logo

trugen jacn

مۇتلاق مەركەزلەشكەن كۇچ-مۇتلاق چىرىركلىشىشكە ھامىلە دىمەكتۇر

tarihteki-diktatorler-ve-ibretlik-sonlarib270189c6231c4e316f0
م.ئازات

دىمىكىراتىك تۈزۈملەردە دۆلەت تەشكىلاتى 3 ئاساسى قىسىمدىن تەشكىل تاپىدۇ.پارلامىنت(خەلىق قۇرۇلتەيى)،ھۆكۈمەت ۋە قانۇن-ئەدلىيە ئورگىنى.پارلامىنت خەلىق سايلىمى ئارقىلىق مەيدانغا كەلىدۇ.پارلامىنت ئىچىدىن ھۆكۈمەت ئوتتۇرىغا چىقىدۇ(بەزى دۆلەتلەردە دۆلەت باشلىغىمۇ بىۋاستە خەلق تەرىپىدىن سايلىنىدۇ)پارلامىنت قانۇنلارنى چىقىرىدۇ. پارلامىنت چىقارغان قانۇنلارنى ھۆكۈمەت ئىجرا قىلىدۇ.قانۇن-ئەدلىيە ئورگانلىرى بولسا،ھۆكۈمەت ۋە پارلامەنتنىڭ كىتىۋاتقان يولىنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىنى نازارەت قىلىپ تۇرىدىغان ۋە خاتلىق يۈز بەرگەندە دەرھال ھەركەتكە ئۆتۈپ قانۇن ماددىلىرىنىڭ كۇچىنى ئىشقا سالىدىغان ئورگان
دۆلەتنىڭ سىياسى كۇچى 3كە بۆلۈنگەن بولۇپ،بىرسىنىڭ كۇچىنى بىرسى ئارىيەت ئەلىپ ئىشلىتەلمەيدۇ.بۇلار،دۆلەت تەشكىلاتى بىلەن مافىيا(قارا گۇروھ) تەشكىلاتىنى بىر-بىرىدىن ئايرىيدىغان تۈپ پىرىنسىپتۇر.ئارمىيەنىڭ ۋەزىپىسى بولسا دۆلەت مۇداپىيە ئىشلىرىغا مەركەزلەشكەن بولۇپ،ئىچكى سىياسەتكە ئارلىشىشى يۈدە يۈز مەنئى قىلىنغان.ئەگەر،ئارمىيەنىڭ ئىچكى ئىشلارغا ئارىلىشىش ھوقۇقى بار دىيىلسە ، ئۇ ھوقۇق،دۆلەت ئىچىدە تەبىئى ئاپەت يۈز بەرگەندە،ئاپەتكە ئۇچىرىغان ھەلققە ياردەم قىلىش.خالاس

ھۆكۈمەت،ۋاختى-ۋاختىدا پارلامىنتقا قىلغان خىزمەتلىرىنى دوكىلات قىلىش مەجبۇرىيىتى بار.پارلامىنت خەلققە ۋاكالىتەن ھۆكۈمەتتىن ھەساپ سوراش ھوقۇقىغا ئىگە.ئەگەر،ھۆكۈمەت قولىدىكى ھوقۇقنى ئىشلىتىشتە بەلگىلەنگەن قانۇنى سىزىقنىڭ سىرتىغا چىقىپ كەتكەن بولسا،قانۇن-ئەدلىيە ئورگانلىرى دەرھال ھەركەتكە ئۆتىدۇ.قانۇننىڭ تەشىغا چىققۇچى كىم بولىشىدىن قەتئى نەزەر،قانۇنغا ۋاكالىتەن ئۇنىڭدىن ھەساپ ئالىدۇ

