logo

trugen jacn

مۇستەقىللىق كۈرىشى

indir

 

مۇستەقىللق كۈرىشى, نامىلىق كىتاپتىن ئارىيە

ئاپتۇر:ئەزىمەت (مەھمەتىمىن ھەزرەت)

يىل. 1997

 

مۇقەددىمە

ۋەتەن، مىللەت ۋە دۆۋلەت بىر-بىرىگە چەمبەرچەس باغلانغان ئامىللاردۇر. ۋەتەنسىز مىللەتنى،مىللەتسىز دۆلەتنى تەسەۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس. تارىختا دۆلىتىنى قۇرۇشقا قادىر

بولالمىغان مىللەتلەر يوق بولۇشقا يۇز تۇتتى. تارىخ سەھىپىلىرىدىن ئۆچۇرۇپ تاشلاندى. يوق بولغان مىللەتلەرنىڭ ۋەتىنىنى، ئۇ يەردە دۆلەت قۇرۇشقا قابىلىيەتلىك بولغان مىللەتلەر ئوزلىرىگە ۋەتەن قىلدى….بىرىنجى ۋە ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كەيىن ئەنگىلىيە، فىرانسىيە، ئامەرىكا، ئوسمانلى قاتارلىق بۇيۇك ئىمپەرىيىلەر ياۋروپا، ئاسىيا، ئافرىقا، ئامەرىكا، ئاۋىستىرالىيە قىتئەلىرىدە مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى مىللەتلەرنىڭ مۇستەقىللىقىنى بەردى. بىر مۇنچە مىللەتلەر ئوزلىرىنىڭ مىللى دۆلىتىنى قۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولدى. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى باشلانغاندا بىرمۇ ئەرەپ دولىتى يوق ئىدى. بۇگۇن 20 دىن ئارتۇق ئەرەپ دولىتى بار. 1991-يىلى سەۋىت ئىتتىپاقىنىڭ تارقىلىشى بىلەن بۇ كوممۇنىزىم ئىمپىرىيىسىنىڭ ئىچىدىن 15 مىللىي دۆلەت ئوتتۇرىغا چىقتى. 1990-يىلىدىن بۇرۇن تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان بىر دۆلەت بار ئىدى. ھازىر قىبرىسنى قوشقاندا تۇركى تىلدا سۆزلىشىدىغان 7 دۆلەت بار

چىخسىلوۋاكىيەدە چىخ بىلەن سىلىۋاكلار دەموكراتىك ئۇسۇل ئارقىلىق بىر-بىرى بىلەن كىلىشىپ، ئىككى مىللىي دۆلەتكە ئايرىلدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلۇپ بۇگۈنگىچە 140 تىن ئارتۇق دۆلەت يەڭىدىن مۇستەقىل بولدى. بۇگۈن مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتىنى جاھىللىق بىلەن يۇرگۇزىۋاتقان، كوممۇنىزىمنىڭ ئەڭ ئاھىرقى قورغانى جوڭگۇولا قالدى

