logo

trugen jacn

مۇساپىر؛ پايانسىز مۇساپە، مەڭگۈلۈك غايە، قەلەمدىن قورالغا تۇتاشقان بىر مۇساپىرنامە

مۇساپىر؛
پايانسىز مۇساپە، مەڭگۈلۈك غايە، قەلەمدىن قورالغا تۇتاشقان بىر مۇساپىرنامە
ئاپتورى: مىركامىل كاشغەرىي
ئەسكەرتىش:
«ئەزىز قېرىنداشلار ۋە دەرتداش قەلبداشلار! كۆپىنچىڭلارغا ئىسمىم تونۇش، ئاۋازىم سىرداش بولۇشى مۇمكىن. رادىيو دولقۇنلىرىدا ياكى سىياھ بولۇپ تامچىغان ماقالىلىرىمدا سىلەر بىلەن غايىبانە سىردىشىپ كەلدىم. ئەمما شۇ ماقالىلارنىڭ ئارقىسىدىكى ئاچچىق قىسمەتلەرنى، مۇساپىر بىر يۈرەكنىڭ سىقىلىشلىرىنى ۋە 56 يىللىق ئۆمۈر مۇساپەمدىكى يوشۇرۇن جاراھەتلەرنى بەلكىم كۆپىنچىڭلار تېخى بىلمەيسىلەر.
ھايات بىر تەرەپتىن سىناق، بىر تەرەپتىن ھېكمەت. مەن 2003-يىلى جىددەنىڭ غۇۋا كېچىلىرىنىڭ بىرىدە، 33 ياشلىق نەۋقىران باھارىمنىڭ ئىزتىراپلىق خۇلاسىسىنى «مۇساپىر» دېگەن نامدا قەغەزگە پۈتكەن ئىدىم. مانا ئەمدى دەۋر ئايلىنىپ، يەنە 23 يىللىق جاپالىق، ئەمما شەرەپلىك بىر مۇساپىنى باشتىن كەچۈردۈم. بۈگۈن مەن ئەنە شۇ تۇنجى نالەمدىن تارتىپ، تاكى ئەللىك ئالتە ياشلىق پولاتتەك ئىرادەمگىچە بولغان بىر پۈتۈن ھايات داستانىمنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىشنى توغرا تاپتىم.
بۇ يازما پەقەت مىركامىلنىڭ تەرجىمىھالىلا ئەمەس، بەلكى غۇربەتتە تاۋلانغان، زۇلۇمدا ئويغانغان ۋە شاھادەتكە تەشنا بولغان بىر مىللەت پەرزەنتىنىڭ قەلب ساداسىدۇر. بۇ ئەينەكتە ئۆزۈڭلارنى كۆرۈشىڭلارنى، بۇ سادادا ۋەتىنىمىزنىڭ يۈرەك سوقۇشىنى ھېس قىلىشىڭلارنى ئارزۇ قىلىمەن».
بىرىنچى قىسىم: (2003-يىلىدىكى 33 يىللىق ھايات خۇلاسىسى، جىددىدە يېزىلغان)
پايانسىز مۇساپىلەرگە مۇشتاق مۇساپىر.
شۇنداق، ئۇنىڭ مۇساپىسى لەھزىلەرنىڭ بۇ قەتىلگاھىدا تامام بولمايدۇ. ھەتتا غىرىپخانىسىدا يانغان شام ئىسلىرى چېغىدا تورۇسنى قاپلاشتىن توختىمايدۇ. قارىسىڭىز، پۇتلىرىغا قاداقلار تېڭىلغان، بەدەنلىرى تاش يامغۇرىنىڭ مالامىتىدە جاراھەتكە تولغان، قاقشال لەۋلىرى توختىماي سۆزلەشكە چۈشكەن. ئەمما ئۇ كىمگە سۆزلىمەكچى؟!
بەلكىم جىنازىلەرگە يول ئېچىپ، شاھىد بولۇۋاتقان چاڭ – توزاڭلارغا سۆزلىمەكچىدۇ. بەلكىم كېچىنىڭ ئىككىنچى قىرغىقىنى چىرماپ ياتقان تېخىمۇ قاراڭغۇ سۈكۈناتقا پەرۋاسىز، خۇددى ئۆزىگە ئوخشاشلا سەپەرگە ئاتلانغان مۇساپىرلارغا سۆزلىمەكچىدۇ.
