logo

trugen jacn

مىللىي مەپكۇرە توغرىسىدا

پىروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت

ئىشغالچى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئىككى يىلدىن بېرى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ بارغانچە ئېغىرلىشىپ كېتىشى، ئۇيغۇر سىياسىي تۇرمۇش ۋە ئەركىنلىكىنىڭ قاتتىق چەكلىمىگە ئۇچرىشى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كېلەچەككە بولغان ئۈمىد ۋە تەسەۋۋۇرلىرىنىڭ كۈندىن كۈنگە زەئىپلىشىشى كىشلەر ئارىسىدا ئېغىر مۇنقەرز تۇيغۇسى پەيدا قىلىپ قويدى. بۇ كرىزىس تەبىئىي ھالدا مىللەتنىڭ كېلەچەك تەغدىرىدىن ئەنسىرەيدىغان زىيالىيلرىمىزنى مىللەتنى قۇتقۇزۇشنىڭ يول ۋە چارە-تەدبىرلىرى ئۈستىدە ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلىۋاتىدۇ. مىللەتكە يول كۆرسىتىش، مىللەتنى قۇتقۇزۇش زىيالىيلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچىدۇر، ئەلۋەتتە. بۇنىڭدىن ئىككى يىل بۇرۇن ھۆرمەتلىك دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى قۇرغان بىر ۋوتسئاپ گۇرۇپپىسىدا قېرىنداشلار خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ قاتمۇ قات ئېغىر بېسىمى ئاستىدا ئۈمىدى، ئىرادىسى، جاسارىتى، غەيرىتى سۇنۇپ يوقىلىشقا قاراپ كېتىۋاتقان ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن مىللەتنىڭ روھىنى ئۇرغىتىدىغان، جانلاندۇرىدىغان، تىرىلدۈرىدىغان يېڭى بىر مەپكۇرەنى ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكى ھەققىدە پىكىر بايان قىلىشقان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ ئىزدىنىشكە باشلىغان ئىدىم. بۇ ھەقتىكى كۆزقاراش، تەكلىپ-پىكىر ۋە ئويلىغانلىرىمنى قېرىنداشلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.

ھەممىگە مەلۇم بولغاندەك، مەپكۇرە «مەفكۇرە» ئاتالغۇسى ئەرەبچە «فىكىر» پىكىر دېگەن سۆزدىن ياسالغان بولۇپ، مەنىسى «پىكىر يۈرگۈزۈلگەن» ياكى «پىكىردە بولغان نەرسە»، «تەسەۋۋۇر شەكلىدىكى غايە» دېگەندىن ئىبارەت. مەپكۇرىنى «خىيال، غايە، مەقسەت، تىلەك» دەيدىغانلارمۇ بار (گۆكئالپ 2014:57). شۇڭا مەپكۇرە دېگەن سۆزنىڭ ئۇقۇم دائىرىسى ناھايىتى كەڭ. بۇ سۆز ئۇقۇم جەھەتتىن «مەقسەت قىلىنغان، ئېرىشمەكچى بولغان غايە، ئېرىشمەكچى بولغان يۈكسەك مەقسەت» دەپ ئىزاھلىنىدۇ. پەلسەپىۋى جەھەتتىن «ئەمىلىيەتتە بولمىغان، پەقەت پىكىردە تەساۋۋۇر قىلىنغان غايە » دەپ چۈشەندۈرىلىدۇ. تۈركىيە تۈركچىسىدە بۇ ئۇقۇم «ئۈلكۈ (ülkü)، ئىدېئال (ideal)» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلەنمەكتە (تۈركچە سۆزلۈك 2005: 2056). ئۇيغۇرچىدا « مەپكۇرە » دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدىغان بۇ سۆز «ئىدىيە» دېگەن مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ. ئۇيغۇرچىدا ئىدىيە سۆزى « نىيەت، مەقسەت، غايە» دېگەن مەنىلەرگىمۇ ئىگە (ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى 1999 : 1319). بىز بۇ يەردە تىلغا ئېلىۋاتقان «مەپكۇرە» ئاتالغۇسىنى «يېتەكچى ئىدىيە» دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ.

مەپكۇرە بىر خىل ئاڭ، بىر خىل ئىدئېولوگىيىدۇر. مەپكۇرە تۈركىيە جەمئىيەتشۇناسلىق ئالىمى زىيا گۆكئالپ تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر ئۇقۇمدۇر. زىيا گۆكئالپ بۇ ئۇقۇمنى فرانسۇز ئالىمى دۇركخېيىم (Emile Durkheim) ئوتتۇرىغا قويغان «كوللېكتىپ / ئىجتىمائىي ۋىجدان» دېگەن ئۇقۇم ئاساسىدا ھاسىل قىلغان. زىيا گۆكئالپنىڭ پىكرى بويىچە، مىللىي ۋىجدان ئەڭ ئۈستۈن مەپكۇرەدۇر (توقلۇئوغلۇ 2013: 118 )

مەپكۇرە، يەنى مىللىي ۋىجدان ئىچكى جەھەتتىن مىللەتلەرنى ئويغىتىدۇ، جەمئىيەت ئەزالىرىنى بىرلەشتۈرىدۇ ۋە بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشقا ئۈندەيدۇ. كىشىلەرگە، جەمئىيەتكە يول كۆرسىتىپ بېرىدۇ، يۆنىلىشنى بەلگىلەپ بېرىدۇ. شۇڭا مەپكۇرە ناھايىتى كۈچلۈك قوراللارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تاشقى جەھەتتىن تاجاۋۇزچى خاراكتېرلىق بولىدۇ. چۈنكى ھەر مىللەت قۇدرەت تېپىپ جاھانغا ھۆكۈمران بولۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەپسانىۋى ھۆكۈمدارى ئوغۇز خاننىڭ مەپكۇرىسى جاھانغا ھۆكۈمران بولۇش ئىدى. ئۇنىڭ «مەن ئۇيغۇرنىڭ خاقانى بولىمەن. يەرنىڭ تۆرت بۇلۇڭىنىڭ خاقانى بولسام كېرەكتۇر. سىلەردىن ئىتائەت تىلەيمەن» دېگەن سۆزى بىلەن «كۈن تۇغ بولغىل كۆك قۇرىقان» ، يەنى «قۇياش بايراق، ئاسمان چېدىر بولسۇن» دېگەن سۆزى بۇ مەپكۇرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. بۈگۈن جاھان ھاكىمىيىتى مەپكۇرىسى تۈركىيە تۈركلىرى ئارىسىدا «قىزىل ئالما» دېگەن ئۇقۇم بىلەن ئىپادىلىنىۋاتىدۇ. تۈركىيەدە بۇ ئۇقۇم «ئىلاھى كەلىمەتۇللاھ»، «نىزامى ئالەم» دېگەن ئىسلامى تېرمىنولوگىيە بىلەنمۇ ئىپادىلىنىدۇ.