شەرقىي تۇركىستان ۋە تىبەت ئۇزۇن تارىختىن بەرى مۇستەقىل دۆلەت بولۇپ ياشاپ كەلگەن. جوڭگۇوغا قوشنا بولۇپ ياشىغان بۇ دۆلەتلەر ئاجىزلىغان يەقىنقى تارىخلاردا مانجۇرلار تەرىپىدىن مۇستەملىكە قىلىنغان ئىدى. شەرقىي تۇركىستان بىلەن ئەينى تارىخلاردا،ياكى تەخىمۇ بۇرۇن روسلارنىڭ مۇستەملىكىسى بولۇپ قالغان غەربىي تۇركىستان بۇگۈن قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، ئۆزبەكىستان، تۈركمەنىستان قاتارلىق 5 مۇستەقىل دۆلەت سۇپىتى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ شەرەپلىك ئەزالىرى بولدى. بۇ دۆلەتلەرنىڭ مۇستەقىللىقى جۇڭگو تەرىپىدىنمۇ ئەتىراپ قىلىندى. ئەمما شەرقىي تۇركىستان بولسا پەقەت مانجۇرلاردىن جۇڭگولۇققا مۇستەملىكە مىراسى بولۇپ قالغانلىقى ئۇچۇنلا، بۇگۇنكى دۇنيادا ھىچ بىر مىللەت كۆرمىگەن زۇلۇم، مىللىي كەمسىتىش ۋە مىللىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتىدۇ. دۇنيانىڭ سىياسى تارىخى شۇنى ئىسپاتلىماقتىكى؛ دۆلەتسىز مىللەت، ياكى دۆلەت قۇرۇشقا قابىلىيەتسىز مىللەت يەر يۇزىدىن يوق بولۇپ كەتىدۇ.نەسلى تۇگەيدۇ. ئۇلارنىڭ ۋەتىنى باشقا مىللەتلەر تەرىپىدىن ئىگىلىنىدۇ. ئۇ ۋەتەننىڭ ئىسمى مۇستەملىكىچى مىللەتلەر تەرىپىدىن ئۆزگەرتىلىدۇ. ئو زىمىنىنىڭ ئەسلى ئىگىسى بولغان خەلقنىڭ بۇ زەمىن ئۇستىدىكى تارىخى ئىزلىرى ئوچۇرۇلىدۇ،يوق قىلىنىدۇ. بۇ خىل مىساللار تارىختا كوپ ئۇچرايدۇ

يىگىرمە بىرىنجى ئەسىرنىڭ بوسۇغىسىغا كىلىۋاتقان ئىنسانىيەت دۇنياسى، بۇگۈن ئەڭ يۇكسەك بىلىم ۋە تەخنىكا، ئەڭ كۇچلۇك كاپىتال ۋە قورال-ياراققا ئىگە بولۇشىغا قارىماي، ئەڭ قىممەتكە ئىگە بولۇۋاتقان ھەلقارالىق مەسىلە-ئىنسان ھوقۇقى مەسىلىسىدۇر. مۇشۇنداق بىر مەدەنىي دۇنيادا ئاسىيانىڭ مەركىزىدە پىلانلىق، سەستىمىلىق تۈردە نەسلى قۇرۇتىلىۋاتقان بىر خەلق بار. بۇ، شەرقىي تۇركىستان خەلقىدۇر

شەرقىي تۇركىستان خەلقى ھون ئىمپىرىيىسىنى، كۆك تۈرك ئىمپىرىيىسىنى، ئۇرخۇن ئۇيغۇر
ئىمپىرىيىسىنى، قارا خانلار ئىمپىرىيىسىنى، سەئىدىيە ھانلىقى ئىمپىرىيىسىنى قۇرغان پارلاق ئوتمۇشكە ئىگە قەھرىمان ۋە مەدەنىيەتلىك بىر نەسىلنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر

ۋەتىنىنى جوڭگۇولۇقلارغا تارتقۇزۇپ قويۇشتىن باشقا ھىچ بىر گۇناھى بولمىغان شەرقىي تۇركىستان خەلقى مۇستەملىكە ھاياتىدا ئۇزۇن يىل داۋام قىلغان مىللىي ھاقارەت، خارلىنىش، ئاچلىق ۋە يوقسۇزلۇقتىن كەيىن، يەقىنقى 50 يىل ئىچىدە ئاستا-ئاستا ئۆز ۋەتىنىدە ئاز سانلىق ھالغا چۇشۇپ قەلىشى، ئۆز ۋەتىنىدە ھىچ ھەق-ھوقۇق، ئەتىۋارىنىڭ يوقلىقى، جوڭگۇولۇقلار تەرىپىدىن ئىنسان قاتارىدا كورۇلمەسلىكى خەلقىمىزنىڭ تاقىتىنى چەكىگە يەتكۇزگەن ئىدى. ماو نىڭ ئۆلۈمىدىن كەيىن جوڭگۇونى كۇچەيتىش ئىرادىسىگە كەلگەن دىڭ شىاو پىڭ ھۆكۇمىتى شەرقىي تۈركىستاننىڭ خام-ئەشياسىغا  تارىختا ھەچ كۆرۇلمىگەن بىر ئىشتىھا بىلەن ھۇجۇم باشلىدى. جوڭگۇولۇق كۆچمەنلەر سەل كەبى، كەلكۈن كەبى ئەقىپ كەلمەكتە. شەرقىي تۇركىستاننىڭ پۈتۈن بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرى بەس-بەس بىلەن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنماقتا.تاغلىرىمىز،چۆللىرىمىز نىفىت،گاز ۋە باشقا كان بايلىقلىرى ئۈچۈن توزغاقتەك تىتىلماقتا. تەڭرى تىغىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىنىڭ ئەكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقى ئەغىر دەرىجىدە بۇزۇلماقتا. مۇنبەت يايلاقلار بۇزۇلۇپ بىڭتىۋەن ئاتالغان قانۇنسىز ،پۇخراچە كىيىنگەن قۇراللىق كۆچمەن تەيىپىلەرگە بولۇپ بەرىلگەچكە، چارۋىچىلىق بىلەن ھايات كەچۈرۈپ كەلگەن قازاق، قىرغىز،تاجىك ۋە موڭغۇل خەلقىنىڭ ئۆلۈمدىن باشقا تاللايدىغان يولى قالمىدى

