logo

trugen jacn

مۇجاھىد قەشقەرلى تۈرك دۇنياسى مۇكاپاتىقا ئېرىشتى

cdc6aeb5-5805-4382-b1b8-146d371e5183

ئارسلان

اڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

اڭراق ئاۋازى جاراڭلىق شېئىرلىرى بىلەن تۈركىيەدە شېئىر ئوقۇش بىلەن تونۇلغان 7 ياشلىق ئۇيغۇر پەرزەنتى مۇجاھىد قەشقەرلى 2015-يىللىق تۈرك دۇنياسى شېئىر ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

29-مارت يەكشەنبە كۈنى ئىستانبۇلدا تۈركىيە ئۈلكۈ ئوجاقلىرى تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 2015-يىللىق تۈرك دۇنياسى ئالىي خىزمەت مۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىغا ئۈلكۈ ئوجاقلىرى تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى ۋە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىنىڭ بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى ۋە رەھبەرلىرىمۇ قاتناشتى.

مۇراسىمدا ئالدى بىلەن ئىستىقلال مارشى ئوقۇلدى. كېيىن تۈرك سەنئەتچى بۇنيامىن ئاقسۈنگەرنىڭ ئىجراسىدا «ئۇچراشقاندا» دېگەن ئۇيغۇرچە ناخشا ئورۇنلاندى. كېيىن يەنە كافكازىيە خەلق ئۇسۇللىرى تەقدىم قىلىندى.

مۇراسىمدا ئۈلكۈ ئوجاقلىرى تەشكىلاتىنىڭ ئىستانبۇل رەئىسى ئەخمەت يىگىت يىلدىرىم ئەپەندى سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە ئۈلكۇ ئوجاقلىرى تەشكىلاتىنىڭ زالىمغا قارشى مەزلۇمنىڭ يېنىدا بولۇش پرىنسىپلىرى بويىچە، دىنى ۋە مىللىتى قانداق بولۇشتىن قەتئىينەزەر زۇلۇمغا ئۇچىرىغانلارنىڭ يېنىدا بولۇپ ياردەم قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ئەخمەت يىگىت يىلدىرىم سۆزىدە سۈرىيە ۋە ئىراق تۈركمەنلىرىگە ياردەم قىلغانلىقىنى، بولۇپمۇ يېقىندىن بۇيان خىتاي زۇلۇمىدىن قېچىپ تۈركىيەگە كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىۋاتقانلىقىنى، 700 ئائىلىنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجلىرىنى قامدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەخمەت يىگىت يىلدىرىم ئەپەندى سۆزىدە يەنە، خىتاي زۇلۇمىغا قارشى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا، بەزى ۋاقىتلاردا تاكسىم ۋە فاتىھ مەيدانلىرىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈپ، مەزلۇملارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قوللاپ ئۇيۇشتۇرۇلغان تاكسىمدىكى نامايىشتا ئۈلكۈ ئوجاقلىرى تەشكىلاتىدىن 300 نەپەر ياشنىڭ كېپەن كىيىپ يۈرۈش قىلغانلىقىنى، سوغۇق ھاۋادا يامغۇر يېغىۋاتقان بولسىمۇ، قىلچە بوشاشماستىن نامايىشنى داۋام قىلغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە «بېشىمىزغا يامغۇر ئەمەس، يامغۇرغا ئوخشاش ئوق ياغسىمۇ پەرۋا قىلماستىن مەزلۇمنىڭ يېنىدا تۇرۇشتىن ۋاز كەچمەيمىز» دېدى.

20 دىن ئارتۇق ساھەدە تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن خىزمەت كۆرسەتكەن كىشى ۋە تەشكىلاتلارنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدا تۈرك دۇنياسىنىڭ ئىپتىخار مۇكاپاتى ئەزەبەيجاننىڭ سابىق دۆلەت رەئىسى مەرھۇم ئەلچىبەيگە بېرىلگەنلىكى ئېلان قىلىندى. تۈرك دۇنياسىنىڭ پىدارلىق مۇكاپاتى مەرھۇم پروفېسسور تۇران يازغان ئەپەندىگە بېرىلدى. تۈرك دۇنياسى ئىش-پىلان-لايىھە مۇكاپاتى، تۈركمەن ئېلى ئۈچۈن خىزمەت كۆرسەتكەن ئۈلكۈ ئوجاقلىرى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئولجان كىلاۋۇز ئەپەندىگە بېرىلدى. تۈرك دۇنياسىنىڭ ئاكادېمىك مۇكاپاتى دوكتور قۇتلۇق قان سۈمەر ئەپەندىگە بېرىلدى. تۈرك دۇنياسىنىڭ خىزمەت مۇكاپاتى، ياۋروئاسىيا تۈرك جەمئىيەتلەر فېدىراسىيىسىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل چىڭگىزگە بېرىلدى. تۈركىستان جوغراپىيىىسنىڭ خىزمەت مۇكاپاتى، شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتىنىڭ سابىق باش كاتىپى سەركان دېنچتۈرككە بېرىلدى. تۈرك دۇنياسى شېئىر مۇكاپاتى ئۇيغۇر پەرزەنتى مۇجاھىد قەشقەرلىگە بېرىلدى.

مۇراسىمدا يەنە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىنىڭ ئىستانبۇل ئاياللار بۆلۈمى رەئىسى پەرىخانىم ئۇيغۇر مۇھاجىرلارغا قىلغان ياردەم ۋە ھەمكارلىق خىزمىتى سەۋەبىدىن ئۈستۈن خىزمەت مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

مۇراسىم 3 سائەت داۋام قىلغان بولۇپ ئاخىرىدا مۇجاھىد قەشقەرلى، بۇ مۇراسىمدا يەنە «ئۇزاقلاردا بىر ۋەتەن بار ‏-شەرقىي تۈركىستان» دېگەن شېئىر بىلەن «ساكارىيە» دېگەن شېئىرنى جاراڭلىق دېكلاماتسىيە قىلىپ قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى.

بۇ مۇپاكات تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ھەر يىلى بىر قېتىم داۋام قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بىز بۇ مۇراسىم توغرىسىدا پىكىر-قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇ مۇراسىمغا قاتناشقان ئۇيغۇر زىيالىي مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/medeniyet-tarix/mujahit-qeshqerli-03302015165006.html

Share
2375 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.