ئەسلىدە مەپكۇرە دىنىي ئېتىقادتىن كەلگەن. چۈنكى كۆك تەڭرى ئېتىقادى بويىچە ئاسماندا تەڭرى بىردىنبىر ۋە يىگانە بولغان ئىكەن، ئۇنىڭ يەريۈزىدىكى ۋەكىلى بولغان ھۆكۈمدارمۇ بىردىنبىر ۋە يىگانە بولۇشى كېرەك. ئوغۇز خان، چىڭگىز خان ۋە كېيىنكى ئوسمان ئېمپىرىيىسى ھۆكۈمدارلىرى مانا مۇشۇنداق بىر مەپكۇرە بىلەن ھەرىكەت قىلغان. ھېگېل جاھانغا ھۆكۈمران بولۇش مەپكۇرىسىنى «جاھان روھى» دەپ ئاتىغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، مىللەت سىرلىق بىر روھتۇر. ھەر مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس مىللىي روھى بولىدۇ. بۇ مىللىي روھ باشقا مىللەتلەرنىڭكىدىن پەرقلىق بولىدۇ. مىللىي روھلارنىڭ ئۈستىدە بىر جاھان روھى بار، بۇ روھ پۈتۈن روھلارغا ھاكىم بولىدۇ. مىللەتلەرنىڭ يۈكسىلىشى، يىمىرىلىشى، غالىبىيەت ۋە مەغلۇبىيەتلىرى بۇ جاھان روھى ئىرادىسىنىڭ نەتىجىسىدۇر (ئارسال 2018: 120-119).

زىيا گۆكئالپنىڭ قارىشى بويىچە، مەپكۇرىلەر بىر مىللەت پالاكەتكە ئۇچرىغان، كرزىسكە دۇچ كەلگەن بۆھرانلىق مەزگىللەردە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بۇنداق مەزگىللەردە شەخسلەر ئۆزلىرىنىڭ ئەركىنلىكىنى ئەمەس، مىللىتىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئويلايدىغان بولىدۇ. بۇ ئۇلۇغ ھېسسىيات بىلەن ئارىلاشقان مۇقەددەس پىكىرگە مەپكۇرە دېيىلىدۇ (گۆكئالپ 2018: 52-53). پرۇسيا ناپاليون قوشۇنلىرى تەرىپىدىن كەمسىتىلگەن زور پالاكەت زامانىدا گېرمانلىق مەپكۇرىسى ئۇرغۇپ چىققان. ياپونىيە، ئامېرىكىلىقلار ۋە ياۋرۇپالىقلار تەرىپىدىن ئېغىر ئاھانەت ۋە بېسىم ئاستىدا قالغاندا ياپون مەپكۇرىسى ئوتتۇرىغا چىققان (گۆكئالپ 2018: 53). بىر مىللەت خەۋپ ئاستىدا قالغاندا، ئۇنى شەخسلەر قۇتقۇزالمايدۇ، مىللەت ئۆز ئۆزىنى قۇتقۇزىدۇ. مۇنداق پەيتلەردە شەخسلەر شەخسلەردىن ھالقىغان ئالاھىدە بىر روھقا تەسلىم بولىدۇ، شەخسىي ئىرادە بىر تەرەپتە قېلىپ ئومۇمىي ئىرادە پۈتۈن ۋىجدانلاردا بىر گەۋدە بولىدۇ. مەپكۇرە مەنمەنچىلەرنى جان پىدا مۇجاھىتلارغا، قورقۇنچاقلارنى قەھرىمانلارغا ئايلاندۇرىدۇ (گۆكئالپ 2018: 54). مەپكۇرىسى بولغان شەخسلەرنىڭ روھلىرى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، بۇ كىشىلەر ھاياجانلىق ۋە ئىرادىلىك بولىدۇ. مەپكۇرىلىرى ئۈچۈن ھاياتلىرىنى، مەنپەئەتلىرىنى ۋە بەختلىك تۇرمۇشىنى پىدا قىلالايدۇ. مەپكۇرە ئۈچۈن خىزمەت قىلغانلارنى ئۇلۇغلايدۇ، قارشى چىققان ۋە توسالغۇ بولغان نەرسىلەرنى چېقىپ كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ (گۆكئالپ 2018: 56). مەپكۇرىسى بولغان مىللەتلەر سىياسىي جەھەتتىن ئۆلگەن بولسىمۇ، چوقۇم تىرىلىدۇ (گۆكئالپ 55:2018).

بۇ كۆزقاراشلارغا تاينىپ تۇرۇپ ئۇيغۇر مىللىي مەپكۇرىسىنىڭ ئومۇمىي رامكىسىنى بېكىتىپ چىقىشقا بولىدۇ دەپ قارايمەن. ھەممىگە مەلۇم بولغاندەك، ئۇيغۇرلار ھازىر ناھايىتى ئېغىر بىر كرىزىسكە دۇچ كەلدى. ئىشغالچى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا كۈنسايىن شىددەتلىنىپ كېتىۋاتقان تاجاۋۇزكار خىتاي مىللەتچىلىكى ۋە مەجبۇرى ئاسمىلياتسىيە سىياسىتى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەۋجۇدلىقىغا تەھدىت سالماقتا. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇر مىللىتى يوقىلىش خەۋپى ئاستىدا تۇرماقتا. خەلقئارا جامائەتچىلىك، ئىسلام دۇنياسىى، ھەتتا تۈرك دۇنياسىمۇ ئۇيغۇر خەلقى ئۇچراۋاتقان ئادالەتسىزلىككە، ناھەقچىلىككە، زۇلۇمغا، ئىرقىي ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىغا قارشى ئېنىق ئىنكاس قايتۇرمايۋاتىدۇ. تېخىمۇ ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، بىز دىن قېرىنداشلىرىمىز، ئۈممىتىمىز دەپ ئۈمىد باغلىغان ئىسلام دۆلەتلىرىمۇ خىتاي تەرەپتە تۇرۇۋاتىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرلار بۇ خەۋپتىن ۋە ھالاكەتتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن يەنىلا ئۆزىگە، ئۆز كۈچىگە تاينىپ ھەرىكەت قىلىشقا مەجبۇر بولىۋاتىدۇ. بۇ پەۋقۇلئادە ۋەزىيەت ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋال ۋە رېئاللىقىغا ماس كېلىدىغان يېڭى بىر مەپكۇرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەقەززا قىلماقتا.

