logo

trugen jacn

مىللىي ئازادلىق يولىدا ئويلىنىش -3

mehmet-emin-.-1

 

مەمەت ئەمىن ھەزرەت

 

تۈرك تىلىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان؛ ئەندەر قاراخانلى

 

 خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرگە دىققەت قىلىش -3

 

 

 

ئۆزىنى ئىدارە قىلىش ھەققىدىن مەھرۇم قالغان مىللەتلەر، خەلقئارا شاھمات تاختىسىدا پىچكا بولۇشتىن خالىي بولالمايدۇ. ئاۋام ئىچىدىكى مىللى، ئىددىئولوگىيىلىك، مەزھەپ ۋە رايون خاراكتېرلىق بۆلىنىشلەر، ياتلار ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئەھۋالدۇر. ئەگەر بىز بارلىق چوڭ – كىچىك ئوخشاشماسلىقلارنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، پەقەت مىللىي مەنپەئەت ئەتراپىدا ئۇيۇشالىساق، بىزنى بۆلمەكچى بولغانلارنىڭ ھەۋىسى قوسقىدا قالىدۇ. بۇ سەۋەپتىن پەرقىلىق ئەللەرنىڭ ئۆز مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك پىلانلىرى ئۈچۈن، ھەر تۈرلىك ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي ياردىمىنى كوزۇر قىلىپ، ئىتتىپاقلىقىمىزنى بۇزۇشىغا قەتئى يول قويماسلىقىمىز كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ھازىردىن باشلاپ تەييارلىق قىلىشىمىز ۋە ئۇلارنىڭ بۇ ئويۇنلىرىغا قارشى پىلان تۈزۈشىمىز، تەدبىر ئېلىشمىز لازىم

شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ، تاجاۋۇزچى خىتايغا قارشى مۇستەقىللىق كۆرىشىدە ۋەزىيەتنى ئۆزىگە پايدىلىق ھالغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، خىتاينى چەكلەپ تۇرغان باشقا كۈچلەرنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. خىتاي قانۇن ۋە ئادالەت كار قىلمايدىغان دۆلەت بولۇپ، ئۇنىڭغا پەقەت كۈچ تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ. خىتاي تارىخى بۇ قارىشىمىزنى ئىسپاتلايدۇ