سۇ مەنبەلىرى يەنە شۇ بىڭتۇۋەن دەپ ئاتالغان بۇلاڭچى ۋە ئۇششۇق قۇراللىق قاراقچى گۇرۇھ يەرلىشىۋالغان يەڭى شەھەر، يەڭى يەزىلارغا ئەقىتىلغىنى ئۈچۈن تارىھتىن بەرى دىھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللۇنۇپ كەلگەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەتىز-ئەرىقلىرى، يەزىلىرى چۆللۇشىپ كەتمەكتە

ھايات مەنبەسى كىسىلمەكتە. 30 يىلدىن بەرى داۋاملىق پارتلىتىلغان ئاتوم بومبىسىنىڭ تەسىرىدىن بۇزۇلغان ھاۋا كىلىماتىنىڭ نەتىجىسىدە شەرقىي تۇركىستاننىڭ يەزائىگىلىك، چارۋىچىلىق ۋە باغۋەنچىلىك ئىشلىرى ئەغىر زەربىگە ئۇچرىغان بىر ئەھۋالدا ئىدى. بۇگۈن چارۋىچىلىق،باغۋەنچىلىك، دىھقانچىلىق بىلەن كىرىم قىلىش ئىمكانىيىتى بولغان ياخشى يەرلەر يەنىلا يەرلىك ھەلقنىڭ قولىدىن تارتىپ ئەلىنىپ جوڭگۇولۇق كۆچمەنلەرگە بەرىلمەكتە

شەرقىي تۇركىستاندىكى تىجارەت دۆلەت ھىمايىسى ئاستىدىكى جوڭگۇولۇقلارنىڭ قولىدا. تۇغۇت كونترولى باھانىسىدا مۇسۇلمان خوتۇن-قىزلىرىغا يۇرگۇزىلىۋاتقان دۆلەت تەررورى ھەققىدىكى پاجىئەلەرنى سوزلەشكە تىل ئاجىزلىق قىلىدۇ. دىنىمىز، مەدەنىيىتىمىز، مىللى ئۆرپە-ئادەتلىرىمىز داۋاملىق بەسىم ئاستىدا تۇتۇلماقتا.بۇلۇپمۇ مۇسۇلمان خەلقىمىزنى ئىسلامدىن،مۇبارەك ئىسلام دىنىمىزنى مۇسۇلمان خەلقىمىزدىن ئايرىۋىتىش ئۈچۈن يۈرگۈزىلىۋاتقان دىنى سىيا سەتنىڭ ئاستىغا رەزىل ۋە قەبىھ سۈيقەتلەر يۇشۇرۇنماقتا.سۇسىز قا لغان زىرائەت قۇرۇيدۇ.دىندىن مەھرۇم مەزلۇم  خەلق يوقۇلىدۇ.نىيەت ئىنتايىن قەبىھ

