logo

trugen jacn

ئابدۇۋەلى ئايۇپ: مۇستەقىللىق ئىتىقات ئەمەس

ئابدۇۋەلى ئايۇپ

مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇرلارنى شىرىن ئارزۇلاردا ئەللەيلەۋاتقان، تەشكىللەۋاتقان، بەزىدە مىڭىلەردە ۋە سورۇنلاردا غوڭۇلداپ كىشىنى بىئارام قىلىۋاتقان، بىھۇدە ۋاراڭ-چۇرۇڭ پەيدا قىلىۋاتقان، يوق يەردىن گەپ، زىددىيەت تېرىۋاتقان، ئورۇنسىز ئەيىپلەش، نىزا ۋە ھۇجۇملارغا سەۋەپ بولۇۋاتقان بىر يۈرۈش مەسىلىلەر بار. بۇلار ھۆكۈمەت قۇرۇش مەسىلىسى، داۋادىكى ئىككى قۇتۇپ مەسىلىسى، ئاخباراتقا مۇستەقىللىق دېيىش ياكى دېمەسلىك مەسىلىسى، مۇستەقىللىق ئۈچۈن قانداق يول تۇتۇش مەسىلىسى قاتارلىقلار. تۆۋەندە مەن بۇ توغرىلىق ئويلىرىمنى دەپ باقاي.
1. توختىماي قۇرۇلغان ھۆكۈمەت مەسىلىسى

تۇنجى شەرقى تۈركىستان سۈرگۈندە ھۆكۈمىتى 2004-يىلى ئامېرىكىدا قۇرۇلغاندا خېلى ئوبدان بىر شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىققان. بۇ ھۆكۈمەتنىڭ باش مىنىستىرى خىتايدىكى ئائىلىسىنى يوقلىغىلى بارغاندىن كېيىن زىددىيەت قايناپ كەتتى. شۇندىن كېيىن بۇ سابىق باش مىنىستىرنىڭ باشچىلىقىدا ھازىرغىچە ئۈچ تۆت ھۆكۈمەت قۇرۇلۇپ بولدى. بۇندىن كېيىن داۋاملىق قۇرۇلۇش ئىھتىماللىقى يوق ئەمەس. بۇنداق ھۆكۈمەتلەر پەقەت سىموۋۇللۇق رول ئوينايدىغان بولغاچقا، دۆلىتى يوق مىللەتنىڭ ھۆكۈمىتىگە ئىھتىياج بولمىغاچقا نەتىجە چىقمىدى. ئادەتتە بۇنداق ھۆكۈمەتلەرگە ھىچ بىر ۋەزىپە ئارتقىلى بولمايدىغان بولغاچقا، رولى بولمىغان، ۋەزىپىسى بولمىغان، سىموۋۇللۇقتىن باشقا ئىشقا يارىمايدىغان بولغاچقا ئاسانلا قۇرۇلۇپ ئاسانلار تارقىلىپ كېتىپ بارىدۇ. بۇنداق ھۆكۈمەتلەرنى قانۇنى جەھەتتىن بىر تەشكىلات سۈپىتىدە ئەنگە ئالدۇرماي پائالىيەت قىلىش مۇمكىن ئەمەس، شۇڭا بۇ ھۆكۈمەت ھەر قايسى ئەللەردە قانۇنلۇق پائالىيەت قىلىش ئۈچۈن شۇ سۈپەتتە ئەنگە ئالدۇرىدۇ. ئەنگە ئېلىنمىغانلىرى پەقەت بىر قېتىملىق داستىخاندارچىلىقنىڭ خاتىرىسى بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا 2004-يىلى قۇرۇلغان ھۆكۈمەتتىن باشلاپ پارچىلىنىش، پات-پاراقچىلىقتىن خالى بولغان بىرمۇ ھۆكۈمەت بولۇپ باقمدى.