خىتاي كېلەچەكتىكى 3 – دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتنىشىشتىن بۇرۇن، بىزنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتىشىمىز بىزگە ئېغىر زىيان كەلتۈرىدۇ. ئاسيا – تىنچ ئوكيان رايۇنىدىكى ئەللەرنىڭ مەيدانى كۈنسىرى روشەنلىشىۋاتىدۇ. ئۇرۇش ئۇپۇقتا كۆز قىسىۋاتىدۇ. لېكىن ھازىر ئوتتۇرىدا بىر ئۇرۇش يوق. يۇقىرى كۆتۈرۈلىۋاتقان كۈچ، مەۋجۇت ئەھۋالنى ساقلاپ قېلىش ۋە تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈش ئۈچۈن دائىم ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىشىقا مەجبۇر. كۈچىيىۋاتقان خىتاي، ئۆزىنىڭ كۈچىنى تىنچ ئوكيان رايۇندا غالجىرلاشقان ھالدا نامايەن قىلماقتا. ھاكىم ئورۇنغا ئۆتكەن كۈچ ئۆزىنىڭ نوپۇزىنى يوقۇتۇپ قويۇشنى خالىمايدۇ. نوپۇز دائىرىسىگە باشقا بىر كۈچ كىرگەندە ۋە ئىغۋاگەرچىلىك قىلىشقا باشلىغاندا دەرھال ئىنكاس قايتۇرىدۇ. ئا ق ش، تىنچ ئوكيان ۋە جەنۇبى ئاسيادا خىتاي تەھدىدى ئاستىدا قالغان بارلىق دۆلەتلەر بىلەن ھەربىي ئىتتىپاق ئاساسىدا جەم بولدى. بۇنىڭدىن ئەسەبىيلەشكەن خىتاي، جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى خەلقئارا دېڭىزغا جايلاشقان مارجان تاقىم ئاراللىرىدا سۈنئى ئاراللار پەيدا قىلىش ئارقىلىق، ئۇ جايلارنى ئۆزىنىڭ تەۋەلىكى دەپ جاكارلىدى. خىتاي فېلىپىن، ۋېتنام، مالايسىيا، بىرۇنى … قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئونلىغان بېلىقچى كېمىلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ چۆكتۈرىۋەتتى. بۇ دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرگەن ھەر قانداق دېڭىز قاتناش ۋاستىسىنى چېگراغا بېسىپ كىرگەن دەپ قارايدىغانلىقى ۋە زۆرۈر بولغان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئىشقا سالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ئا ق ش دېڭىز ئارمىيىسىگە تەۋە ئاۋىياماتكا تىرودور روزۋېلىت بۇ دېڭىز تەۋەلىكىگە كىردى. قېنىغا پاتماي قالغان بېيجىڭ بۇ ۋەقەگە قارىتا بۇرۇنقى ئادىتى بويىنچە سۇغا چۈشۈپ كەتكەن مۈشۈككە ئايلىنىپ زۇۋانى تۇتۇلۇپ قالدى. ياپۇنىيە ئاۋىياماتكا  قوشۇمچە قىلىپ ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى ئەۋەتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئا ق ش ئاۋىياماتكىسى خىتاي ئۆزىنىڭ تەۋەلىكى دەپ جار سالغان دېڭىز تەۋەلىكىدە ئۈزىۋاتقاندا، ئا ق ش دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاشتون كارتېر بىر ھەپتە ئىلگىرى ئۆزىنىڭ زىيارەت پىلانىنى ئېلان قىلىپ، 2015 – يىلى 5 – نويابىردا ئاۋىياماتكا ئۇ.س.س   نى زىيارەت قىلدى. بۇ زىيارەتتە مالايسىيا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھىسامۇددىن ھۈسەيىن كارتېرغا ھەمراھ بولدى. يىللاردىن بېرى جەنۇبىي خىتاي دېڭىزدا ھەيۋە قىلىپ يۈرگەن خىتاي، بۇ قېتىم تازا ئوبدان ئەدەبلەنگەندىن كېيىن سۇغا تاشلىۋېتىلگەن مۈشۈككە ئايلىنىپ قالدى، ئۈنى چىقمىدى. شەرقىي تۈركىستان بىگۇناھ ئۇيغۇرلارغا غالجىرلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ ئەزگەن تاجاۋۇزچى خىتاي، ئۆزىدىن ياماننى كۆرگەندە قۇيرۇقىنى قىسىپ ئۇۋىسىغا تىكىۋەتتى ۋە بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھەقىقەتەن « قەغەز يولۋاس » ئىكەنلىكىنى خەلقى ئالەمگە يەنە بىر قېتىم كۆرسەتتى

خىتاي تارىختا ھېچقاچان دېڭىز ھالقىپ باشقا جايلاردىن ئۆزىگە زېمىن قېتىۋېلىش ئۈچۈن، دېڭىز – ئوكيان سەپەرلىرىگە چىققۇدەك كۈچكە ۋە جۈرئەتكە ئىگە بولۇپ باقمىغان. خىتاي تېرىتورىيىسىنى بۈگۈنكى ھالغا يەتكۈزگەنلەر خەن مىللىتى ئەمەس، ئەكسىچە موڭغۇل ۋە مانجۇلار. خىتاي تارىختىن بۇيان ئەتراپىدا ياشىغان ئاز سانلىق ۋە ئاجىز مىللەتلەرگە زۇلۇم قىلغان، يىراقتىن كېلىپ خىتاي تۇپرىقىنى ئىشغال قىلغان كۈچلەرگە ئاسانلا تەسلىم بولغان ۋە ئىزچىل خار بولۇپ كەلگەن بىر دۆلەتتۇر. بېيجىڭنىڭ بۇ خاراكتېرى ھازىرمۇ ئۆزگەرمىدى. 2015 – يىلى 5 – نويابىردا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى، ۋېتنامنى زىيارەت قىلدى. ئۇنىڭ بۇ زىيارىتى جەريانىدا، ياپۇنىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خانويدا ۋېتنام بىلەن بىر قاتار ھەربىي كېلىشىم ئىمزالىدى. ۋېتنام ھۆكۈمىتى ۋېتنام پورتلىرىنى ياپۇن ئۇرۇش پاراخوتلىرىغا قەرەلسىز ئېچىۋېتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. خىتاي كوممۇنىسىت پارتىيسى باشقۇرۇشىدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلار، شى رەئىسنىڭ بۇنچە كۆزگە ئېلىنماسلىقىغا قارىتا ئۆزىنى تۇتىۋالالماي چالۋاقىغان ۋە نارازلىق بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ۋېتنام ھۆكۈمىتى پەرۋا قىلمىدى. ئاسيا – تىنچ ئوكيان رايۇنىدا ۋەزىيەتنىڭ كۈندىن كۈنگە ئۇرۇشقا قاراپ مېڭىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. ھەر قايسى دۆلەتلەر ئەندىشە ئىچىدە بولۇپ، كېلەچەكنى تەخمىن قىلىش قېيىن. شۇڭا ناھايىتى دىققەت بىلەن ۋەزىيەتنى كۈزىتىش كېرەك