بىز دۇنيادىكى ھەر خىل مەپكۇرە / ئىدېئولوگىيەلەرنى تەكشۈرۈپ كۆرىدىغان بولساق، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۈچلۈك ۋە تەسىرلىك مەپكۇرە / ئىدېئولوگىيەلەرنىڭ مىللەتچى خاراكتېرلىق مەپكۇرە / ئىدېئولوگىيەلەر ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز. چۈنكى ئىرق، تىل ۋە دىننى ئاساس قىلغان مىللەتچىلىك ئىچكى جەھەتتىن جەمئىيەت ئەزالىرىنى ئويغىتىش، كۈچلەندۈرۈش، بىرلەشتۈرۈش ۋە ھەرىكەتلەندۈرۈش، تاشقى جەھەتتىن رەقىب كۈچلەرنىڭ سىياسىي ۋە مەدەنىيەت ھۇجۇملىرىغا قارشى ئۆزىنى قوغداش رولىغا ئىگە. ياۋرۇپالىقلار مىللەتچىلىكنىڭ قۇدرىتىنى 1792-يىلى فرانسىيەنىڭ ۋالمىي دېگەن يېزىسىدا مەيدانغا كەلگەن پرۇسىيە بىلەن فرانسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشتا بايقىغان. ناھايىتى كۈچلۈك مۇنتىزىم قوشۇنى بولغان پرۇسىيىگە قارشى فرانسيىنىڭ ئاچ- يالىڭاچ ۋە ئاجىز قوشۇنى گېنېرال كېللېرنىڭ شەپكىسىنى چىقىرىپ «ياشىسۇن مىللەت!» دەپ ۋارقىرىشى ۋە پۈتۈن ئەسكەرلەرنىڭ بىردەك «ياشىسۇن مىللەت!» دەپ ئاۋاز قوشۇشى بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ پرۇسىيە قوشۇنىنى تارمار قىلىۋەتكەن. فرانسىيە قوشۇنلىرىنىڭ بۇ ئۇرۇشتا چوقۇم مەغلۇب بولىدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرگەن ئۇرۇش تارىخچىلىرى ئۇلارنىڭ بۇ غەلبىسىنى كۆرۈپ ھەيران قالغان. تەكشۈرۈپ كۆرگەندىن كېيىن، بۇ غەلبىنىڭ ئارقىسىدىكى كۈچنىڭ «ياشىسۇن مىللەت!» دېگەن نىدادا ئەكس ئەتكەن مىللەتچىلىك پىكرى ئىكەنلىكىنى بايقىغان. فرانسىيە ئەسكەرلىرى مىللەت ئۈچۈن ئۆلۈمگە پىسەنت قىلماي ئۇرۇشقان ۋە بۇ جاسارىتى بىلەن غەلبە قىلغان. شۇندق قىلىپ ياۋرۇپادا يېڭى بىر دەۋر، يەنى مىللەتچىلىك دەۋرى باشلىغان. 19 -ئەسىردە باشلىغان بۇ مىللەتچىلىك پىكىر ئېقىمى ۋە مىللەتچىلىك ھەرىكەتلىرى ئارقىسىدا ياۋرۇپادا مىللىي دۆلەت (nation state) لەر ئوتتۇرىغا چىققان. بۇ دۆلەتلەر قۇدرەت تېپىپ نۇرغۇن ئاجىز دۆلەتلەرنى مۇستەملىكە قىلىۋالغان. يەنە بىر تەرەپتىن نۇرغۇن مۇستەملىكە مىللەتلەرمۇ مىللەتچىلىك ھەرىكىتى ئارقىلىق مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرگەن. دېمەك، بىز موھتاج بولۇۋاتقان مەپكۇرە مىللەتچىلىك مەپكۇرىسىدۇر.

ئەلۋەتتە، ھازىرقى شەرت-شارائىت 19- ئەسىرنىڭ ۋە 20-ئەسىرنىڭ شەرت-شارائىتىغا ئوخشىمايدۇ. شۇڭا ئوتتۇىغا قويۇلىدىغان مەپكۇرە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھازىرقى ئەمەلىي ئەھۋالىغا، رېئاللىقىغا ۋە تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇشى، يەنە بىر تەرەپتىن يېڭى دۇنيا سىياسىي سېستىمىسىنىڭ، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ رېئاللىقى، رېتورىگى ۋە يۈزلىنىشى بىلەن ماسلاشقان بولۇشى كېرەك. مەن بۇ ھەقتە مۇنداق بىر تەكلىپ پىكرىمنى ئوتتۇرىغا قويماقچىمەن. بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەپكۇرىسى، يەنى يېتەكچى ئىدىيىسى «يېڭى ئۇيغۇر تۈركچىلىكى» (Neo-Uyghur Turkizm) دەپ ئاتىلىشى، بۇ مەپكۇرىنىڭ شۇئارى «بۈيۈك بىرلىك – بۈيۈك ئۇيغۇر» بولۇشى، «ئىسلامىيەت، ھۆرىيەت، ئادالەت، كەڭ قۇرساقلىق، قېرىنداشلىق ۋە مەدەنىيەت» تىن ئىبارەت دۇنياۋى قىممەتلەرنى مەزمۇن قىلىشى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى نىشان، تۈرك دۇنياسى ۋە بۈيۈك تۇراننى غايە قىلىشى كېرەك. بۇنى مۇنداق سېستمىلاشتۇرغىلى بولىدۇ:

مەپكۇرەنىڭ ئىسمى: يېڭى ئۇيغۇر تۈركچىلىكى (Neo – Uyghur Turkizm)

مەپكۇرەنىڭ شوئارى: بۈيۈك بىرلىك – بۈيۈك ئۇيغۇر

مەپكۇرەنىڭ مەزمۇنى: ئىسلامىيەت، ھۆرلۈك، ئادالەت، كەڭ قورساقلىق، قېرىنداشلىق، مەدەنىيەت