تەرەققى قىلغان دەموكىراتىك تۈزۈملەردە،دۆلەتنىڭ كۇچى بىر مەركەزگە مۇتلاق مەركەزلەشمىگەنلىگى ئۈچۈن،چىرىكلىشنىڭ دۆلەت ئۆرگانىزىمىنىڭ ھەممىسىگە تارقاپ كىتىش خەۋىپى بولمايدۇ.توغرا تەرەپتە /ھاكىمىيەت تەرەپتە)تۇرغان چىرىك ئەمەلدارلار قوغدۇلۇپ،خاتا تەرەپتە (ھاكىمىيەت بىشىدىكى گۇرۇھنىڭ قارشى تەرىپىدە تۇرغان)تۇرغان چىرىك ئەمەلدارلار جازالىنىدىغان ئادالەتسىزلىك يۈز بەرمەيدۇ.يۈز بەرسە،قانۇن-ئەدلىيە ئورنىمۇ سۈپۈرۈلىپ تازىلىنىدۇ.ئۇنداقتا دىموكىراتىيەنى بىر ئاز چۈشۈنەيلى

دەموكىراتىيە دىگەن نىمە؟قەدىمقى گىرىك تىلىدا، دەموس-خەلق.كراتوس-ھاكىمىيەت،دىگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ.ئۇيغۇرچە مەنىسى-خەلق ئىرادىسى، دەمەكتۇر.سىياسى تۈزۈمى قانداق بولىشىدىن قەتئى نەزەر،دۇنيادىكى بارلىق سىياسى ھاكىمىيەتلەر-ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەڭ يۈكسەك سەۋىيىيەسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بىر گۇرۇپ ئاز سانلىق كىشىلەر تەرىپىدىن تەشكىل تاپقان بولىدۇ.دەموكىراتىك تۈزۈمنى،باشقا تۈزۈملەردىن ئايرىپ تۇرىدىغان تۈپ پەرق، ھاكىمىيەتنىڭ قانۇنى مەنبەسى-خەلق بولىشىدۇر.دەموكىراتىك تۈتۈملەردە سايلام ئارقىلىق خەلق تەرىپىدىن تاللاپ چىقىلغان كىشىلەر ھۆكۈمەتنى تەشكىللەيدۇ.ھەر قاتلام ھاكىمىيەتلەر سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇتقا كەلىدۇ.دەموكىراتىك تۈزۈملەردە خەلق ھاكىمىيەتتىن ئەمەس،ھاكىمىيەت خەلقتىن قورقۇدۇ،خەلىققە ھەساپ بىرىدۇ.دەموكىراتىك دۆلەتلەردە ئەركىن ۋە مۇستەقىل مەتبۇئات “دەموكىراتىيەنىڭ قىلىچى”دەپ تەرىپلىنىدۇ.بۇ قىلىچ كەچە-كۈندۈز ھاكىمىيەتنىڭ بەشىدا  پۇلاڭلاپ تۇرىدۇ

فىرانسىيە ئىنقىلاۋىدىن كەيىن 1793.يىلى قۇرۇلغان فىرانسىيە پارلامەنت(خەلق قۇرۇلتەيى)دا “دەموكىراتىيە –خەلق ئۈچۈن ۋە خەلقنىڭ ھەر تەبىقىسى ئۈچۈن ئەركىنلىك دەمەكتۇر”دەپ تەرىپلەنگەن

خەنزۇ زىيالىلار،جوڭگونىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا دەموكىراتىيە ھەققىدە مىڭلىغان ماقالىلارنى ئىلان قىلدى. كونفىرانسلارنى