كۆپ ھاللاردا ھىجران ئەھلىنىڭ قەلىب ۋادىلىرىغا كېچىلەپ باستۇرۇپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ مۇھەببەت-نەپرەتلىرى ۋە چالا چۈشلىرىنىمۇ قويماي يۈتۈپ كەتمەكچى بولىدىغان ياۋۇز ئەجدىھالار ئۇنىڭ يولىنى توراپ، ۋەھىمە سېلىپ قارايدۇ؛ «مۇساپەڭنىڭ كېلەركى دوقمىشى تېخىمۇ قاراڭغۇ، كېچىلىرى تېخىمۇ ئۇزۇن» دەپ تەھدىت سالماقچى بولىدۇ.
ئەمما ئۇ:
كېچىلەر ئىلكىمدە ئەمەس ئەلۋەتتە،
ۋە لىكىن چۈشلىرىم تەئەللۇق ماڭا.
مەڭگۈ ئايرىلماس ھەمرادۇر ماڭا.
دېگەن مۇھەببەت مارشىنى ياڭرىتىپ، سەپىرىنى داۋاملاشتۇرىۋېرىدۇ.
ئۇنىڭ ئىزتىراپلىرى ئەتراپىدىكىلەرگە ناتونۇش. ئۇ سەپەرنى بىرگە داۋاملاشتۇرغان ھىجران ئەھلى يولنىڭ توپا – توزاڭلىرىغا يۆگىنىپ ئۇيقىغا كېتىپ قالدى. ئۇ تۈنۈگۈنكىدەكلا بۈگۈنمۇ يەنە يالغۇز قالدى.
راستىنى ئېيتقاندا، ئۆز ئىزتىراپلىرى تىلسىماتىنى ئۆزىمۇ ئانچە پىششىق بىلىپ كەتمەيدۇ. بىلىدىغىنى پەقەتلا شۇنچىلىككى، ئۇنىڭ ئىزتىراپلىرىدىن ئىلى دولقۇنىنىڭ غەزەپلىك نادامەتلىرى ئاڭلىنىدۇ. ھەزرىتى ھۈسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ فرات دەرياسى ساھىلىدا نېمە ئۈچۈن بىلىپ تۇرۇپ، ئۆزىنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بەرگەنلىكىنى تېخىچە چۈشىنەلمىگەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئازاپلىق نالە-پىغانلىرى ئاڭلىنىدۇ. يەنە بەزىدە، ئىسپانىيەگە يۈرۈش قىلغان مۇسۇلمانلارنىڭ دېڭىز قىرغىقىدا ئۆز كېمىلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلىغان قەيسىرانە مەنزىرىسى ئۇنىڭ ئىزتىراپلىرىنىمۇ كۆيدۈرۈپ تاشلاشقا باشلايدۇ. قىسقىسى، ئۇنىڭ ئىزتىراپلىرى ئاشۇ ۋىجىككىنە ۋۇجۇدىدىن نەچچە ھەسسە چوڭ. شۇڭا ئۇنىڭ ئۆز ۋۇجۇدىنى ئىنكار قىلغۇسى كېلىدۇ.
بۇ ھەرگىزمۇ، «ئۇ ھاياتى بويى باھارغا يولۇقۇپ باقمىدى، گۈل پۇراقلىرى ئۇنى مەدھۇش قىلىپ باقمىدى» دېگەنلىكىم ئەمەس. ئەكسىچە ئۇ ماڭغان كوچىلارمۇ شۇ قەدەر شاتلىققا چۆمگەنكى، ھەتتا گۈللەر قورشاۋىدىن ئۆزىنى قانداق ئېلىپ قېچىشنى بىلمەي قالغان چاغلىرىمۇ بولغان. ئەمما ساداقەت جاسۇسلار ئارىسىنىلا ماكان تۇتۇپ، پەسىللەر قەلبىنى كۈزنىڭ ھاياسىز، يالىڭاچ شاخلىرى قاپلاپ كەتكەن مەزگىللەردە، ھېچ كىممۇ باھارنىڭ ئالقىنىدىكى گۈللەرنى توزۇپ كېتىشتىن ساقلاپ قالالمايدىكەن. ئۇ دەۋىر شاماللىرىنىڭ ئۇياقتىن – بۇياققا سۈرگۈن قىلىشى ۋە ئۆڭ – سول ئۇرغان قوپال تەستەكلىرى تۈپەيلى ئۆز ۋۇجۇدىنىڭ گۈل بەرگىدىن ئايرىلغان ياپراقتەك توزۇپ، پارچىلىنىپ كېتىۋاتقانلىقىنى سەزمىگەن ياكى سەزمەسكە سالغان.