شەرقىي تۇركىستان تۇرمىلىرى ياش ئەۋلادلىرىمىز بىلەن توشماقتا.ئانىلار تۇل،بالىلار يىتىم،ياشانغانلارنى باقىدىغان يىگىتلەرنىڭ پۇت-قۇلىدا كىشەن-كويزا. مەدەنىي دۇنيا تەرىپىدىن ”ئۇستى ئوچۇق تۇرمە“ دەپ تەرىپلەنگەن شەرقىي تۇركىستاندا يەرلىك خەلقنىڭ نەسلىنىڭ قۇرۇتۇلۇپ تۇگۇتىۋەتىلىشى جوڭگۇو ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن پىلانلىق، سەستىمىلىق ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنى ھەلقىمىزنىڭ مۇتلەق كوپ قىسمى تونۇپ يەتمەكتە

ئۇيغۇر خەلقىنى مەركەز قىلغان يەرلىك قىرىنداش،تەقدىرداش خەلقلەر شۇنى چۈشۈنۈپ يىتىشى كىرەككى،بىز بۇ ئەزىز ۋەتىنىمىزدە خەنزۇلار بىلەن بىللە ياشاشنى خالايمىز،دىسەكمۇ،ئۇلار بۇ زىمىندا بىز بىلەن بىللە ياشاشنى خالىمايدۇ.ئۇلار بىزنى تامامەن يۇقۇتىۋىتىپ،ھەتتا بۇ زىمىندا بىزگە ئائىت بولغان بارلىق مىدىرلاپ يۈرگەن جانلىقلارنى يۇقۇتىۋىتىپ،يەر ئاستىدىكى بىزگە مەنسۇپ بايلىقلارنى ئەبىدى ئۆزىنىڭ قىلىۋىلىش ئۈچۈن ھەركەت قىلىۋاتىدۇ.بىز يالۋارساقمۇ،تەسلىم بولساقمۇ،قۇل بۇلۇشقا رازى بولساقمۇ،جۇڭگو ھاكىمىيىتى بۇ نىيىتىدىن ۋاز كەچمەيدۇ

تارىختا كۆپ قىتىم ئالداندۇق.دۈشمەننىڭ تاتلىق گەپلىرىگە ئالدانمىساقلا،پوپۇزىسىدىن،ھەيۋىسىدىن،كۇچىدىن قورقمىساقلا ۋەتنىمىزنى،دىنىمىزنى ۋە ئۆزىمىزنى قوغداپ قالاليمىز

بىز مىللەت سۈپىتىدە دۇچ كىلىۋاتقان مەسىلە، ناچار كۈندە ياشاش بىلەن ياخشى كۈندە ياشاش مەسىلىسى ئەمەس،بەلكى،دۇنيادا مەۋجۇت بولۇپ قىلىش ياكى يوق بولۇپ كىتىش مەسىلىسىدۇر

نەسلىمىزنىڭ يوقاپ كەتىشنىڭ ئالدىنى ئەلىش ئۇچۇن 21-ئەسىرگە ئۆزىمىزنىڭ مىللىي دۆلىتى بىلەن كىرىشتىن باشقا يول يوقتۇر

شەرقىي تۇركىستان خەلقى ۋەتەن ۋە مىللەتنىڭ ھاياتىنى، بەخىت-سائادىتىنى، شان-شەرىپىنى، غۇرۇر-ئىپتىخارىنى ئەبەدى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان مىللىي دۆلىتىنى ئەسلىگە كەلتۇرۇش ئۇچۇن ھەر قانداق بەدەل تۆلەشكە رازى بولغان بىر ئىرادىگە كەلمەكتە

ئوكسىگىن بولمىغان يەردە ھاياتلىقنى تەسەۋۇر قىلىش مۇمكىن بولمىغىنىغا ئوخشاش، بۇگۈن ئۆلۈم گىرداۋىغا سۈرۈلۈپ كەتىۋاتقان شەرقىي تۇركىستان خەلقىنىڭ مىللىي مەۋجۇدىيىتىنى داۋام ئەتتۇرۇشنى، مۇستەقىل بىر مىللىي دۆۋلەتسىز تەسەۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس

بىز ئۆزىمىزنىڭ ئىسسىق قىنى بىلەن يازىدىغان شۇارىمىز شۇ؛ 21-ئەسىرنى ئازات ۋە مۇستەقىل شەرقىي تۇركىستان بىلەن قارشى ئالايلى

Share
2424 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.