مەپكۇرەنىڭ نىشانى: مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان

مەپكۇرەنىڭ غايىسى: تۈرك دۇنياسى بىرلىكى ۋە بۈيۈك تۇران

بۇلاردىن،

ئىسلامىيەت: قۇرئاننى مەركەز، ئەقىل ۋە بىلىمنى ئاساس، رادىكالىزم ۋە تېرورىزمنى رەت قىلىدىغان ئىسلام ئېتىقادى، ئىسلام ئەخلاقى ۋە ئىسلام مەدەنىيىتى

ھۆرلۈك: ئەركىنلىك، مۇستەقىللىق، دېموكراتىيە

ئادالەت: ھەققانىيەت، قانۇننىڭ ئۈستۈنلىكى، باراۋەرلىك

كەڭ قورساقلىق: كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش

قېرىنداشلىق: ئۇيغۇر / تۈرك قېرىنداشلىقى، خەلق / مىللەت قېرىنداشلىقى، دۇنيا قېرىنداشلىقى

مەدەنىيەت: مىللىي مەدەنىيەت / كۈلتۈر (تىل، دىن، تارىخ، ئەدەبىيات، فولكلور ۋە ئىقتىساد)، مەدەنىيەت / ئۇيغارلىق (بىلىم، سەنئەت، پەلسەپە، تېخنولوگىيە) قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

نېمە ئۈچۈن «يېڭى ئۇيغۇر تۈركچىلىكى / Neo – Uyghur Turkizm» دەيمىز؟ ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، 20- ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا پانتۈركىزم، پانئىىسلامىزم ۋە ئۇلۇسچىلىق ئۇيغۇرلانىڭ مىللىي مەپكۇرىسى بولۇپ، بۇ مەپكۇرە «ئىرقىمىز تۈرك، دىنىمىز ئىسلام، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستان» دېگەن فورمۇلا ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن ئىدى. ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن، مەمتىمىن بۇغرا ۋە مەسئۇت سابرى بايقۇزى بۇ مەپكۇرەنىڭ تەرەپدارلىرى ۋە تەرغىباتچىلىرى ئىدى. لېكىن بۇ مەپكۇرە رۇسىيەدە ستالىن، خىتايدا شېڭشىسەي ۋە كېيىنكى خىتاي كومۇنىستلىرى تەرىپىدىن ھەر خىل سىياسىي تەشۋىقات ۋە ھەرىكەتلەر ئارقىلىق قارىلاندى ۋە نەتجىدە كىشىلەرنىڭ قەلبىگە ۋەھىمە سالىدىغان قورقۇنۇچلۇق بىر ئۇقۇم ھالىغا كەلتۈرۈپ قويۇلدى. كىشىلەر بۇ ئاتالغۇنى ئىشلىتىشتىن، پانتۈركىست ياكى پانئىسلامىست دەپ ئاتىلىپ قېلىشتىن ئەيمىنىدىغان، ھەتتا قورقىدىغان بولۇپ قالدى. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، پانتۈركىزم ۋە پانئىسلامىزم مەپكۇرىسى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ زېھىن دۇنياسىدىن پۈتۈنلەي ئۆچۈپ كەتكىنى يوق. بۇ مەپكۇرە ھازىرمۇ خەلقنىڭ زېھنىدە، قەلبىدە يوشۇرۇن كۈچ ھالىتىدە مەۋجۇتتۇر. بۇ يوشۇرۇن كۈچنى ھەرىكەتلەندۈرىدىغان، ئۇيغۇر تۈرك روھىنى ئويغىتىدىغان يېڭى بىر مەپكۇرىگە، يېڭى بىر تەلەپپۇزغا ئىھتىياجىمىز بار. بۇ تەلەپپۇز «يېڭى ئۇيغۇر تۈركچىلىكى Neo – Uyghur Turkizm» دۇر. ئىككى يىل بۇرۇن يازغان كىچىك بىر يازمامدا مەپكۇرىنىڭ ئىسمىنى «يېڭى ئۇيغۇرچىلىق / Neo – Uyghurizm» دەپ ئاتىغان ئىدىم. مەلۇم بولغاندەك، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا «ئۇيغۇرىزم» دېگەن بىر ئۇقۇم ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى. مەن بۇ ئۇقۇم ئاساسىدا «يېڭى ئۇيغۇرزم (Neo – Uyghurizm)»، يەنى يېڭى ئۇيغۇرچىلىق دېگەن ئۇقۇمنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىم. بۇ يازمىغا قارىتا قايتۇرۇلغان ئىنكاسلار ئاساسىدا بۇ ئىپادىنى «يېڭى ئۇيغۇر تۈركچىلىكى» دەپ ئۆزگەرتىشنى ئۇيغۇن كۆردۈم. بۇ شەكىلدە «تۈركچىلىك» ئىدېئولوگىيسىنى تېخىمۇ ئېنىق ئەسلەتكىلى بولىدۇ [1]. بۇ ئىبارىنىڭ «يېڭى ئۇيغۇرچىلىق» دېگەن ئىبارىگە قارىغاندا ئۇقۇم دائىرىسى تېخىمۇ كەڭ. «يېڭى ئۇيغۇر تۈركچىسى، ئۇيغۇر تۈركچىسى، ئۇيغۇر تۈركۈ» دېگەندەك ئىبارىلەر تۈركىيەدە كەڭ ئىشلىتىلمەكتە. بۇ خىل ئىبارىنى بۇرۇن زىيا گۆكئالپمۇ ئىشلەتكەن ئىدى. مەسىلەن ئۇ تۈركچىلىككە قارشى تۇرغان ئىسلام تەرەپتارلىرى بىلەن تۈركچىلەر ئوتتۇرىسىدىكى پىكىر ئىختىلاپلىرىنى كېلىشتۈرۈش ئۈچۈن «ھازىرقى زامان ئىسلام تۈركلىكى (Muasır İslam Türklüğü)» دېگەن ئىبارىنى ياراتقان ئىدى (يىلماز 2016 : 369). بۇ ئىبارىنى ئۆرنەك قىلىپ تۇرۇپ ئۇيغۇر مىللىي مەكپۇرىسىنى «يېڭى ئىسلام ئۇيغۇر تۈركچىلىكى» دەپ ئاتاش مۇمكىن ئىدى. لېكىن «يېڭى ئىسلام» دېگەن ئىبارە خاتا چۈشىنىشلەرگە سەۋەب بولۇپ قالىدىغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئىبارىنى ئىشلىتىشنى مۇۋاپىق كۆرمىدىم.

