logo

trugen jacn

مۇئەللىم- چىقىش يولىمىز بارمۇ

 چىقىش يولىمىز بارمۇ ؟

مۇئەللىم

كىم بىر غايە ، مەقسەت چۈشەنچىسى ئۈچۈن بىرلەشسە ۋە شۇنىڭغا ئىرىشىش يولىدا كۆڭۈللۈك ھالدا بىر- بىرىگە ياردەم بەرسە شۇ بىر جەمىيەت بولىدۇ.

بىز تېخى مىللەت بولۇپ ئۇيۇشالمىدۇق. مىللەت بولۇپ ئۇيۇشۇش دىگەن شۇ بىر جايدا بىر جۇغراپىيەدە ياشىغان خەلقنىڭ ئورتاق بىر نىشان ئۈچۈن ھەمكارلىشىشى ، بىر يەرگە كىلىشى ، ھەركەت قىلىشى … دىگەنلىك . بىزدە بىر – بىرىمىزنى بىرلەشتۈردىغان ئومۇمى ۋە ئورتاق غايە يوق ياكى بار بولسىمۇ بىلىشىمىز يوق .بىز نىمىنىڭ ئەتراپىدا بىرلىشىشنى ھەم بىلمەي كەلدۇق . بىرلىشىش سۆزى ئۇيغۇر لوغىتىدە ئەڭ كوپ ئىشلىتىلىۋاتقان بۇگۇنكى مۇھاجىرەت ئەھۋالىمىز بۇنىڭ بىر ئەمىلىيتى . مەنپەتلىرى ، ئىتىقاتلىرى، تىلى، مەدەنىيتى، تەقدىرىمىز بىر بولغانلىقىمىز ئۇنىڭدىنمۇ موھىمى بىر ئىرقى قىرغىنچىلىققا ، تەل-تۆكۈس يوقۇتۇشقا ئۇچراۋاتقان ئەھۋالدا بىرلىشىپ بىر مىللەت بولالمىساق ئەمدى يەنە قايسى بىر ئىش بىزنى بىر نىشان ئۈچۈن بىرلەشتۈرۇدۇ ؟!
مىللەت بولۇپ بىرلىشىشىمىزنىڭ ئەسلى يۈكى مىللەتنىڭ ئۈستۈن قاتلىمى بولغان ئالىملارغا، زىيالىلارغا، ئۆلىمالارغا چۈشكەن مەجبۇرىيەت ئىدى . بۇ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ھەل بولمىغاننىڭ ئۈستىگە جەمىيەتنىڭ تۆۋەن قاتلىمىلدىكىلەرگە ئۈلگە بولالماسلىقمۇ يەنە بىر ئىجتىمائى كىرزىس بولۇپ تۇرماقتا. ئارقامۇ- ئارقا يۈز بىرىۋاتقان كىرزىسزلەر روھىمىزنى ۋە پىسخىكىمىزنى بۇزۇپ ساغلام پىكىر قىلىشتىنمۇ ئايرىلىپ قېلىۋاتىمىز . قەلبىمىز ئۆچمەنلىك ۋە نەپرەت بىلەن تولۇپ ، بۇ ئىچىمىزدىكى ئۆچمەنلىك ۋە نەپرەتنى خىتايغا بولغان كۈچلۈك غەزەپكە ، ئاتەش قورالىغا ئايلاندۇرۇلماي، بىر- بىرىمىزدىن چىقىرىدىغان ھالغا كەلدۇق …
بۇ مىللەت كومۇنىست خىتايلارنىڭ 76 يىللىق سىستېمىلىق ئاسلىماتسىيە ۋە يوقۇتۇش پىلانىنىڭ ئەڭ ئېغىر زەربىسىگە ئۇچرىدى. بولۇپمۇ مائارىپ ۋە تارىخ جەھەتتە ئورنىنى تولدۇرغۇسىز زىيانغا ئۇچرىدۇق . شۇ سەۋەپتىن نە زىيالىلىرىمىز نە ئالىملىرىمىز مىللەتكە توغرا بولغان چۇشەنچىنى، ھەقىقى پىكىر- تەپەككۇرنى بىرىشتىن يىراقتا. مۇشۇ چەتئەلدىمۇ نەگىلا قارىساق خىتاي ۋە روس تەپەككۇرىدىن بىخلىنىپ ئۈنۈپ چىققان تارىخ ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەردىن قۇتۇلالمىدۇق . تارىخى قارىشىمىزنى خىتاي زىھنىيتىدىن، روس ئەندىزىسىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئۆزىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى مىللى ئاڭ ۋە تەپەككۇر