ئۇ بەزىدە قايرىلىپ – قايرىلىپ ئارقىغا باقىدۇ، گويا توزىغان ۋۇجۇدىنى قايتا قۇراشتۇرۇپ چىقىشقا كېتەرلىك پارچىلارنى، زەررىلەرنى ئىزدىمەكچى بولىدۇ. بۇنداق ئىزدىنىش ئۇنى يەنە قانچىلىغان دەرت چۆللىكىدىن ئۆتۈشكە قىستايدۇ. چۆللۈكلەرگە باققىنىدا، نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ دېرەكسىز يوقالغانلىقىنى، قۇمغا كۆمۈلگەنلىرىنىڭ ئۆز رەڭگىدىن ئايرىلغان ياكى ئۆز رەڭگىنى ئۆزگەرتىۋالغانلىغىنى كۆرىدۇ. ئەمما بۇ خىل سەرسانچىلىقلارمۇ ئۇنى ئۈمىدسىزلەندۈرەلمەيدۇ.
ئۇنىڭ بۈگۈنكىدەك قەلىب تىۋىشلىرىنى سىزگە شىۋىرلاۋاتقان چاغلىرىدا، شوخ، ئويناق كۆزلىرىنىڭ نەملىشىۋاتقانلىقىنى، كۈلگىن چىرايىنىڭ غەم بىلەن خىرەلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرىسىز. ئەمما قارىسىڭىز، ئۇنىڭ بېشى يەنىلا شۇنچە مەغرۇر، شۇنچە كۆتۈرەڭگۈ. ئىشەنچ ھەم ئىرادە كۇلاسىنى بېلىگە مەھكەم تۈككىنىچە يولىغا راۋان دەرۋىشكە ئوخشاپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ ھاياتلىق تايانچى باشقا نەرسە ئەمەس، دەل ئۇنىڭ ئەسلىمىلىرى.
شۇنداق، ئاشۇ خام خىشلىق ئۆيلەرنىڭ زىدە تاملىرى ئىچىدە ئۇنىڭ تۇنجى ئۇلۇغ كىچىك تىنىقلىرى لەيلىگەن…
كوچىلاردا ئويناۋاتقان تەنتەك ئاپتاپلار ئۇنىڭغا كېچىلەرنىڭ بۇرۇقتۇم سۈكىناتلىرى بىلەن ئېلىشىشنى ئۆگەتكەن…
ئۆيىنىڭ كىر تاملىرىدىن ئېقىپ چۈشىۋاتقان يۇلتۇز بىلەن ئاي ئۇنىڭ چۈشلىرىنىڭ ساداسىز ۋادىسىدىكى زىننەتكە ئايلانغان…
ئىسقا ئورالغان قورقۇمسىز ھاۋالار ئۇنىڭ تەنھا سەپىرىگە شاھىد بولۇپ، تەسەللى بەرگەن…
ئاپتاپ تەپتىدە قارايغان چىرايلار ئۇنىڭغا مەھرۇملۇق بىلەن قانداق چىقىشىپ ئۆتۈشنى ئۆگەتكەن…
قاقشال لەۋلەردە قاتقان تەبەسسۇملار ئۇنىڭغا تاش يامغۇرىدا ھايات قېلىش ئىشەنچىنى بەخىش ئەتكەن…
غىرىپخانىسىدا يانغان غۇۋا شام يورۇقى ئۇنى سۆزلۈكلەر باتىنىغا شۇڭغۇشقا رىغبەتلەندۈرگەن…
ئاھ! ”ھودۇققان تاڭ“، ”ئەنسىز كۈندۈز“، ”قارىغۇ كېچە“… يەنە قانچىلىغان ھىكايىلەر ئۇنىڭ ئەنە شۇ ئەسلىمىلىرىدىن پۈتۈپ كېتىۋاتىپ، كۆيۈپ كۈل بولۇپ كەتتى. ئەمما بۇ كۈللەر كۆزلىرىدىن تامشىۋاتقان ياش قوياشىغا قېتىلىپ، ئۇنىڭ باتىنىغا دەپىن قىلىنغىنى يوق، بەلكى ۋولقان ماگمىسىغا ئايلىنىپ، پارتلاشنى كۈتۈپ ياتماقتا.