2. داۋادىكى ئىككى قۇتۇپ مەسىلىسى
شەرقى تۈركىستان داۋاسىنىڭ 1950-يىللاردىن كېيىن مۇھاجىرەتتە ئىككى قانىتى بولغان، بىرى سوۋېت قوللىغان، ئوتتۇرا ئاسىيانى بازا قىلغان قانات، يەنە بىرى ئامېرىكا باشلىق غەرپ قوللىغان، تۈركىيە ۋە گېرمانىيەنى بازا قىلغان قانات. سوۋېت قوللىغان قانات سوۋېتنىڭ گۇم بولۇشى بىلەن ئاجىزلىدى.
ئامېرىكا بىلەن سوۋېتنىڭ سوغۇق ئۇرۇشى تۈگەپ ئىككى قۇتۇپلۇق دۇنيا كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنياغا ئۆزگەرگەندىن كېيىن كومۇنىزىم لاگىرىغا مەنسۇپ داۋانىڭ قانىتى سۇندى. ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ روستىن قۇتۇلۇپ خىتاينىڭ ئىقتىسادى مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىشى بۇ قاناتنىڭ پائالىيەت بوشلۇقىنى ئاساسەن بوغۇپ تاشلىدى.
ھازىر داۋادا داۋام قىلىۋاتقىنى ئامېرىكا باشلىق غەرپ قوللىغان قاناتتۇر، بۇ قاناتنىڭ تارىختا مىيۇنخندا ئازاتلىق رادىئوسى بولغان، ھازىر ۋاشىڭتوندا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى بار.
غەرپ قوللىغان شەرقى تۈركىستان داۋاسى 1950-يىللاردىن كېيىن غەرپ قوللىغان ۋە ئاچقان يىغىنلارغا قاتنىشىش، مۇناسىۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىغا دوكىلات يوللاش، شەرقى تۈركىستان ئىچىدە بولۇۋاتقان زۇلۇمنى دۇنياغا ئاڭلىتىش قاتارلىق شەكىلدە داۋام قىلىپ كەلگەن.
سوۋېت قوللىغان داۋانىڭمۇ تاشكەنتتە ۋە ئالمائاتىدا تەشۋىقات ئورگانلىرى بولغان، ئەمما خەلقئارا يىغىنلاردا پۇرسەتلەرگە ئېرىشەلمىگەن، ئىزچىل قوراللىق كۈرەشتىن ۋاز كەچمىگەن ۋە تۈرلۈك شەكىلدە تەييارلىق قىلىنغان، ئەمما تىزگىن بىۋاستە سوۋېتكە باغلانغانلىقى ئۈچۈن ھىچ بىر ئۈنۈملۈك ئەمەلىي ھەرىكەت بولمىغان، تەشۋىقاتتىن باشقا تەدبىر قىلىنمىغان، ھىچ بىر نەتىجە كۆرۈلمىگەن.
1997-يىلدىكى غۇلجا پاجىئەسىدىن كېيىن سابىق سوۋېتتىكى داۋاگەرلەرنىڭ ئاخىرقى كۈچلىرى بىلەن تۈركىيەدىكى شەرقى تۈركىستان داۋاگەرلىرى ۋە ۋەتەندىن چىققان كۈچلەر خىتايغا قوراللىق قارشى تۇرۇشتا بىرلەشكەن. قوراللىق كۆرەشتە دىننىڭ ۋاستە قىلىنىشى ئوتتۇرىغا چىققان. مىللەتچى رەھبەرلەر ساقاللار قويۇلغان مۇجاھىتلارغا ئايلانغان ۋە خەلقئارا جىھادىزىمنىڭ تەسىرى، خىتاينىڭ قولى ۋە دىننىڭ چۈشىنىش ۋە قوللىنىشتىكى پەرقلىق ئۇسۇللار سەۋەپلىك ئىككىگە پارچىلانغان. شۇندىن كېيىن داۋانىڭ يېڭى ئىككى قۇتۇبى، دىنىي داۋاگەرلەر ۋە مىللىي داۋاگەرلەر شەكىللەنگەن. بۇ شەرقى تۈركىستان داۋاسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە پەيدا بولغان يېڭى ئىككى قۇتۇپ بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.