ئەچىۋاتىدۇ،قىزغىن تالاش-تارتىشلارنى ئەلىپ بەرىۋاتىدۇ.ھۆكۈمەت تەرەپ بولسا،غەرىپ دەموكىراتىيەسىنىڭ جوڭگوغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىغىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.دەموكىراتىيە ھىچ بىر سىياسى پارتىيەنىڭ سىياسى كەلەچەگىگە كاپالەتنامە بەرمىگەنلىگى ئۈچۈن جوڭگو كومىنىستىك پارتىيەسىنىڭ بەزى تەشۋىشلىرىنى ئاڭلىق چۈشۈنۈش مۇمكىن.ئامما،بەزى زىيالىلار دۆلەت ئىگىدارچىلىغىدىكى چوڭ گەزىت-جورناللاردا ماقالە يەزىپ،دەموكىراتىيەنىڭ زىيانلىق تۈزۈم ئىكەنلىگىنى تەشۋىق قىلىپ كەلمەكتە.”دەموكىراتىيەلىك تۈزۈمگە ئۆتىدىغان بولساق مۇقىملىق بوزىلىدۇ،”، “جوڭگودا پارچىلىنىش يۈز بىرىدۇ”، “تەرەققىيات توختاپ قالىدۇ”… ۋاھاكازا.1949.يىلدىن 1978.يىلغىچە كاپىتالىزىمنىڭ جوڭگوغا سوقۇنۇپ كىرىۋەلىشىغا قارشى ئارمىيە-خەلق يۈكسەك ھۇششارلىق بىلەن سەپەرۋەر بولدى.پۈتۈن جوڭگو ئۇيۇل تاشتەك ئۇيۇشۇپ،بىر تەرەپتىن “سەۋىت شىيۇجىڭجۇيىچىلىرى”نى پىپەن قىلسا،بىر تەرەپتىن “ئامەرىكا جاھانگىرلىرى”نى پىپەن قىلدى.ئۇلارنىگ ئارمىزدىكى “گۇماشتىرىرى”نى تازىلىدۇق.ھىرىپ-چارچىدۇق،شۇئار توۋلاپ ئاغزىمىزدا تۈكۈرۈك قالمىدى.قۇلىمىزدا رەخ بىلىتى بار،ماگىزىندا رەخ يوق. قولىمىزدا گوش بىلىتى بار،دۇكاندا گوش يوق….كاپىتالىزىم دۇنياسىدىكىلەر باياشاتلىق دەڭىزىدا سىمىز بىلىقلاردەك ئۈزۈۋاتقان،جوڭگولۇقلار،ئازاپ-ئۇقۇبەت،يوقسۇللۇق دەڭىزىدا ھالسىز بىلىقلاردەك لەيلەپ قالغان بىر ۋاقىتتا “3.ئۇمۇمى يەغىن”ئەچىلىپ كاپىتالىزىمدىن كەچۈرۈم سوراپ،ئۇلارنى دۆلىتىمىزگە تەكلىپ قىلدۇق.بۈگۈن،بەيجىڭنىڭ توكيودىن،شانغاينىڭ نۋيوركتىن بەك پەرقى قالمىدى.كاپىتالىزىم جوڭگولۇققا،جوڭگولۇقلار كاپىتالىزىمغا شۇنداق ئىنتىزاركى،نىكاھتىن 30 يىل كەيىنمۇ بۇ ئاشىق-مەشۇقلار بىر-بىرىگە تەخى قانغىنى يوق.1949-78.يىللار دەۋرىنى ئەسلەش كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدۇ.كاپىتالىزىم جۇڭگونى بەسىۋالدىمۇ؟ياق.بەلكى،جۇڭگو ئەرزان ماللىرى بىلەن كاپىتالىزىم دۇنياسىنى بەسىۋالدى.ھىچ بىرسى غىڭ قىلغىنى يوق.بۈگۈن، پەن-تەخنىكا،مەددى باياشاتلىقتا ياشاۋاتقان ئەڭ ئىلغار دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى دەموكىراتىك تۈزۈم بىلەن باشقۇرۇلىۋاتقان دۆلەتلەر.قايسى بىرسى پارچىالاندى؟قايسى بىرسى تەرەققىتاتتا ئارقىغا كەتتى؟