________________________________________
دەرۋىقە، ۋاقىت تىنىمسىز بىر كارۋان. ئۆمۈر تەقدىر گەردىشىدە تاۋلانغان بىر جان. 2003-يىلى جىددىدە يېزىلغان يۇقىرىقى ئوتلۇق نالە، ئەمدى يىگىرمە ئۈچ يىللىق بىر زامان گەردىشىدە، جىسمانىيەتتىن رۇھانىيەتكە، قەلەمدىن قورالغا تۇتاشقان بىر ئۇلۇغ ھىجرەت داستانىغا ئايلاندى. بۇ داستاندا قاننىڭ ھورى، كىتابنىڭ زىننىتى ۋە سۈكۈتنىڭ كۈچىنى كۆرگەندەك بولىسىلەر.
ئىككىنچى قىسىم: (2003-يىلىدىن 2026-يىلىغىچە بولغان 23 يىللىق خۇلاسە، ئەنقەرە)
ماگمىدا تاۋلانغان قەلەم ۋە جەڭگاھ ئارزۇسى
يىگىرمە ئۈچ يىل… ئۆمۈر دېڭىزىنىڭ دەھشەتلىك دولقۇن قاپلىغان ئېقىنلىرىدا ئۇ غەرق بولۇشنى كۈتۈۋاتقان سۇنۇق كېمە ئەمەس، بەلكى دەھشەتلىك دولقۇنلارنى ۋە قارا تۇپانلارنى يېرىپ پەرۋاز قىلىشقا ئاتلانغان ئاتەش قاناتلىق سىمۇرغ بولدى.
مۇساپىر تايلاندنىڭ دېمىق تۈرمىلىرىدىن قۇتۇلۇپ، جىددىنىڭ قۇملۇقلىرىغا قەدەم قويغاندا، ئەتراپىدا سەئۇدى ئەرەبىستان پۇقراسى باي تۇغقانلىرى بار ئىدى. ئەمما مۇساپىرنىڭ قەلبىنى بىر ”ئىقامەت“سىزلىك، بىر پۇت تىرەپ تۇرغۇسىز غېرىبلىق باسقان ئىدى. قولىدىكى خىتاي پاسپورتى، خۇددىي جىنغا ئوخشاشلا ئۇنىڭغا چاپلىشىپ، قورقۇنچ مەنبەسى بولۇپ قالغان، ۋاراقلىرى غۇربەت تامغىلىرى بىلەن تولغان، مۇقاۋىلىرى كۈلپەت يوللىرىدا رىپىدە بولغان بىر سۈرگۈننامە ئىدى. ئۇنىڭ پاسپورتنى يېڭىلاش ئۈچۈن ئەلچىخانىنىڭ بوسۇغىسىنى ئاتلىشى، دوزاخنىڭ ئىشىكىنى چېكىش بىلەن باراۋەر ئىدى. شۇ سەۋەبتىن ئۇ مۇقەددەس ھەرەمنى ئارقىدا قالدۇرۇپ، قېرىنداش ئانادولۇنىڭ مېھرىبان قۇچىقىغا، ئاق دېڭىزنىڭ جەزبىدار قىرغاقلىرىغا، تۈركىيەگە يۈزلەندى. 2004-يىلى، ئايالى ۋە مۇساپىرچىلىقنىڭ تىكەنلىرى ئارىسىدا تۇغۇلغان ئىككى پەرزەنتى بىلەن تۈركىيە تۇپراقلىرىغا قەدەم قويدى.