2005-يىلى شەرقى تۈركىستان داۋاسى بىلەن ئۇيغۇر داۋاسىنى ئايرىش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە ئۇيغۇر داۋاسىغا كىشىلىك ھوقۇق داۋاسى، شەرقى تۈركىستان داۋاسىغا بېسىۋېلىنغان دۆلەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، يەنى مۇستەقىللىق داۋاسى دەپ ئات قويۇلغان. دۆلەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن شەرقى تۈركىستاننىڭ بېسىۋېلىنغان زېمىن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئوتتۇرىغا قويۇلغان (شەرقى تۈركىستان ئۇلۇسىمۇ ئۇيغۇر مىللىتىمۇ دېگەن ماقالەمدە تەپسىلى توختالغانلىقىم ئۈچۈن بۇ يەردە تەكرارلىمايمەن) بۇ ئۇيغۇرلار پەيدا قىلغان داۋادىكى يېڭى ئىككى قۇتۇپ بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.
3. داۋادا مۇستەقىللىق دېيىش دېمەسلىك مەسىلىسى
شۇنى كەسكىن دېيىش كېرەككى، مۇستەقىللىق دۇنياغا ئىرادە بىلدۈرۈپ، مەيدان جاكارلاپ، تەلەپ قويۇپ ئېرىشكىلى بولىدىغان نەرسە ئەمەس. نامايىش ئارقىلىق مۇستەقىل بولغان، خەلقئارا ئاخباراتقا مۇستەقىللىق ئارزۇسىنى جاكارلاپ مۇستەقىل بولغان، يىغىنلاردا تەلەپ قىلىپ مۇستەقىل بولغان بىرمۇ مىللەت يوق. مۇستەقىللىق بىرى كونا ئىمپىرىيەنىڭ يىمىلىرىلىشى بىلەن بولىدۇ. مەسىلەن، ئوسمان ئىمپىرىيەسى، ئەنگىلىيە ئىمپرىيەسى، چىڭ ئىمپىريەسى قاتارلىقلار. بۈگۈنكى ھىندىستان، پاكىستان قاتارلىقلار ئەنگىلىيەدىن ئايرىلغان، موڭغۇلىيە چىڭ ئىمپىرىيەسىدىن ئايرىلغان، سۈرىيە، يەمەنلەر ئوسمان ئىمپرىيەسىدىن ئايرىلغان. ئىككىنجى بىرى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ پارچىلىنىشىدىن بولىدۇ، مەسىلەن سوۋېت ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلىرى، يۈگۈسلاۋىيە ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ پارچلىنىشى قاتارلىقلار. ئۈچىنجى، ئۇرۇش ئارقىلىق مۇستەقىل بولىدۇ، مەسىلەن بۈگۈنكى ئاسىيا، ئافرىقا ۋە لاتىن ئامېرىكىسىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر ياۋرۇپا مۇستەملىكىچىلىرىدىن ئۇرۇش ئارقىلىق ئايرىلىپ چىققان. تۆتىنجى قوراللىق توقۇنۇشنىڭ خەلقئارالىق ياراشتۇرىلىشى ئارقىلىق مۇستەقىل بولغان، مەسىلەن، جەنۇبى سۇدان، ئىرىتىرىيە قاتارلىق. بەشىنچى، مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ مۇرەسسەسى بىلەن مۇستەقىل بولغان، مەسىلەن سىنگاپور، بېنگال، شەرقى تىمور.
