logo

trugen jacn

مۇستەملىكىلىكنى يىلتىزىدىن يوقىتىش خەلقئارالىق ئون يىلى

 

تەرجىمىدە: ئۇيغۇر پىدائىي تەرجىمانلار گۇرۇپپىسىدىن ئاسىيە ئۇيغۇر

 

مۇستەملىكىلىكنى يىلتىزىدىن يوقىتىش بىرىنجى ئون يىلى (1990-2000-يىلىغىچە )

1998 – يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىدا 1990 – يىلىنى «مۇستەملىكە ئاستىدىكى مىللەتلەر ۋە دۆلەتلەرگە مۇستەقىللىق بېرىش باياناتنامىسى» (يەنە بىر ئاتىلىشى «مۇستەملىكىلىكنى تۈگىتىش باياناتنامىسى»)نىڭ 1514 – نومۇرلۇق ھۆججەت بولۇپ ماقۇللانغانلىقىنىڭ 30 يىللىق خاتېرىسى قىلىپ بېكىتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە 43 ۋە 47 – نومۇرلۇق قارارلار ماقۇللۇقتىن ئۆتۈپ، بۇنىڭ ئىچىدە 1990 – يىلىدىن 2000 – يىلىغىچە بولغان ۋاقىتنى «مۇستەملىكىلىكنى يىلتىزىدىن يوقىتىش خەلقئارا ئون يىلى» قىلىپ بېكىتتى. بۇنىڭدىن باشقا 1960-يىلىدىكى «مۇستەملىكىلىكنى تۈگىتىش باياناتنامىسى»نىڭ ھەرىكەت پىلانىنى تېزلەشتۈرىدىغان بىر قارارنىمۇ تەڭ ماقۇللىدى.

مەزكۇر ھەرىكەت پىلانى 1991-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى ب د ت باش كاتىپىنىڭ «مۇستەملىكىلىكنى تۈگىتىش خەلقئارالىق ئون يىلى»دوكلاتىغا قوشۇمچە قىلىپ كىرگۈزۈلگەن. 1991-يىلىدىكى ب د ت يىغىنىڭ 46/181- نومۇرلۇق قارارى بىلەن ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن. ھەرىكەت پىلانىنىڭ ھەر قايسى بۆلەكلىرىدە پۈتكۈل خەلقئارا جەمىيەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوخشىمايدىغان سىياسىي كۈچلەرنىڭ مۇستەملىكىلىكنى يىلتىزىدىن يوقىتىشتا رول ئوينىشىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. بۇلار يەنە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن باشقۇرغۇچى دۆلەت ئالدىن ھەمكارلىشىپ ئېلىپ بارغان ھەرىكەتلەرنى، باشقۇرغۇچى دۆلەت ئالدىن قوللانغان ھەرىكەتلەرنى، ئەزا دۆلەتلەر يۇقىرى چەكتە قوللانغان تەدبىرلەرنى، ب د ت سىستېمىسىدىكى ھەر قايسى مەخسۇس ئورگانلار ۋە باشقا تەشكىلاتلار شۇنداقلا، ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنىڭ رولىنىمۇ ئۆزئىچىگە ئالىدۇ.

يىغىننىڭ باشقا قارارلىرى بولسا 54/91-نومۇرلۇق قارارى ۋە 55/147-نومۇرلۇق قارارلاردۇر.

باش كاتىپنىڭ باشقا دوكلاتلىرى بولسا تۆۋەندىكىچە: A/44/800(1989), A/45/624(1990), A/46/593@A/46/593/Add.1(1991),A/54/219(1999), A/55/497(2000)

ئىككىنچى قېتىملىق مۇستەملىكىلىكنى يوقىتىش خەلقئارالىق ئون يىلى (2001-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە)

2000 – يىلى ب د ت يىغىنى 55/146-نومۇرلۇق قارارىدا 2001-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە بولغان ۋاقىتنى ئىككىنجى قېتىملىق مۇستەملىكىلىكنى تۈگىتىش خەلقئارالىق ئون يىلى قىلىپ بېكىتكەن.

قاراردا ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ يۇقارقى 1991-يىلىدىكى ب د ت باش كاتىپى دوكلاتىدىكى (A/46/634/Rev.1)بىرىنجى ھەرىكەت پىلانىنى تىرىشىپ ئىجرا قىلىشىنى تەلەپ قىلدى ۋە زۆرۈر تۈزىتىش بېرىپ، قوشۇمچە ماددا سۈپىتىدە 2001-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى ب د ت باش كاتىپنىڭ ئىككىنجى ئون يىللىق مۇستەملىكىلىكنى يىلتىزىدىن يوقىتىش دوكلاتىغا كىرگۈزدى(A/56/61).

يىغىننىڭ باشقا قارارلىرى بولسا تۆۋەندىكىچە : 60/120-نومۇرلۇق قارارى

باش كاتىپنىڭ باشقا دوكلاتلىرىدىن A/60/70, A/60/71/Add.1(2005)ھەمدە A/65/330, A/65/330/Add.1(2010)

ئۈچىنچى قېتىملىق مۇستەملىكىلىكنى يوقىتىش خەلقئارا ئون يىلى (2011-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە)

2010-يىلى ب د ت يىغىنى 65/119-نومۇرلۇق قارارنى ماقۇللىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە 2011– 2020-بولغان ۋاقىتنى ئۈچىنچى قېتىملىق مۇستەملىكىلىكنى يىلتىزىدىن يوقىتىش خەلقئارا ئون يىلى قىلىپ بېكىتكەن ھەمدە ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەرنى زور كۈچ بىلەن تىرىشىپ، داۋاملىق تۈردە ئىككىنجى قېتىملىق مۇستەملىكىلىكنى يىلتىزىدىن يوقىتىش ئون يىللىق ھەرىكەت پىلانىنى (A/56/61 قوشۇمچە ماددىغا قارالسۇن) داۋاملىق ئىجرا قىلىشقا چاقىردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە 24 دۆلەت كومىتېتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئېھتىياجغا قاراپ مەزكۇر ھەرىكەت پىلانىنى يېڭىلاشنى ئۈچىنچى نۆۋەتلىك خەلقئارالىق مۇستەملىكىلىكنى ئۈزۈل كېسىل يوقىتىش ئونىنچى يىلىدىكى ھەرىكەت پىلانىنىڭ ئاساسى قىلدى.

باش كاتىپنىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق مۇستەملىكىلىكنى يىلتىزىدىن يوقىتىش خەلقئارا ئونىنچى يىلىدىكى دوكلاتى: A/70/73, A/70/73/Add.1(2015)

مەنبە:  https://www.un.org/dppa/decolonization/zh/history/international-decades

Share
6086 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.