2006 – يىلىغىچە پەرزەنتلىرىنىڭ سانى يەنە ئىككىگە، تۈركىيەنىڭ ھەدىيەسى بولغان ئىككى پەرزەنتى بىلەن تۆتكە، ۋەتەندە ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىدا تاشلاپ ھېجرەت قىلىشقا مەجبۇر بولغان ئىككى پەرزەنتىنى قوشقاندا، جەمئىي ئالتە پەرزەنتلىك بىر ئاتىغا ئايلانغان ئىدى. ئۇنىڭ ئازابلىرىنىڭ جەينامازدىن ئۆرلىگەن نالىلىرى ئەرشنى تىترىتىپ، تەقدىرمۇ ئۇنىڭغا كۈلۈمسىرەشكە باشلىدى. 2006-يىلى 45 تەلەيلىك ئۇيغۇر ئائىلىنىڭ بىرى بولۇپ، تۈركىيەنىڭ ئىستىسنائىي پۇقرالىقىغا ئالاھىدە تاللانغاندا، بۇ پۇقرالىق ئۇنىڭ ئۈچۈن پەقەت بىر كىملىكلا ئەمەس، بەلكى غەربەتنىڭ تار قەپىسىدىن ھۆررىيەتنىڭ پايانسىز كۆك ئاسمىنىغا قانات ئاچقان ئەركىن بۈركۈتنىڭ دەسلەپكى پەرۋازى بولدى. ئەمدى ئۇنىڭ ئالدىدا يېڭى بىر كۈرەش سەھىپىسى، يېڭى بىر زەپەر ئۇپۇقى جىلۋە قىلماقتا ئىدى.
قەلىمى قولىدىن چۈشمىدى، زىھنى دۇنيانىڭ غەپلەتلىرىگە بېرىلمىدى. ئىقتىسادىي قېيىنچىلىقنىڭ تار كوچىلىرىدا پۇتلىرى قىسىلغاندا، ئۇ روھىنىڭ پايانسىز چۆللىرىدە سۆزلۈكلەرنىڭ باتىنىغا شۇڭغۇپ ئىلھام ئېلىشنى داۋاملاشتۇردى.
ئالتە يىل، ساق ئالتە يىللىق ئۇيقۇسىز كېچىلەرنىڭ بەدىلىگە، ئوردۇ تىلىنىڭ ھىكمەت خەزىنىسىدىن ”تەفھىمۇل قۇرئان“ دەپ ئاتالغان، پۈتۈن دۇنيا يېڭى دەۋر مۇسۇلمان ياشلىرىنىڭ سىياسىي ھەرىكەت مىزانى بولغان، سەييىد ئەبۇل ئەلا مەۋدۇدىنىڭ ئالتە مىڭ بەتلىك تەپسىرىنى ھىجرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ روھانىي يۆلىنىش قۇتۇبىغا ئايلاندۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولدى. ئالتە يىللىق زىھىن رىيازىتى، ئالتە يىللىق روھىي ئىبادەتنىڭ مېۋىسى بولغان بۇ نۇر ئابىدىسى، ئىستانبۇل ئاسمانلىرىدا توققۇز جىلىدلىق بىر مەنىۋى قۇياش بولۇپ پارلىدى ۋە مەھرۇم ئۇيغۇر خەلقىگە ”تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى“ تەرىپىدىن ھەقسىز بىر رەھمەت ياغمۇرى بولۇپ ياغدى. ئۇنىڭ بۇرۇنقى 7 – 8 پارچە تەرجىمە ئەسەرلىرى، بولۇپمۇ ”ئاھ، بىزمۇ مۇسۇلمانمۇ؟“ ناملىق ئەسىرى زەنجىرلەنگەن ۋەتەن تۇپراقلىرىدا يوشۇرۇن قولدىن-قولغا، قەلبدىن-قەلبكە كۆچتى. ھەتتا ئاپتورنىڭ خەۋىرىسىز، ۋەتەن ئىچىدە ئاۋازلىق ئوقۇلۇپ، نۇرغۇنلىغان ئەۋلادنىڭ ئىمانىنى ئويغاتتى. ”ئىسلامدىكى تۆت ئاساسلىق تېرمىن“ ناملىق تەرجىمە ئەسىرى بولسا، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋىيەت قۇتۇبىغا، ھەپتىلىك ئىرپان سورۇنلىرىنىڭ مىسباھىغا ۋە نۇقتىلىق دەرسلىك كىتابىغا ئايلاندى.