يۇقارقى مىساللاردىن مەلۇمكى ب د ت، غەرپ ۋە بۈگۈنكى ھىچ بىر كۈچ بىر مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى نامايىشچىلارنىڭ قولىغا ئېلىپ بەرگەن ئەمەس. ھىچ بىر مىللەت خەلقئاراغا مۇستەقىللىق ئىرادىسىنى نامايەن قىلىپ مۇستەقىل بولغان ئەمەس. ھىچ بىر دۆلەت بىرەر ھۆججەتنى تېپىپ مۇستەملىكە بولغانلىقىنى ئىتىراپ قىلغۇزۇپ ئاندىن مۇستەقىل بولغان ئەمەس. يۈز مىڭ ئەزاسى بولغان مۇستەقىللىق پارتىيەسى قۇرۇپ مىليۇن قېتىم مۇستەقىللىق جاكارلاشتىنمۇ مۇستەقىللىق چىقمايدۇ. مۇخپىلارنىڭ مەيداننى قىزىتىپ، كۆرۈرمەننى جەلىپ قىلىش ئۈچۈن سوراپ قويغان «سىلەر مۇستەقىللىق تەلەپ قىلامسىلەر؟» دېگەن سوئالىغا «ھەئە» دېيىشى بىلەن مۇستەقىل بولغان مىللەت بولغانمۇ ئەمەس. ئەڭ يېقىنقى مىسال،
2017-يىلى ئىككى مۇستەقىللىق داۋاسى بولۇپ ئۆتتى. بىرى قوراللىق ھەل قىلىش يولىنى تاللاپ زېمىننى قولىغا ئالغان كورتلارنىڭ داۋاسى، يەنە بىرى تىنچ ھەل قىلىش يولىنى تاللىغان ئىسپانىيەگە قارام كاتالونلارنىڭ داۋاسى. بۇ ئىككى داۋادا خەلق بىلەت تاشلاپ يۇقۇرى ئاۋاز بىلەن مۇستەقىللىقنى تاللىدى. مۇستەقىل ھۆكۈمەت تەييار، خەلقنىڭ ئىرادىسى تەييار، ئەمما ب د ت نىڭ ئىتىراپ قىلىشىغا ئەمەس، ھىچ بىر دۆلەتنىڭ ئىتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمىدى. شۇڭا مۇستەقىللىق دېيىش دېمەسلىك بىلەن، تەلەپ قىلىش قىلماسلىق بىلەن، نامايىشى قىلىش قىلماسلىق بىلەن ئۇيغۇرلار مۇستەقىل بولالمايدۇ.
4. مۇھاجىرەتتىكى مۇستەقىللىق يولى
بىر پروفېسسوردىن بىر ئۇيغۇر ئىخلاسمەن «ئۇيغۇرلار قانداق قىلىپ مۇستەقىل بولالايدۇ؟» دەپ سورىدى. ئۇ پروفېسسور «قاچان ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ قەلبىدە بىر مۇستەقىل دۆلىتى بولغاندا» دەپ جاۋاپ بەردى. بۇ جاۋاپ بەك سۆيۈملۈك. بۇ جاۋاپنىڭ مەنىداش جاۋابىنى بىر ئۆلىما دوستۇممۇ «ئۇيغۇرلارنىڭ دۇئاسى قاچان ئىجابەت بولىدۇ؟» دېگەن سوئالغا «ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر بىرى ئاللاھقا تولۇق يۈزلىنىپ مىللەت سۈپىتىدە دۇئا قىلماي تۇرۇپ بىر بۆلۈك ئادەمنىڭ دۇئاسى بىلەن مەسىلىمىز ھەل بولمايدۇ». ماھىيەتتە بۇ ئىككى جاۋاپ ئوخشاش، توپتوغرا، ھىچ يېرى خاتا ئەمەس. لېكىن بۇ سوئالدا سورالغانغا جاۋاپ ئەمەس، جاۋاپتا