يېڭى ئۇيغۇر تۈركچىلىكى مەپكۇرىسى بۈگۈن تۈركىيەدە «تۈركچىلىك» ۋە «تۈرك دۇنياسى» دەپ ئاتىلىۋاتقان «پانتۈركىزم» ياكى «تۇرانچىلىق» مەپكۇرىسى بىلەن غايە جەھەتتىن ئوخشاش، پەقەت كۆلەم ۋە مەزمۇن جەھەتتىن بىراز پەرقلىنىدۇ. كۆلەم جەھەتتىن، بۇ مەپكۇرە پەقەت شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي مىللەتچىلىكىگە، خىتاينىڭ مەدەنىيەت ھۇجۇمىغا، ئاسمىلياتسىيە سىياسىتىگە تاقابىل تۇرۇشنى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى نىشان قىلىدۇ. مەزمۇن جەھەتتىن، ئىسلامىيەت، ھۆررىيەت، ئادالەت، كەڭ قورساقلىق، قېرىنداشلىق ۋە مەدەنىيەتتىن ئىبارەت دۇنياۋىي قىممەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا بۇ ئۇقۇملار بىر بىرىگە قارشى، بىربىرى بىلەن زىدىيەتلىك ئۇقۇملار ئەمەس، بىربىرىنى تولۇقلىغۇچى ماھىيەتتىكى ئۇقۇملاردۇر. بۇ ئۇقۇملارنى بىربىرىگە قارشى ئۇقۇملار قىلىپ كۆرىسىتىشكە بولمايدۇ. زىيا گۆكئالپمۇ تۈركچىلىكنىڭ يېقىن مەزگىللىك مەپكۇرىسىنى ئوغۇز بىرلىكى، ئۇزاق مەزگىللىك مەپكۇرىسىنى « تۇران » دەپ كۆرسىتىپ، بۇنى 1- تۈركىيەچىلىك، 2- ئوغۇزچىلىق / تۈركمەنچىلىك، 3- تۇرانچىلىقتىن ئىبارەت ئۈچ باسقۇچقا بۆلگەن ئىدى. 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا رۇسلارنىڭ رەسمىي رۇسلاشتۇرۇش سىياسىتىگە قارىتا ئەزەربەيجان ۋە تاتار تۈركچىلىكى ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى (توقلۇئوغلۇ 2013 : 120). خۇددى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش، يېڭى ئۇيغۇر تۈركچىلىكى مەپكۇرىسىمۇ ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننى، شەرقىي تۈركىستاندا نوپۇسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغان ئۇيغۇر تۈركلىرىنى ئاساس قىلىشى، ئىككىنچى باسقۇچتا تۈرك بىرلىكى ۋە تۈرك دۇنياسىنى، ئۈچىنچى باسقۇچتا بۈيۈك تۇراننى مەقسەت ۋە نىشان قىلىشى كېرەك. يەنى بۇ مەپكۇرىنىڭ جۇغراپىيلىك ۋە ماكان / زېمىن خاراكتېرىنى «شەرقىي تۈركىستانچىلىق، تۈركىستانچىلىق ۋە تۇرانچىلىق» دەپ كۆرسىتىش مۇمىكىن.

زىيا گۆكئالپنىڭ ئىپادىسى بويىچە ئېيتقاندا، تۈركچىلىك ۋە تۇرانچىلىق ئۇزۇن مۇساپىلىك غايىدۇر. بىراق ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ئىنتايىن جىددىي، خەتەرلىك ۋە پەۋقۇلئادەدۇر. شۇڭا، ئۇيغۇرلارنى مەركەز قىلىدىغان بىر تۈركچىلىك ھەرىكىتىگە ئىھتىياج بار. بۇ يەردە شۇنىمۇ ئېيتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقان قازاق، قىرغىز، تاتار ۋە ئۆزبەك تۈركلىرى بىلەن ھېچقانداق مەسىلىسى يوقتۇر. بىز ھەممىمىز قېرىنداش. ئۇلارنىڭ تەغدىرى ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ تەغدىرىگە باغلىنىپ كەتكەن. مىللىي كۈرەشتە ئۇيغۇرلار تايانچ كۈچتۇر، يادرو كۈچتۇر. شۇڭا ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بىرلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي روھىنى ئويغىتىش ۋە جانلاندۇرۇش، ئۇيغۇرلارنى تىرىلدۈرۈش كېرەك دەپ ئويلايمەن. شۇڭا يېڭى ئۇيغۇر تۈركچىلىكى بىر تىرىلىش ھەرىكىتىدۇر.

يېڭى ئۇيغۇر تۈركچىلىكى بىلەن ئىسلام ياكى ئىسلام ئۈممەتچىلىكى ئوتتۇرىسىدا ئختىلاپ بارمۇ؟ جاۋابى – يوق، چۈنكى ئۇيغۇر تۈركلىرى ھەم تۈرك / ئۇيغۇر ھەم مۇسۇلماندۇر. ئۇيغۇر مىللى كىملىكى تۈرك كىملىكى ھەم مۇسۇلمان كىملىكى بىلەن چەمبەرچەس باغلىنىپ كەتكەن. شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش كۈرىشى ئوخشاشلا ھەم تۈرك كىملكنى ھەم مۇسۇلمان كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش كۈرىشى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.

زىيا گۆكئالپ «تۈركلىك بىلەن ئىسلاملىق، بىرىسى مىللىي، يەنە بىرىسى ئالەمشۇمۇل ماھىيەتتە بولغانلىقى ئۈچۈن ئىككىسى ئارىسىدا ئەسلا زىددىيەت يوقتۇر» دەيدۇ (گۆكئالپ 2014:19). تۈركىيەدە، تۈرك دۇنياسىدا جەدىتچىلىك پىكىر ئېقىمىنىڭ ئاساچىلىرىدىن بىرى بولغان شەيخ جامالىدىن ئافغانىمۇ پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشى مۇسۇلمان قەۋملەرنىڭ ئاڭلىق مىللەتچى بولۇشىغا ۋە ئۆز مىللەتلىرى ئىچىدە تەرەققىي قىلىشىغا ۋە كېڭىيىشىگە باغلىق دەپ قارىغان (ئاقچۇرا2015 :83). نادىم ماجىت تۈركچىلىكتىكى مىللەتچىلىك بىلەن ئىسلامىيەتنى ئوخشاش بىر ھەقىقەتنىڭ ئىككى يۈزىدۇر دەيدۇ (ماجىت 2011: 456).