ئەمما 2008-يىلى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاسمىنىنى قارا بۇلۇت قاپلىدى، ئانا تىلىمىز مەكتەپ دەرەسلىكلىرىدىن، كىتاب-ماتېرىياللاردىن ۋەھشىيلەرچە سۈرگۈن قىلىندى. دەل شۇ چاغدا، تۈركىيە دۆلىتى ئۇيغۇر تىلىنى خەلقئارالىق ئاخبارات تىلى قاتارىدا قوغداش ئۈچۈن بىر قورغان قۇردى. شۇ يىلى دۆلەتنىڭ ئالاھىدە تاللىشى بىلەن تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى (TRT) غا قوبۇل قىلىنغان مۇساپىر، تۈركىيەنىڭ تۇنجى ئۇيغۇرچە رادىيو ئاڭلىتىشىنى باشلاش شەرىپىگە تاللانغان ”بىرىنچى ئاۋاز“ بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ ئاۋازى ئەمدى تەنھا غىرىپخانىنىڭ تورۇسىدا ئەمەس، تۈركىيەنىڭ رادىيو چاستوتىلىرىدا ياڭرىغان تۇنجى ئۇيغۇرچە تارقىتىشقا ئايلانغان ئىدى. مۇساپىرنىڭ شۇ كۈنكى ئاۋازى مىللەتنىڭ يۈرىكىنى لەرزىگە سالغان بىر نۇسرەت خەۋىرى بولدى. بۇ ئاۋاز سۇىئىي ھەمراھلار ئارقىلىق چېگرالارنىڭ سۈكۈناتلىرىنى يېرىپ ئۆتتى ۋە يېرىپ ئۆتۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا. 17 يىلدىن بېرى TRT دولقۇنلىرىدىن دۇنياغا تارقىلىۋاتقان ئۇيغۇرچە سادا مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇرچىنى قوغدايدىغان تىل قەلئەسىگە ئايلاندى. ئۇ ئۇيغۇر تىلىنى قوغدىدى، ئۇيغۇر تىلى ئۇنىڭ كىملىكىنى قوغدىدى.
پاكىستاننىڭ قانچىلىغان تېلېۋىزورلىرىدا ۋەتەندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدە مۇساپىرنىڭ ئوردۇچە ياڭرىغان ساداسى، تۈركىيەنىڭ نوپۇزلۇق ئىستراتېگىيەلىك ژۇرناللىرىدا ئورۇن ئالغان يۈزدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالىسى… يۈزلىگەن كونفېرانسلاردا سۆزلىگەن نۇتۇقلىرى بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر ئادەمنىڭ ئەمەس، بىر مىللەت غۇرۇرىنىڭ تاشقا پۈتۈلگەن تامغىسىغا ئايلاندى. ئۇ ماقالىلىرىنى كىتاب قىلىپ توپلاپ، نام چىقىرىشقا ئالدىرىمىدى، چۈنكى ئۇنىڭ نەزىرىدە، ئەڭ ئۇلۇغ ئەسەر، ئۆچمەس ئەقىدە، تەۋرەنمەس ئېتىقاد ۋە ياشناۋاتقان كۈرەش ئىدى. چۈنكى ئۇ يەنىلا بۇرۇنقىدەك ”دەرۋىشسىمان مۇساپىر“لىقتىن ۋاز كېچەلمەيتتى.
ئەمما بەدەل!
بەدەل شۇنچە ئېغىر، شۇنچە تىكەنلىك بولدىكى، يۈرەكنىڭ تارىلىرى بەرداشلىق بېرەلمەي پارتلاشتن قانچىلىغان قېتىم قۇتۇلۇپ قالدى. ئىككى يۈرەك پارىسى، ئىككى كۆزىنىڭ نۇرى بولغان پەرزەنتلىرىدىن 16 يىل ئايرىلىش! 16 يىلغىچە بىر كېچىمۇ تەھەججۇتنى تاشلىماي ھەر كۈنى يېرىم كېچىدە جەينامازنى كۆز ياشلىرى بىلەن نەم قىلىش… 16 يىلغىچە ھەر رامازاننى ئېتىكاپسىز ئۆتكۈزمەي ئاللاھنىڭ ئۆيى بولغان مەسجىدنىڭ كېچە قاراڭغۇلۇقلىرىدا پەرزەنتلىرىگە بولغان سېغىنىشى ۋە نالە-تىلەكلىرىنى تاڭ ئاتقىچە يالۋۇرۇپ ئەرشكە يەتكۈزۈش…
بۇ بىر ئاتا ئۈچۈن تىرىك تۇرۇپ گۆردە ياشىغاندىن پەرقسىز ئىدى. تاكى ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە ئانادولۇنىڭ رەھبىرى ئەردوغاننىڭ كۆيۈمچان قوللىرى يەتكەنگە قەدەر، خىتاينىڭ قارا چاڭگىلى ئاشۇ نارەسىدە جانلارنىڭ ئۈستىدە لەيلەپ يۈردى.