ئامەرىكا قۇشما شىتاتلىرى 1776.يىلى 7.ئاينىڭ4.كۈنى قۇرۇلغاندا 13 شىتات بىلەن قۇرۇلغان ئىدى.13 شىتاتنىڭ ھەممىسى ئۆز ئىختىيارى بىلەن بۇ دۆلەتنتى قۇرۇشقا قاتناشقان تەڭ ھوقۇقلۇق ئەزالار ئىدى.ئامەرىكا تۇغۇلۇشتىلا دەموكىراتىيە بىلەن بىللە تۇغۇلغان. ھازىر ئامەرىكادا 50 شىتات بار.دەمەكىراتىيە ئامەرىكانى پارچىلىغىنى يوق بەلكى زورايتتى.ھەتتا ھاۋايى ئارىلى ئامەرىكا چوڭ قۇرۇقلىقىدىن 3200 كىلومىتىر يىراقتا بولىشىغا قارىماي ئامەرىكىدىن ئايرىلىپ چىقىپ كەتكىنى يوق.ئامەرىكانىڭ 2008.يىلىدىكى دۆلەت مىللى دارامىتى 15 تىرىليون دولار بولۇپ،پۈتۈن دۇنيا دارامىتىنىڭ 25% نى تەشكىل قىلىدۇ.ئاۋۇستىرالىيەدە بولسا 200 مىللەت بار بولۇپ،يەرلىق ئابورىجىنلاردىن باشقا 199 مىللەت سىرتتىن بۇ دۆلەكتە كۆچۈپ كىلىپ ئولتۇراقلاشقان.ئاۋۇستىرالىيەدىكى 200 مىللەتنىڭ ھەممىسىنىڭ ئانا تىلىدا مەكتەپ ئەچىش،گەزىت-جورنال،رادىو،تەلىۋىزور تەسىس قىلىش،مىللىي مەدىنىيىتىنى گۈللەندۈرۈش ھوقۇقى دۆلەتنىڭ ئاساسى قۇنۇنىدا كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان.ئاۋۇستىرالىيە ،مىللەتلەر ھوقۇقىقىنىڭ كەڭلىگى ۋە مىللىي ئىتتىپاقلىقنىڭ مۇكەممەللىگىدە دۇنيادا ئۆلگە دۆلەت كۆرسۈتۈلۈپ كەلمەكتە.ئاۋۇستىرالىيەنى 200 مىللەت 200 پارچىغا بۆلۈش تەھدىدى ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس.دەموكىراتىيە نىڭ تۈپ پەلسەپىسى دە،دۆلەت بولغانلىغى ئۈچۈن خەلىق بولغان ئەمەس،خەلىق بولغانلىغى ئۈچۈن دۆلەت بولغان،دىگەن مەزمۇن ياتىدۇ.دەموكىراتىيەدە،دۆلەتتىن بۇرۇن شەخىس مۇقەددەستۇر.شەخسىلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش دۆلەتنىڭ مەركىزى ۋەزىپىسىدۇر.غەرىپ دۆلەتلىرىنىڭ ھەر كۈنى “كىشىلىك ھوقۇق،كىشىلىك ھوقۇق”دەپ تەكىتلەپ تۈرىشىنىڭ مەناسىمۇ بۇ يەردە.دەموكىراتىك تۈزۈمدە،شەخىستىن خەلق،خەلىقتىن دۆلەت تەشكىل قىلىنغانلىغى ئۈچۈن،خەلق دۆلەكتە “تەھدىت”ياراتقۇچى كۇچ سۈپىتىدە كۈرۈلمەيدۇ.ئۇيغۇرلارنىڭ ئاسان چۈشۈنىۋەلىشى ئۈچۈن مۇنداق مىسال ئالايلى؛خەلىقنى زىمىن دەپ پەرەز قىلساق،دۆلەت ئۇ زىمىندا ئۆسكەن چىناردۇر.يىلتىزلىرى توپىراققا كەڭ يەيىلغانلىغى ئۈچۈن بوران-چاپقۇنلاردىمۇ يەقىلمايدۇ.قىشتا ياپراقلىرىنىڭ تۆكۈلىشى،ئۆمرىنى تولدۇرغان ھۆكۈمەتلەرنىڭ تۆكۈلىشىدۇر.يازدا تەكرار ياشارغان ياپراقلار بولسا يەڭى ھۆكۈمەتلەرنىڭ سىموۋىلىدۇر