نېمە ئۈچۈن «بۈيۈك بىرلىك – بۈيۈك ئۇيغۇر» دەيمىز؟ يەنە ھەممىگە مەلۇم بولغاندەك، «ئۇيغۇر» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى «ئىتتىپاقلاشقان، بىرلەشكەن» دېگەندىن ئىبارەت. بۇ ئىسىمنى بىزگە ئوغۇز قاغان بەرگەن. شۇڭا بىز مەپكۇرەمىزنى ئۆز ئىسمىمىزدە ساقلاپ تۇرغان مىللەتمىز. ئۇيغۇر بىرلىك دېمەكتۇر، ئىتتىپاقلىق دېمەكتۇر. بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىقتىن كۈچ تۇغۇلىدۇ. كۈچتىن ھاكىمىيەت تۇغۇلىدۇ. ھاكىمىيەت بىلەن ئاللاھقا خىزمەت قىلغىلى بولىدۇ، دۇنيانى تەرتىپكە سالغىلى بولىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى بىرلىككە، ئىتتىپاقلىققا باغلىق بولىدۇ. ھازىر ئۇيغۇرلار موھتاج بولۇۋاتقان مەپكۇرە مانا بۇ بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىق مەپكۇرىسىدۇر. ئۇيغۇر روھىنى ئۇرغىتىدىغان، ئۇيغۇرلارنى جانلاندۇرىدىغان، تىرىلدۈرىدىغان مەپكۇرە مانا مۇشۇ دەپ قارايمەن. ئوسمان ئېمپىرىيىسى دەۋرىدە زىيالىيلار «ئىتتىخادى ئىسلام» ، يەنى ئىسلام بىرلىكى، «ئىتتىخادى ئوسمان»، يەنى «ئوسمانلى بىرلىكى» دەپ ئاتىلىدىغان مەپكۇرە / ئىدېئولوگىيە ياراتقان ئىدى. بۇنىڭ بىلەن پۈتۈن مۇسۇلمانلارنى، ئوسمان ئېمپىرىيىسى تەۋەسىدىكى پۈتۈن مىللەتلەرنى بىرلەشتۈرۈپ غەربنىڭ ئىمپېرىيالىست ھۇجۇملىرىغا قارشى تۇرۇشقا تىرىشقان ئىدى. ئەپسۇسكى، بۇ مەپكۇرەلەر ئۈنۈملۈك ۋە نەتىجىلىك بولماي قالدى . تۈركچىلىك پىكىر ئېقىمى مۇشۇنداق تارىخي شارائىتتا مەيدانغا كەلدى. شۇڭا بىز مىللەتچىلىك ئاساسىدىكى «بۈيۈك بىرلىك – بۈيۈك ئۇيغۇر» شوئارى ئارقىلىق پۈتۈن ئۇيغۇرلارنى بىرلىشىشكە، ئىتتىپاقلىشىشقا چاقىرىشىمىز لازىم. بىرلىك، ئىتتىپاقلىق ئەمەلگە ئاشقاندا تاشقى بېسىمغا تاقابىل تۇرغىلى، مىللى ھاكىمىيەتنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.

نېمە ئۈچۈن «كەڭ قورساقلىق» دەيمىز؟ كەڭ قورساقلىق ئۇيغۇرلار ئىگە بولغان ئەڭ مۇھىم دۇنياۋىي قىممەتلەرنىڭ بىرىسى. ئۇيغۇرلار دۇنيا تارىخىدا ئاز كۆرۈلىدىغان بىر خىل كەڭ قورساقلىق مەدەنىيىتىگە ئىگە. ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە تۇرپاندا شامانلىق، بۇدىزم، مانىخېئىزم، خىرىستىيانلىق ۋە ئىسلام دىنىنىڭ بىرلىكتە ياشىغانلىقى بۇنىڭ ئىسپاتىدۇر. ئۇيغۇرلار ئىگە بولغان بۇ كەڭ قورساقلىق مەدەنىيىتى بولغاچقا ھەر خىل قەۋم ۋە مىللەتلەر ئىناق ياشىيالىغان. كەڭ قورساقلىق بولغان يەردە توقۇنۇش بولمايدۇ، ئادالەتسىزلىك بولمايدۇ، جەمئىيەتتە ئىناقلىق، ھوزۇر بولىدۇ. كەڭ قورساقلىق مەدەنيىتى مەۋلانا جالالىدىن رۇمىنىڭ « نېمە بولساڭ بول، يەنە كەل » دېگەن جۈملىسى بىلەن قېلىپلاشقان بولۇپ، بۇ قىممەت ھازىر پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا. ئەلۋەتتە بۇ يەردىكى كەڭ قورساقلىق تاجاۋۇزچىلارغا قارىتىلغان ئەمەس.

نېمە ئۈچۈن «قېرىنداشلىق» دەيمىز؟ ئۇيغۇرلار ئۆز ئىچىدە بىربىرى بىلەن قېرىنداش، تۈركلەر بىلەن قېرىنداش، دىنىي ئېتىقات جەھەتتىن پۈتۈن مۇسۇلمانلار بىلەن قېرىنداش ، تىل جەھەتتىكى يېقىنلىقى بىلەن مۇڭغۇللار، ياپونلار، كورىيەلىكلەر بىلەن قېرىنداش، ئورتاق ئەجدادىمىز ئادەم ئاتا ۋە ھاۋۋا ئانا بولغانلىقى ئۈچۈن پۈتۈن ئىنسانلىق بىلەن قېرىنداش. شۇڭا قېرىنداشلىق دېگەنمۇ بىر خىل مەپكۇرە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. فرانسىيە بايرىقىدىكى قىزىل رەڭمۇ قېرىنداشلىقنىڭ سىمىۋولى بولۇپ، پۈتۈن فرانسۇزلارنىڭ بىر مىللەتنىڭ ئەۋلادلىرى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ يەردىكى قېرىنداشلىق تار دائىرىدىن ئېيتقاندا مەلۇم بىر مىللەتنى، كەڭ دائىرىدىن ئېيتقاندا پۈتۈن ئىنسانىيەتنى ئىپادىلەيدۇ. قېرىنداشلىق بىر جەمئىيەت، بىر دۆلەت، بىر رايوندىكى ئىناقلىقنىڭ، دوستلۇقنىڭ ئالدىنقى شەرتىدۇر. ئاخىرقى ھېساپتا دۇنيا تىنچلىقىنىڭ ئاساسى ۋە كاپالىتىدۇر.

