logo

trugen jacn

مۇتەخەسسىسلەر: ئانا تىلنى ساقلاش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇنى سۆيۈش كېرەك

 

بىر تىل بىر مىللىي كىملىكنىڭ سىمۋولى. دۇنيادىكى نۇرغۇن تىللارنىڭ تېز سۈرئەتتە يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قېلىشى، بەزى تىللارنىڭ ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئاجىزلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىشى، بەزى تىللارنىڭ ئەركىن تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئىگە بولالماسلىقى خەلقئارادىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى قوغداش ئىدىيىسىنىڭ كۈچىيىشى نەتىجىسىدە 1999-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى «خەلقئارالىق ئانا تىل بايرىمى» بارلىققا كەلدى. جۈملىدىن يېقىنقى يىللاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۈرگۈزۈۋاتقان قوش تىل مائارىپى ۋە باشقا مىللىي سىياسەتلىرىنىڭ تەسىرىدە، ئۇيغۇر تىلىنىڭ مەۋجۇتلۇقى خەۋپكە دۇچ كەلدى. بۇ ئانا تىل كرىزىسى ئۇيغۇرلاردا مىللەت ۋە تىل كىملىكىنى چۆرىدىگەن ھالدا «ئانا تىلنى قوغداش ھەرىكىتىنى» مەيدانغا كەلتۈردى.

ئانا تىل كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن «ئۇيغۇر ئانا تىلىنى قانداق قىلىپ قوغداپ قالغىلى بولىدۇ؟» دېگەن تېمىدا مۇھاجىرەتتىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بىلەن سۆھبەت ئۇيۇشتۇردۇق. بۈگۈن بۇ تېمىدىكى سۆھبىتىمىزگە، خەلقئارا قەلەمكەشلەر تەشكىلاتى تىل ۋە تەرجىمە بۆلۈم مۇدىرى قەيسەر ئۆزھۇن ئەپەندى، قازاقىستاندىكى تىلشۇناس دىلنۇر قاسىموۋا خانىم ۋە ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن مەمەت توختى ئەپەندىلەرنى تەكلىپ قىلدۇق.

 

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/maarip/ana-til-02192014154443.html

Share
1949 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.