ئەندى،دەموكىراتىيەنى “زىيانلىق”، “جوڭگو مەدىنىيىتىگە مۇۋاپىق كەلمەيدۇ” دىگۈچىلەرگە كەلسەك،بۇ خۇددى،يەزىلاردىكى ئانىلارنىڭ،ئاخشاملىرى بالىلىرىنى ئۆيدە تۇتۇشقا قايىل قىلالماي “تالاغا چىقساڭ جىن بار”دەپ قۇرقۇتقىنىدەك بىر ئەھۋال.ئەمىلىيەتتە بولسا ئانىمۇ ئۆمرىدە جىننى كۆرۈپ باققان ئەمەس.تەخى ئىجتىمائى ھاياتىڭغا تەدبىقلاپ كۆرمىگەن بىر تۈزۈمنىڭ ساڭا مۇۋاپىق بولۇپ،بولمىغانلىغىنى نەدىن بىلىسەن؟ ئۇنداق دىگۈچىلەر، دەموكىراتىيەدىن ئەمەس،دەموكىراتىك تۈزۈمدە قولىدىن چىقىپ كىتىش ئىھتىمالى بولغان ھوقۇق ۋە راھەت-پاراغەتتىن قورقىدۇ.قازاق خەلقىنىڭ مۇنداق بىر تەمسىلى بار “كۆل تولقاسا كۆپۈگى بەتىنە شىغار،كۆپ تولقاسا سۇدۇرىغى شەتىنە شىغار”(كۆل دولقۇنلىسا كۆپۈگى يۈزىگە چىقىدۇ،كۆپچۈلۈك دولغۇنلىسا يارىماسلىرى چەتكە چىقىدۇ).ئىختىسادنى گۈللەندۈرۈشتىكى “تۆتنى زامانىۋىلاشتۇرۇش”جەريانىدا يەڭى ۋەزىيەتكە ماسلىشالمىغانلار،بۈيۈك كارۋاننىڭ چاڭ-تۇزاڭلىرىدا گاقگىراپ چەتكە چىقىپ قىلغىنىغا ئوخشاش،دەموكىراتىيە تۈزىمى،قابىلىيەتسىز،پارىخور،خوشامەتچى،خەلق نەپرەت قىلىدىغان چىرىك ئەمەلدارلارنى يەپىشىپ قالغان تەختىدىن بىرمۇ بىر سۆكۈپ ئاتىدۇ.ئۇلارنىڭ ئەسلى قورقىدىغىنى بۇ