نېمە ئۈچۈن «مەدەنىيەت» دەيمىز؟ ھەممىگە مەلۇمكى، تۈركىيەدە مەدەنىيەت دېگەن ئۇقۇم «ئۇيغار» سۆزى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئۇيغار دېگەن سۆز بولسا «ئۇيغۇر» سۆزىدىن ئوتتۇرىغا چىققان. 1935-يىلىدىكى ماتېرياللاردا مەدەنىيەت دېگەن ئۇقۇم بىۋاستە ھالدا «ئۇيغۇر» سۆزى بىلەن ئىپادىلەنگەن (نىشانىيان 2018: 893). دېمەك، ئۇيغۇرلار مەدەنىيەت بىلەن زىچ باغلىنىپ كەتكەن. مەدەنىيەت مىللىي مەدەنىيەت / كۈلتۈر ۋە مەدەنىيەت / ئۇيغارلىق دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. بۇ يەردىكى مىللىي مەدەنىيەت، يەنى كۈلتۈر مىللىي خاراكتېرلىق تىل، دىن، ئەدەبىيات-سەنئەت، تارىخ، فولكلور، ئۆرپ – ئادەت، ئەنئەنە ۋە ئىقتىساد قاتارلىق مەزمۇنلارنى، مەدەنىيەت، يەنى ئۇيغارلىق بولسا دۇنياۋى خاراكتېرلىىق بىلىم، پەلسەپە، سەنئەت، تېخنىكا قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا مىللىي مەدەنىيەت، يەنى كۈلتۈر ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنىڭ ھەم مەنىۋى ۋە ماددى مەۋجۇتلۇقنىڭ كاپالىتى بولسا، مەدەنىيەت، يەنى ئۇيغارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنياغا ئېچىلغان ئىشىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، مەدەنىيەت يېڭى ئۇيغۇر تۈركچىلىكىنىڭ ئاساسىدۇر. يېڭى ئۇيغۇر تۈركچىلىكى سىياسىي مەنىدە بىر مەپكۇرە بولۇپلا قالماي، مەدەنىيەت جەھەتتىن بۈيۈك بىر مەدەنىيەت تۈرىدۇر. ئۇيغۇرلار يېڭى ئۇيغۇر تۈركچىلىكى مەپكۇرىسى ئارقىلىق تارىختىكى پارلاق مەدەنىيەت دەۋرىگە قايتىشى كېرەك.

مەپكۇرە / ئىدېئولوگىىيە بىر خىل ھەرىكەت شەكلى، بىر خىل تۇرمۇش شەكلىدۇر. بۇ مەپكۇرە / ئىدېئولوگىيە بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزغا، ئىش-ھەرىكىتمىزگە، سىياسىي كۈرىشىمىزگە يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك. ئۇيغۇر ئانا تىلىنى ئۆگىنىش، ئۆگىتىش، ئۇيغۇرچە سۆزلەش، يېزىش، كىينىش، يېيىش-ئىچىش، ئۇيغۇر سەنئىتىنى سۆيۈش، بىرلىشىش، ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىش، ئۇيغۇرلارنى ۋە باشقا تۈرك قېرىنداشلارنى سۆيۈش، يۈكسەلدۈرۈش، ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا مەدەنىي مىللەتلەر قاتارىدا دۇنيا سىياسىي سېستىمىسىدا تېگىشلىك ئورۇن ئېلىشى ئۈچۈن تىرىشىش بۇ مەپكۇرىنىڭ كونكېرت ھەرىكەت شەكلىللىرىدىن بەزىلىرىدۇر.

خۇلاسىلاپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇر مىللىي كۈرىشىنىڭ نۆۋەتتىكى رېئاللىق ۋە ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن يېڭى بىر مەپكۇرىگە ئېھتىياجى بار. شۇڭا يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەپكۇرە لاھىيەسى كۆپ تەرەپلىمىلىك مۇزاكىرە ۋە تەنقىد قىلىنىشى، بۇ ئارقىلىق كەم ياكى يېتەرسىز دەپ قارالغان تەرەپلىرى تولۇقلىنىشى، كۆپچىلىك قوبۇل قىلالايدىغان ئورتاق بىر مەپكۇرەنىڭ شەكىللەندۈرۈلىشى كېرەك. مەن ھەر تۈرلۈك تەنقىدىي پىكىر، كۆزقاراش ۋە تەكلىپنى سەمىمىي قوبۇل قىلىدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن.

پايدىلىنىلغان ماتېرىياللار:

ئاقچۇرا، يۇسۇف. تۈركچىلىكنىڭ تارىخى. نەشىرگە تەييارلىغان: ئەرول قىلىچ، ئۆتۈكەن نەشرىياتى، ئىستانبۇل، 2015.

Akçura, Yusuf, Türkçülüğün Tarihi, Hazırlayan: Erol Kılınç, Ötüken Neşriyati, İstanbul, 2015.

ئاقچۇرا، يۇسۇف. ئۈچ خىل سىياسەت تەرزى. ئۆتۈكەن نەشرىياتى، ئىستانبۇل، 2016.

Akçura, Yusuf, Üç Tarz-ı Siyaset, Ötüken Neşriyatı, İstanbul, 2016.

ئارسال ، سادرى ماقسۇدى. مىللەت تۇيغۇسىنىڭ سوتسىيولوگىيىلىك ئاساسلىرى. ئۆتۈكەن نەشرىياتى، ئىستانبۇل، 2018.

Arsal, Sadri Maksudi, Milliyet Duygusunun Sosyolojik Esasları, Ötüken Neşriyatı, İstanbul, 2018.

بۇلۇت، يۈجەل. ئىدېئولوگىيىنىڭ تارىخى. سوتسىيولوگىيە ژورنىلى. 23-سان. 2011-يىل، 183 – 206-بەتلەر.

Bulut, Yücel, İdeolojinin Tarihçesi, Sosyoloji Dergisi, 23. Sayı, 2011, s. 183-206.

گۆكئالپ، زىيا. تۈركچىلىكنىڭ ئاساسلىرى. نەشىرگە تەييالىغۇچى: مەھمەت قاپلان، مىللىي مائارىپ باسمىخانىسى، ئىستانبۇل، 1976.

Gökalp, Ziya, Türkçülüğün Esasları, Hazırlayan: Mehmet Kaplan, Milli Eğitim Basımevi, İstanbul, 1976.