16 يىلدىن كېيىنكى جەم بولۇش بىر مۆجىزە، خىتاينىڭ دۇنيانىڭ ئىككىنچى چوڭ كۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆز قانۇنىغا ئۆزى خىلاپلىق قىلىشقا مەجبۇر بولۇشى، تۈركىيەدە باشلىغان ئۇزۇن يىللىق قانۇني ھەق تەلەپ كۈرىشىدە بىر مۇساپىرنىڭ خىتاينى يېڭىشى… خىتاينىڭ ئامالسىز، بېچارىلەرچە تىز چۆكۈشى بولدى. بۇ قىساسكار دۈشمەننىڭ ئىبلىس يۈرىكىگە سانچىلغان ئۇنتۇلماس تىغ بولۇپ قالغان ئىدى. خىتاي بۇنىڭ ئىنتىقامىنى ئالتە يىلدىن كېيىن بىر ئاجىز ئايالدىن، 70 ياشلىق مۇبارەك بىر ئانىدىن ئالدى. لاگېرنىڭ سوغۇق تاملىرى، قىيىن-قىستاقنىڭ ۋەھشىي چاڭگاللىرى ئاشۇ ئۆمۈرلۈك دۇئاگوي ئانىنى لاگېرنىڭ ئىچىدىلا 2019-يىلى شېھىت قىلدى.
ئانا كەتتى… ئەمما ئانىنىڭ قېنى قەلەمگە سىياھ ئەمەس، يۈرەككە قىساس، مىلتىققا ئوق بولۇپ تۇتاشتى. ئەمدى ئۇنىڭ يازغانلىرى شىئېر ئەمەس ھۇجۇم نەرىسى، ماقالىلىرى تەتقىقات ئەمەس دۈشمەننىڭ يۈرىكىگە سانچىلغان قانلىق نەيزە ۋە جەڭ ئېلانىدۇر!
بۈگۈن، 2026-يىلى، مۇساپىرنىڭ بېشى تېخىمۇ مەغرۇر، لېكىن يۈرىكى پارتلاشنى كۈتۈۋاتقان بىر ۋولقان. ئۇ ئەمدى ”تۇنجى ئاۋاز“ بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ”ئەڭ ئاخىرقى ئوق“ بولۇشقا تەشنا.
مۇساپىر ئەمدى تەنھا بىر يولۇچى ئەمەس، بەلكى قەلبىدە بىر مىللەتنىڭ قىساسىنى كۆتۈرۈپ ماڭغان يېڭىلمەس بىر قوشۇن. ئۇ ئەمدى كېسەل كارىۋىتىدا، سېغىنىش ئىچىدە ئەمەس، بەلكى ۋەتەن ئاسمىنىدا شاھادەت يۇلتۇزى بولۇپ چاقناشنى، ئاتا-بوۋىسىنىڭ ئىزىدا شېھىتلىك مېدالىنى كۆكرىكىگە قاداشنى ئارزۇ قىلىدۇ.
ئەڭ چوڭ ئارمىنى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ قانلىق جەڭگاھلىرىدا، خىتايغا قارشى بىر ئەسكەر سۈپىتىدە، قەددىنى مەغرۇر تىك تۇتقان ھالدا، كۆكرىكىدىن ياكى پېشانىسىدىن ئوق يەپ شاھادەتكە باش قويۇشتۇر.
سەپەر داۋاملاشماقتا… ماگمىلار تېنىمسىز پارتلاپ ئاقماقتا… قولىدىكى ھەققانىيەت قەلىمى ئەمدى ئورنىنى قىساس قىلىچىغا، دۈشمەننى يەر چىشلىتىدىغان زامانىۋىي قورالغا بوشىتىشقا تەييار تۇرماقتا…
2026 – يىلى، 6-يانۋار، ئەنقەرە
Share
99 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.