logo

trugen jacn

مىللىي خاسلىق، مىللىي مەنپەئەت، مىللىي ھوقۇق، مىللىي بىرلىك

 

ئىدىرىس مەھدى

    

       مۇئەييەن بىر ئېتنىك توپلۇق ياكى بىر مىللەتنىڭ كىملىكى ياكى مەۋجۇدىيەتلىكىنىڭ مەۋجۇتلىقى ۋە داۋامىلىشىنىڭ ئاساسىي مەزكۈر مىللەتنىڭ مىللىي خاسلىقى (ئىگىدارچىلىقى ياكى تەئەللۇقى ) بولىدۇ. بۇ مىللىي خاسلىق مەزكۈر ئېتنىك توپلۇق ياكى مىللەتنىڭ بىئولوگىيىلىك جىسمى، ماكانى، تىل- يېزىقى،ئىدېئولوگىيىسى، مەدەنىيىتى، مىللىي ئىشلەپچقىرىشى، ئىقتسادى ۋە تەبىئىي بايلىقى قاتارلىق كاتېگورىيەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.  مىللەتنىڭ  بۇ خاسلىقى دەخلى- تاجاۋۇز ۋە مۇقەددەستۇر.

مىللىي مەنپەئەت  مۇئەييەن بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇتلىقىنىڭ ئاساسىي بولغان مىللىي خاسلىقىنىڭ بۇ مىللەتكە كەلتۇرۇدىغان پايدا ۋە قۇلايلىق شەرت- شارائىتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ مەنپەئەت بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇتلىقى، تەرەققىي قىلىشى ۋە گۈللىنىشىنىڭ كاپالىتى.  بىر مىللەتنىڭ مىللەت خاسلىقى  ۋە مەنپەئەتى باشقا بىر مىللەت تەرىپىدىن دەخلىى- تاجاۋۇزغا ئۆچرىغاندا تاجاۋۇزچى مىللەت  مىللەت خاسلىقى  ۋە مەنپەئەتى دەخلى- تاجاۋۇزغا ئۆچرىغۇچى مىللەت تەرىپىدىن قاتتىق قارشىلىققا ئۆچرايدۇ.  بۇ خىلدىكى مەسىلە تىنچلىق يولى بىلەن ھەل قىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلمىسە، ئادەتتە قورال كۈچى بىلەن بىرتەرەپ قىلىنىدۇ.

مىللىي ھۆقۇق مۇئەييەن بىر مىللەتنىڭ مىللەت خاسلىقى ۋە مىللىي مەپەئەتىنىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكىنىڭ قانۇنىي كاپالىتى. بۇ قانۇنلار بىر مىللەتنىڭ  مىللەت خاسلىقى  ۋە مەنپەئەتى ئاساسىدا يارتىلغان تەبىئىي قانۇنلار بولغاچقا ھېچقانداق سۈنئىيلىك ئارىلاشمىغان بولىدۇ.

مىللىي بىرلىك بىر مىللەت ياكى تاشقى تاجاۋۇزچىلىق ياكى سىياسىي بوھران ياكى تەبىئىي ئاپەتلەرگە دۇچ كەلگەندە مىللەتنىڭ بۇ ئەھۋاللارنى يېڭىشى ئۈچۈن، ياكى مىللەتنىڭ مەنپەئەتى ۋە روناق تېپىشى ئۈچۈن، ياكى جاھاندا مىللەتنىڭ مەۋجۇتلىقىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن مىللەت ئىچىدىكى سىياسىي پارتىيە- گورۇھ ۋە ھەر قايسى تەشكىلاتلار بىرلىكتە قۇرغان بىر ۋاقىتلىق سىياسىي بىرلىك سەپ.  بولۇپمۇ بۇ  خىل بىرلىك سەپ بىر مىللەت باشقا بىر مىللەتنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا دۇچ كەلگەندە تاجاۋۇزچىلىقىقا ئۆچرىغۇچى مىللەت ئىچىدىكى ھەر قايسى سىياسىي پارتىيە- گورۇھ، تەشكىلات ۋە جەمئىيەت- ئۇيۇشمىلارنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىش ئاساسىدا ھەم ستىخىيلىك ھەم ئاڭلىق ھەم مەقسەتلىك ھالدا شەكىللىنىشى ئىنتايىن مۇھىم. بۇ  بىرلىك سەپ  مەزكۈر مىللەتنىڭ ھەر قايسى سىنىپ، ھەر قايسى تەبىقە- قاتلام، ھەر قايسى ساھە ۋە دىني زاتلاردىن تەركىپ تاپقان، ھاكىممۇتلەقلىقتىن خالى بىر دېموكراتىك سىياسىي فرونت.  بۇ سىياسىي فرونتتىكى ھەر قايسى سىياسىي كۈچلەر ئۇرتاق نىشان ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي پروگراممىلىرى بۇيىچە كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت سىياسىي مۇستەقىللىقىنى ساقلاپ قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە. بۇ بىرلىك سەپتە پەقەت ئۆزئارا ماسلىشىشتىن باشقا نەرسە مەۋجۇت ئەمەس. مىللەت دۇچ كېلىدىغان تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي ئاپەتلەر بولۇپمۇ مەزكۈر مىللەتنىڭ ئۇرتاق تاشقى دۆشمىنى مەۋجۇت بولمىغاندا بۇنداق بىرلىك سەپنىڭمۇ ئانچە ھاجىتىمۇ قالمايدۇ.  لېكىن مىللەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن بۇنداق بىرلىك سەپنىڭ بولۇشى مىللەت ئۈچۈن پايدىلىق.

2020- يىلى 3- ئاپرېل

Share
4100 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.