گۆكئالپ، زىيا. چىنارتۈۋى يازمىلىرى. ئۆتۈكەن نەشرىياتى، ئىستانبۇل، 2016.

Gökalp, Ziya, Çınaraltı Yazıları, Ötüken Neşriyatı, İstanbul, 2016

گۆكئالپ، زىيا. تۈركلەشمەك، ئىسلاملاشماق، زامانىۋىلاشماق. ئۆتۈكەن نەشرىياتى، ئىستانبۇل، 2014.

Gökalp, Ziya, Türkleşmek, İslamlaşmak, Muasırlaşmak, Ötüken Neşriyati, İstanbul, 2014.

قافەسئوغلۇ،ئىبراھىم. تۈرك-ئىسلام سېنتېزى، ئۆتۈكەن نەشرىياتى، ئىستانبۇل، 2018.

Kafesoğlu, İbrahim, Türk – İslam Sentezi, Ötüken Neşriyatı, İstanbul, 2018.

ماجىت، نادىم. تۈرك مىللەتچىلىكى، مەدەنىيەت ئەقلى، ئىجتىھات ۋە سىياسەت. بېرىقان نەشرىياتى، ئەنقەرە، 2011.

Macit, Nadim, Türk Milliyetçiliği Kültürel Akıl İçtihat ve Siyaset, Berikan Yayınevi, Ankara, 2011.

نىشانيان، سېۋان. نىشانيان سۆزلىكى. چاغداش تۈركچىنىڭ ئېتىمولوگىيىسي، لىبەر پلۇس نەشرىياتى، ئىستانبۇل، 2018

Nişanyan, Sevan, Nişanyan Sözlük, Çağdaş Türkçenin Etimolojisi, Liber Plus Yayınları, İstanbul, 2018.

ئورال، مۇستاپا. زامانداشلىرىنىڭ زىيا گۆكئالپقە قاراتقان تەنقىدلىرى. چاغداش تۈركىيە تارىخى تەتقىقات ژورنىلى، V/12-سان، 2006، 21- 34-بەتلەر،

Oral, Mustafa, Çağdaşları Tarafından Ziya Gökalp’ın Eleştirisi, ÇTTAD, V/12, (2006), ss. 21-34

سمىت،ئانتوني د.، مىللىي كىملىك. ئىلەتىشىم نەشرىياتى، ئىستانبۇل، 2014

Smith, Anthony D., Milli Kimlik, İletişim Yayınları, İstanbul, 2014.

سىمىت،ئانتوني د. ، مىللەتچىلىك، نەزەرىيە، ئىدېئولوگىيە، تارىخ. ئاتىف نەشرىياتى، ئەنقەرە، 2013.

Smith, Anthony D., Milliyetçilik Kuram, İdeoloji Tarih, Atıf Yayınları, Ankara, 2013.

توقلۇئوغلۇ، جەيلان. زىيا گۆكئالپ ۋە تۈركچىلىك. ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى ئىجتىمائىي پەنلەر پاكۇلتېتى ژورنىلى، 68-توم، 3-سان، 2013، 113 – 139-بەتلەر.

Tokluoğlu, Ceylan, Ziya Gökalp ve Türkçülük, Ankara Üniversitesi SBF Dergisi, Cilt 68, No. 3, 2013, s. 113-139.

تۈركچە سۆزلۈك. تۈرك تىل كومىتېتى نەشرىياتى، ئەنقەرە، 2005.

Türkçe Sözlük, Türk Dil Kurumu Yayınları, Ankara, 2005.

ۋېبېر، ماكس. سوتسىيولوگىيە يازمىلىرى. نەشىرگە تەييارلىغانلار: Hans H. Gerth, C. Wright، تەرجىمە قىلغۇچى: تاخا پارلا، مەتىس نەشرىياتى، ئىستانبۇل، 2019.

Weber, Max, Sosyoloji Yazıları, Hazırlayanlar: Hans H. Gerth, C. Wright Mills, Çeviren: Taha Parla, metis yayınları, İstanbul, 2019.

يالچىن، يىلماز. تۈرك يۇردۇ ژورنىلىدا مەپكۇرە ھەققىدىكى مۇنازىرىلەر (1911-1918). سوتسىيولوگىيە كونفېرانسلىرى، 53-سان (2016-1) / 357-387

Yalçın, Yılmaz, Türk Yurdu Dergisi’nde Mefkûre Üzerine Tartışmalar (1911-1918), Sosyoloji Konferansları No: 53 (2016-1) / 357-387

ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، ئۈرۈمچى، 1999

* بۇ ماقالە 2019-يىلى 7-سىنتەبىردە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى بىلەن ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنىستىتۇتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان «ئۇيغۇر مىللىي مەۋجۇتلۇقى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ كېلەچىكى مۇھاكىمە يىغىنى» دا ئوقۇپ ئۆتۈلگەن بولۇپ، ئىلگىرىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان “مىللىي مەپكۇرە توغرىسىدا” تېمىلىق يازمامنىڭ يېڭىدىن كۆزدىن كەچۈرۈلگەن، تۈزىتىلگەن ۋە تولۇقلانغان نۇسخىسىدۇر.

– ئاپتۇردىن

[1] ھەممىگە مەلۇم بولغاندەك، ئۇيغۇرلار تۈركتۇر. بۇ بىر ئىلمىي ھەقىقەت. بۇنى ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ. “تۈرك” ئۇيغۇر، ئۆزبەك، قازاق، قىرغىز، تاتار، تۈركمەن، ئەزەرى قاتارلىق تۈركچە سۆزلەيدىغان قوۋملارنىڭ ئورتاق نامى ۋە ئۈست كىملىكىدۇر. ئۇيغۇر بىلەن تۈركنى بىربىرىدىن ئايرىش مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا ئەجداتلىرىمىز ئۆزلىرىنى «تۈرك ئۇيغۇر» دەپ ئاتىغان. مەھمىۇت قەشقىرىمۇ ئۇيغۇرلارغا تۈرك دەيدۇ. تارىخىي ۋە مەدەنىيەت خاتىرىلىرىمىز ۋە رېئاللىقىمىز “ئۇيغۇر” ئىسمىنى تاللاپ “تۈرك” ئىسمىنى ئىنكار قىلىشقا ياكى “تۈرك” ئىسمىنى تاللاپ “ئۇيغۇر” ئىسمىنى ئىنكار قىلىشقا رۇخسەت ۋە ئىمكان بەرمەيدۇ.

مىللىي مەپكۇرە توغرىسىدا *

Share
3011 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.