كونكىرىت تەدبىر، شۇ تەدبىرنىڭ قەدەم باسقۇچلىرى، سىنالغان مىساللىرى بولۇشى كېرەك ئىدى. بۇ جاۋاپ مەڭگۈ خاتالاشمايدىغان جاۋاپ بولۇپ، ئەستايىدىل، ئىلمىي ۋە سەمىمى بېرىلگەن جاۋاپ ئەمەس پەقەت بىر روھى تەسەللى. چۈنكى ھىچ بىر ئىنسان يەنە بىر ئىنساننىڭ قەلبىدە دۆلەتنىڭ قۇرۇلغان قۇرۇلمىغانلىقىنى، ئاللاھقا پۈتۈنلەي يۈزلەنگەن ياكى يېرىم يۈزلەنگەنلىكىنى بىلەلمەيدۇ، ھىچ قاچان كۆرەلمەيدۇ. مەن قانداق جاۋاپ بەرگەن بولاتتىم؟
1. ھۇجۇم قىلىپ شەرقى تۈركىستاندىن خىتاينىڭ تاجاۋۇزچى كۈچلىرىنى قوغلاپ چىقىرىپ، ئىراقتىكى كورتلارنىڭ ئەھۋالىغا چۈشۈپ قالماستىن دەرھال ئامېرىكا باشلىق غەرپنىڭ ئىتىراپىغا ئېرىشسەك مۇستەقىل بولىمىز. ئەمما شۇ ئۇرۇشنى قانداق قىلىمىز، كىم قىلىدۇ؟ نەدە قىلىمىز، بىزدىكى ئىمكان قېنى؟ نەدە؟ قېرىنداشلارنىڭ پىكىرلىرىدىن، باشچىلارنىڭ بايانلىرىدىن قارىسام پۈتۈن خىتاينى دۈشمەن تۇتىدىكەنمىز. بۇنىڭ دائىرىسىنى كىچىكلىتىپ بىز خىتاي دۆلىتىدىكى خىتايلار دەپ توغرا چۈشىنىۋالسام بىر مىليارت تۆت يۈز مىليۇن خىتاينى دۈشمەن تۇتىدىكەنمىز. بەزىلەر ھەممە خىتاينى دېمەي كومپارتىيەنى دۈشمەن تۇتايلى دەيدۇ. ئۇمۇ ئاز كۈچ ئەمەس ئىكەن، 84 مىليۇن پارتىيە ئەزاسى بار ئىكەن. مەيلى قايسىنى دۈشمەن تۇتساق دۈشمەن ئاز ئەمەس ئىكەن. دۈشمەننى ئىستانبۇلدا ئولتۇرۇپ بولۇشىغا ۋاقىراپ قوغلاپ چىقارغىلى بولامدۇ؟
2. خىتاي پارچىلىنىپ كەتسە مۇستەقىل بولىمىز. پارچىلانغان سوۋېتلەر ۋە يۈگۈسلاۋىيە ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلەر ئىدى. پارچىلىنىپ چىقىپ كەتكەن جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ ئەسلىدىنلا مەركىزى ھۆكۈمەتتىن ئايرىلىش ھوقۇقى بار ئىدى. مەركىزى ھۆكۈمەت ئەمەلدىن قالغانلىقىنى جاكارلىغاچقا ئۇلار مۇستەقىل بولدى. ئەمما ئاپتونۇم جۇمھۇرىيەتلەر بولالمىدى. مەسىلەن، روسىيەگە تەۋە تاتارىستان، باشقۇرتىستان، چېچىنىستان قاتارلىقلار. خىتاي ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەت ئەمەس، بىرلىككە كەلگەن جۇمھۇرىيەت. شۇڭا خىتايدا پارچىلىنىپ كېتىش دېگەن ئۇقۇم ئىتىراپ قىلىنمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن بىز پارچىلىشىمىز كېرەك. ئەمما چەتئەلدە تۇرۇپ خىتاينى پارچىلىغىلى بولمايدۇ.
