېنىقلىغۇچى – ئېنىقلانغۇچى » دىن ئىبارەت. بۇ خىل سۆز بىرىكمىلىرىدە تۈپكى سېمانتىك مەنە سۆز بىرىكمىسىدە « ئېنىقلانغۇچى » بولۇپ كەلگەن سۆز ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. « ئېنىقلىغۇچى » بولۇپ كەلگەن سۆز پەقەت « ئېنىقلانغۇچى » بولۇپ كەلگەن سۆز ئىپادىلىگەن سېمانتىك مەنىنىڭ دائىرىسىنى چەكلەيدۇ.

« مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار » دىن ئىبارەت بۇ سۆز بىرىكمىسىدىكى « مۇسۇلمان » سۆزى « ئۇيغۇر » سۆزىنى سۈپەتلەپ  (ئېنىقلاپ)  كېلىپ، « ئۇيغۇر» سۆزنىڭ سېمانتىك مەنە دائىرىسىنى چەكلەپ، بۇ  « ئېتنىك ئۇيغۇر خەلقى » نىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. يەنى « ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇر خەلقى » دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ.

ئەندى، « ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى » دىن ئىبارەت بۇ سۆز بىرىكمىسىدىكى « ئۇيغۇر» سۆزى « مۇسۇلمان » سۆزىنى سۈپەتلەپ (ئېنىقلاپ )  كېلىپ، « مۇسۇلمان » سۆزىنىڭ سېمانتىك مەنە دائىرىسىنى چەكلەپ، بۇ توپلۇق مۇسۇلمانلارنىڭ ئېتنىك ئۇيغۇرلاردىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. يەنى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئېتنىك  تەركىبلىرىنىڭ بىرى « ئۇيغۇرلار » ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ .

شۇڭلاشقا، ئەگەر كونتېكىستتا « ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇر خەلقى » دېگەن مەنىنى ئىپادىلەش مەقسەت قىلىنغان بولسا،« مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار» دىن ئىبارەت  بۇ سۆز بىرىكمىسىنى، ئەگەر كونتېكىستتا « بۇ بىر توپلۇق مۇسۇلمانلارنىڭ ئېتنىك ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەش » مەقسەت قىلىنغان بولسا، « ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى » دىن ئىبارەت سۆز بىرىكمىسىنى  ئىشلەتكەن تۈزۈك.

2021 – يىلى فېۋرال

Share
1482 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.