ئاساسىدىكى مەدەنىيتىمىزگە يۈزلەندۇرۇشتە ئاجىز كەلدۇق . چەتئەلدىكى پۈتۈن ئۇيغۇر كىتاپخانىلاردا ئاتالمىش « شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى »، « مەرگىزى مىللەتلەر نەشىرياتى» … نىڭ كومۇنىست روخسەت قىلغان ئەھۋالدا يېزىلغان ۋە سىياسى مەقسەتلىرى ئۈچۈن يازدۇرۇلغان، سىياسى سۈزگۈچلەردىن ئۆتكۈزۇلگەن ئەسەرلىرى بىلەن تولۇپ تاشتى . بىز ئۇلارنىڭ ئىچىنى تازىلاپ مىللى سۈزگۈچلىرىمىزدىن ئۆتكۈزۈپ ئەۋلاتلارغا سۇنالمىدۇق . بىز قېچىپ چىقىپ خىتايدىن جىسمىمىزنى قۇتۇلدۇرغان بىلەن روھىمىزنى قۇتۇلدۇرالمىدۇق . بارغانچە خىتاي تەشۋىقاتىنىڭ ئەسىرىگە ئايلىنىپ قالدۇق . بۇ ئېچىنىشلىق رىئاللىق بىزنى بىر مىللەت بولۇشتىن يىراقلاشتۇرماقتا .
ئۆز -ئارا دە- تالاش، ئورۇنسىز مۇنازىرلەر ، دىنى ۋە سىياسى كۆز قاراشلاردىكى پەرىقلەر نەپرەت ئۈستىگە نەپرەت قوزغاپ بىر- بىرىمىزگە بولغان دۈشمەنلىك ئېشىپ بارماقتا . ئىشىنىش، ھۆرمەت ، ئىتىراپ قىلىش ، مىھرى – مۇھەببەت يۇقالدى . پۈتۈن سەۋەپلەرنى ئۆزىمىزدىن كۆرۈشكە يۈزلەنگەن ئەھۋالدا دۈشمەن تۈرلۇك يوللار بىلەن ئۈستۈن تېخنىكا ۋە ئىقتىسادى بىلەن بىزنى تېخىمۇ ئۈمىدسىزلىككە ئىتتىرمەكتە. ئىچىمىزدىكى روھسىزلىقىمىزغا بۇ خىل ئۈمىدسىزلىك قوشۇلۇپ تېخىمۇ ئېغىر زەربە بولماقتا.
ئەجداتلىرىمىز ئىسلامنى ئىنسانىيەتكە ئورتاق مەنپەئەتلىك بىر دىن بولغاچقا قوبۇل قىلىپ، ئۆز مىلىلىگىنى يوقاتمىغان ھالدا مىڭ يىللاپ سەلتەنەتلەرنى، دۆلەتلەرنى قۇرۇپ، ئۆچمەس مەدەنىيەتلەرنى قالدۇرغان ئىدى. مۇقەددەس دىنىمىز ئىسمى بىلەن يىقىنقى 40 يىل مابەينىدە تۈرلۈك ئېقىملارنىڭ ۋە سىياسى ئىسلامنىڭ تەسىرىنىڭ دىيارىمىزغا كىرىشى ۋە بۇنىڭدىن خىتاينىڭ پايدىلنىشى بىلەن ناھايىتى چوڭ بىر بۆلۈنۈشنى باشتىن كەچۈردۇق.خىتاي دۆلەت سىياسىنىڭ پىلانى بىلەن مىللىتىمىزنىڭ دىنى ئەقىدە ساھەسىگە سېلىنغان بۇ سۈيقەستنىڭ ، ھېلى-مىكىرنىڭ دەردىنى تېخىچە تارتىۋاتىمىز . خىتاي سالغان بۇ پارچىلاپ بۆلۇش ئىچىدە ھالا تىڭىرقاپ يۈرمەكتىمىز.
بىزگە كەلگەن بۇ 76 يىللىق بالا قازانىڭ تۈپ مەنبەسىنىڭ خىتاي كومۇنست دۆلىتى ئىكەنلىگىدىن ئىبارەت بىر ھەقىقەتنى بىلىشنىڭ ئۆزى يىتەرلىك ئەمەس . بۇ خىل زىھنىيەتتىن قانداق قىلىپ قۇتۇلۇشنىڭ توغرا يولىنى تېپىش بىر سىياسى ئەقىلنىڭ ئىشى. بىز مىللەت بولۇپ ئۇيۇشۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇغاندا بۇ ئىشنى بىجىرەلەيمىز .
مۇكەممەللىك بىر مەقسەت ئۈچۈن بىرلەشكەنلەرنىڭ قولىدا….

مۇئەللىم
2025. 05. 04

Share
616 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.