3. خىتاي دېموكراتىيەگە ماڭسا، بىز پارتىيە قۇرۇپ، يەرلىك ھۆكۈمەتنى قۇرۇپ، پارلامېنتىمىزدا ئاۋازغا قويۇپ مۇستەقىل بولىمىز. ئاندىن بۇنى خىتايغا ئىتىراپ قىلغۇزىمىز، كورتلار ۋە كاتالونلارغا ئوخشاش. بۇ جاۋاپنىڭ ئالدىنقى شەرتى خىتاي قانداقراق دېموكراتىك دۆلەت بولىدۇ، دېگەنگە باغلىق. بۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي ھىندىستاندەك، پاكىستاندەك، ئىسپانىيەدەك دېموكراتىيەگە ئەمەس، خوڭكوڭدىن ۋاز كەچكەن ئەنگىلىيەدەك، ياپۇنىيەگە ھۆرلۈك بەرگەن ئامېرىكىدەك، ھىچ بولمىغاندا پەلەستىندىن قىسمەن ۋاز كەچكەن ئىسرائىلىيەدەك دېموكراتىيە سەۋىيەسىگە ئىگە بولۇشى كېرەك. ئەگەر 70 يىلدىن بېرى دېموكراتىك باشقۇرىلىۋاتقان ھىندىستاننىڭ كەشمىرگە بەرمىگەن مۇستەقىللىقىنى، ياۋرۇپا بىرلىكىدە تۇرۇپ كاتالونىيەگە مۇستەقىللىق بەرمىگەن ئىسپانىيەنىڭ دېموكراتىيەسىنى خىيالىمىزغا كەلتۈرسەك خىتاينىڭ دېموكراتىيە مۇساپىسىنىڭ قاچان، قانچىلىك سەۋىيەگە يەتسە ئاندىن بىزنىڭ بىلەت تاشلاپ مۇستەقىللىق جاكارلىشىمىزغا يول قويىدۇ، دېگەنلەر ھەققىدە ئويلانماي تۇرالمايمىز.
مەنمۇ مەيدانىمنى جاكارلاپ قوياي، 14 يېشىمدا «شەرقى تۈركىستان دېموكراتلار پارتىيەسى» نى قۇرغىنىمدىن باشلاپ بىر دۆلىتىم بولسىكەن دەپ كەلدىم. ئەزاسى 4 تىن ئاشمىغان ئۇ پارتىيەم 1989-يىلى يوققا چىققاندىن كېيىن پارتىيە، تەشكىلات دېگەنلەرنىڭ ۋەتەندە باشقىلارنى ئۆزىگە چېتىپ تۇتۇپ بېرىشتىن باشقا رولى يوقلىقىغا شاھىت بولدۇم. شۇندىن كېيىن تەشكىلات ۋە پارتىيەلەردىن مۇستەسنا ياشىدىم، ئەمما مېنىڭ مۇستەقىللىق ئارزۇيۇم يوققا چىقماي كەلدى. ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشسىكەن دەيمەن. ئەمما مەن بىر تەتقىقاتچى بولغاچقا مۇستەقىللىق دېگەن نېمە، قانداق يەتكىلى بولىدۇ، باشقىلار قانداق يەتكەن، قانداق شارائىتتا يەتكەن، نېمە ئارقىلىق يەتكەن، مەن قانداق يېتىمەن، قاچان يېتىمەن دېگەنلەر ھەققىدە ئۆزۈمدىن سوئال سورايمەن، كىتاپلاردىن ئىزدىنىمەن، جەمئىيەت تەكشۈرىمەن.
مەن مۇستەقىلچى، بۇ ئارۇيۇمغا ئىنتىلىمەن، ئەمما ئىتىقات قىلمايمەن.