دەموكىراتىيە ھەرگىزمۇ دۆلەت مىخاينىزىمىنىڭ مىخلىرىنى بوشىتىدىغان تۈزۈم ئەمەس.بەلكى دۆلەت مىخاينىزىمىنى ئىلگىرى ئەلىپ كىتىۋاتقان چاقلارنىڭ ئۇپرىشىنىڭ ئادلىنى ئالىدىغان ياغ ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغان ئامىلدۇر.
يەنە بىر تەرەپتىن،دەموكىراتىيە ئىجتىمائى جەمىيەتنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ۋە ئىنسانلارنىڭ روھىدىكى كىرلارنى يۇيۇپ تازىلىغۇچى سوپۇندۇر

جوڭگو ۋە چەتەللىك تەتقىقاتچىلارنىڭ،دۆلەت ئىستاستىكىلىرىغا تايىنىپ ئەلىپ بارغان تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇنداق؛30 يىل ئىچىدە جۇگگو ئىختىسادىنىڭ 80%نى نۇپۇسنىڭ 0.4% نى تەرىپىدىن ئىگەللەپ ئەلىنغان.99،4% جوڭگو ئاھالىسىگە قالغان ئىختىسات 20%. ياپونىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەرىپتىكى تەرەققى قىلغان كاپىتالىستىك دۆلەتلەردە 200 يىل جەريانىدا نۇپۇسنىڭ 5%ئى ئۇمۇمى ئىختىساتنىڭ 59% نى كونتىرول قىلىش سەۋىيەسىگە يەتكەن.جوڭگودا يۇقىرى ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ۋە ئۇلارنىڭ تۇققانلىرىنى ئاساس قىلغان بىر ئۇچۇم ئىنساننىڭ قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە سىھىرىگەردەكلا،دۆلەت ئىختىسادىنىڭ 80%نى كوتىروللىغى ئاستىغا ئەلىۋەلىشى نورمال ھادىسە ئەمەس.خەنزۇ ئىختىسات شۇناسلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە 2008.يىلى ئاخىرقى 4 ئاي ئىچىدە قانۇنى يوللار بىلەن “مەبلەغ سەلىش”ئىسمى ئاستىدا يۇرت تەشىغا قاچۇرۇلغان پۇلنىڭ سانى 1 تىرىليون دولار.دۇنيانىڭ ئىككىنجى بۈيۈك قۇمارخانىسى ئاۋمىنغا ھەپتە ئاخىرلىرى كەلگەن جوڭگولۇق بايۋەتچىلەرنىڭ مىليونلارچە دوللارنى بوزۇپ-چەچىۋاتقانلىغى ھىچكىمگە سىر ئەمەس.بۇ پەقەتلا جوڭگودىلا يۈز بىرىش مۇمكىنچىلىگى بولغان مۆجىزىلەر.جوڭگونىڭ بۇرنىنىڭ تىگىدە تۇرىۋاتقان تەيۋەن دىموكىراتىك بىر دۆلەت.ئىلگىركى دۆلەت باشلىغى چىن شۇى بىيان نىڭ ئاىلىسى ئازىراق خىيانەت ئىشىغا ئارىلىشىپ قالغانلىغى ئۈچۈن قانۇن بۆيىچە سوتقا تارتىلىپ جازالاندى.دىموكىراتىيەلىك تۈزۈملەردە ئادەملەر قانۇن ئالدىدا ھەقىقى باراۋەردۇر.بىر مۇنچە دىموكىراتىك دۆلەتلەردە،دۆلەت باشلىقلىرى دەم ئەلىش كۈنلىرىدە شەخسى ئىشلىرى ئۈچۈن دۆلەتنىڭ ماشىنىسى ئىشلىتەلمەيدۇ.ئەگەر شەخسى ئىشلىرىدا دۆلەت ئىمكانلىرىنى قوللانسا مائاشىدىن ئۆتەيدۇ.ئۆتىگەن بانكا تالۇنى پىرەزدەن ئىشخانىلىرى تەرىپىدىن خەلققە ئىلان قىلىنىپ تۇرىدۇ.چۈنكى،خەلقنىڭ باجلىرىدىن توپلانغان پۇللار دۆلەتنىڭ مۇقەددەس بايلىغى ھىساپلىنىدۇ.ئۇنىڭدىن بىراز يۇتۇۋالغانلار قۇسۇشقا مەجبۇرلۇنۇش بىلەنلا قالمايدۇ.بەلكى قانۇن ئالدىدا جازاغا تارتىلىدۇ.خەلق ئالدىدا رەزىل قىلىنىدۇ.غەرىپ دۆلەتلىرىدە،پارا ئەلىش،ياكى پارا بىرىش بولسا،خۇددى،كۈندىزلىرى مىغىلداپ ئادەملەر ئۆتۈپ تۈرغان كوچا دوقمۇشىدا قىپ-يالاڭغاچ بولۇپ پاشىۋازلىق قىلغاندەك شەرمەندە ئىش ھىساپلىنىدۇ

ئىختىسادى بايلىق كىشىلەرنىڭ ماددى ئىھتىياجى ئۈچۈن خىزمەت قىلغىنىدەك،دەموكىراتىيە كىشىلەرنىڭ مەنىۋى ئىھتىياجى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.سۇ ئۈزۈشنى بىلگەنلەر ئۈچۈن،دەڭىز خەتەرلىك ئەمەس.دەموكىراتىيەنىڭ قانچىلىك زىيانلىق،قانچىلىك پايدىلىق ئىكەنلىگى توغرىسىدا جوڭگو خەلقى تەخىچە بىۋاستە تەسىراتقا ئىگە ئەمەس.ئامما،مۇتلاق مەركەزلەشكەن كۇچ بولغان يەردە مۇتلاق چىرىكلىشىشنىڭ بار بوغانلىغى توغرىسىدا ھەر بىر پۇخرانىڭ سۆزلىيەلەيدىغان ئازدۇر-كوپتۇر ھىكايىسى بار.شۇڭا كەسىپ ئەيتالايمىزكى؛مۇتلاق مەركەزلەشكەن كۇچ-مۇتلاق چىرىكلىشىشكە ھامىلە دەمەكتۇر

 

يىل2009- 2.ئاينىڭ 25.كۈنى

Share
2459 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.