مەن ئۈچۈن مۇستەقىللىق ئىنتىلىش، ئەمما ئىتىقات ئەمەس. ئىتىقاتقا گۇمان قىلغىلى بولمايدۇ، مەسىلەن، ئاللاھ جەننەتنى ياراتقان، سىز بۇنى زادى ياراتقانمۇ ياراتمىغانمۇ دەپ گۇمان قىلسىڭىز ئىتىقاتچى بولالمايسىز. بۇنداق سوئالىم بار دېگەنلىك گۇمانىم بار دېگەنلىك، ئىتىقاتلىق ئادەم ئىتىقاتىدىن گۇمان قىلمايدۇ، ئىتىقاتتا تەتقىق قىلىپ، تەجرىبە قىلىپ ئېرىشكىلى بولمايدۇ. شۇڭا مېنى بىرى ئاپتونۇمىيەچى، كىشىلىك ھوقۇقچى دېسىمۇ قىلچىلىك غەزەپلەنمەيمەن. مۇستەقىلچى دېسىمۇ شاتلىقتىن ھاياجانلىنىپ كەتمەيمەن. چۈنكى بۇلارنىڭ ھىچ بېرى مېنىڭ ئىتىقادىم بولمىغاچقا غەزەپلىنىشىمگە ئەرزىمەيدۇ. مېنىڭ ئىتىقادىم بولمىغان ھەر قانداق مەسىلە مەن ئۈچۈن تەقىقات تېمىسى ھىساپلىنىدۇ، شۇڭا قىزارماي، قىزىشماي، چارچىماي بىلگەنلىرىمنى دەپ مۇڭدىشىپ، مۇنازىرە قىلىپ باقىمەن.
داۋادا مەخپىي دوستلىرىمغا، داۋا سېپىدە ئاشكارە دوستلىرىمغا يۈرەك سۆزۈم، يالغان گەپ قىلمايلى، ئۇيغۇرنى ئالدىمايلى، مىللەتنىڭ سۈتتەك پاك، ناندەك ھالال مۇستەقىللىق ئارزۇسىنى سۈيىئىستىمال قىلىپ ئادەم يىغمايلى، يىغىن ئاچمايلى، يىغا زارە قىلىشمايلى، بىز ھازىر مېڭىۋاتقان ھىچ بىر يول بىزنى مۇستەقىللىق مەنزىلىگە بىۋاستە يەتكۈزمەيدۇ. قېنى تۈركىيەدىكى دوستلار، قايسى ھۆكۈمەت ئەمەلدارى بىلەن ئۆمرۈمىزدە بىر قېتىم شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىقى ھەققىدە كۆرۈشۈپ باقتۇق؟ گېرمانىيەدىكى ئاغىنىلەر، قايسى يىغىندا بىزدىن مۇستەقىللىق مەسىلىسى سورالدى؟ ئامېرىكىدىكى داۋاگەرلەر، بىز ئاقسارايغا مۇستەقىللىق بېرىڭلار دەپ كىردۇقمۇ ياكى دوكىلاتنى قولتۇقلاپ ئۇيغۇر ئېزىلىپ كەتتى ھاي دەڭلار دەپ كىردۇقمۇ؟ راستچىل بولايلى، رەسمى يىغىندا، رەسمى ئۇچرىشىش ۋە سۆھبەتلەردە ئ‍ۇلارنى دېيىشمىدۇق، بىزدىن سورىمايدۇ، تەلەپ قىلىش پۇرسىتىمىز يوق، تەلەپ قىلساقمۇ ئېلىپ بەرمەيدۇ، ھەم بىزمۇ دېيىشەلمەيمىز، دېيىشىدىغان گەپ ئەمەسلىكىنىمۇ بىلىمىز. شۇڭا داۋا دەپ قىلىۋاتقان ئىشىمىز نېمە بولسا قويىدىغان ئاتمۇ شۇ ئىشقا ماس بولسۇن. ھازىرقى داۋا مىللەتكە مۇستەقىللىق بەرمەيدۇ، پەقەتلا بىزگە مىللەتنىڭ خىزمىتىنى قىلىش پۇرسىتى بېرىدۇ، ۋەتەندە بولۇۋاتقان زۇلۇمنى دۇنياغا يەتكۈزىدۇ، دۇنياۋىي كۈچلەرنى تەدبىرگە ئۈندەيدۇ، خالاس. مۇستەقىللىق يىغلاپ تەلەپ قىلغانغا ئەمەس تەدبىر بىلەن كۈرەش قىلغانغا نىسىپ بولىدۇ.
2020-يىلى رامىزاننىڭ 14-كۈنى

Share
1959 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.