 

دۇنيانى چىرىتىشكە باشلىغان « خىتاي مىكروبى »غا دىققەت

 

خىتاينىڭ « سۈنزى ھەربىي ئىشلار دەستۇرى » دەپ ئاتالغان بىر ھەربىي ئىشلار نەزىرىيىسى بار. بۇ ھەربىي ئىشلار نەزىرىيىسىنىڭ يېزىلىش تارىخى مىلادىدىن بۇرۇنقى يىللارغا توغرا كېلىدۇ. بۇ ئۇرۇش دەستۇرىنى بىر جۈملە سۆزگە ئىخچاملىساق، « دۈشمەننى ئىچىدىن پارچىلاش ۋە بۇ ئارقىلىق دۈشمەن قەلئەسىنى ئۇرۇش قىلماستىن ئىچىدىن ئېلىش »تۇر. خىتاي بۈگۈن ئۆزىگە رەقىپ دەپ قارىغان غەرپ ئىتتىپاقىنى پارچىلاش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ قولىدا تاشقى پېرۋوت ( نەخ پۇل )تىن باشقا يۇمشاق كۈچ يوق. خىتاينىڭ ئىلكىدىكى بۇ زور مىقداردىكى پۇل، بۈگۈن مىكروپقا ئايلىنىپ خىتاينىڭ ھاكىمىيەت سىستېمىسىنى چىرىتىپ تاشلىدى. بۇ مىكروپ ئەمدى خىتايدىن تاشقى دۇنياغا يۈزلەندى. خىتاي ئافرىقا مۇستەبىتلىرىگە كۆپلەپ پارا بېرىپ، ئافرىقىنىڭ خېلى كۆپ قىسمىنى نوپۇزى ئاستىغا كىرگۈزدى. ئوتتۇرا ئاسيادا بولسا بۇ كۈچى ئارقىلىق تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ دېموكراتىكلىشىشى ۋە ئىنسانى قەدىر – قىممەتنىڭ كۈچىيىشىنى تورمۇزلاپ تۇرماقتا.

بېيجىڭدىكى خىتاي كوممۇنىست پارتىيسى مۇستەبىتلىرى، كۈنىمىزدە خىتاي مىكروبىنى ھۆر ۋە دېموكراتىك لاگىرغا مەنسۇپ غەرب ئەللىرىگە يۇقتۇرىۋاتىدۇ. خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىنقى بىر ئاي ئىچىدە ئېلىپ بارغان چەتئەل زىيارەتلىرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان ۋەقەلەر، خىتاينىڭ بۇ يوشۇرۇن ھەرىكىتىنى ئەكس ئەتتۈرمەكتە. شى، ئامېرىكا زىيارىتىنى 2015 – يىلى 13 – سېنتەبىردە سىياتىل شەھرىدىن باشلىدى. بۇ شەھەردە 300 ئايروپىلان سېتىۋېلىش ھەققىدە بوئىن شىركىتى بىلەن 38 مىليارد دوللارلىق توختام تۈزۈپ، ئايروپىلان زاكاس قىلدى. ئا ق ش تاراتقۇلىرىغا بەرگەن باياناتىدا، بۇ دۆلەتنىڭ 44 شىتاتىدا تىجارى پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان 1600 خىتاي شىركىتىدە 80 مىڭ ئا ق ش گاراژدانىنىڭ خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى. شى بۇ ئارقىلىق ۋاشىنگىتۇنغا ماڭا ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا مەجبۇرسەن دەپ پۇرىتىپ ئۆتتى. ئەسلىدە خىتاي شاڭخەيدە ئۆزى ياساپ چىققان ۋە بوئىن تىپلىق ئايروپىلانغا ھەر تەرەپتىن ئوخشايدىغان C919 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانىنى خەلقئارا بازاردا سېتىشقا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ. ئۆزى ياساپ چىققان ئايروپىلان بار تۇرۇپ، بوئىندىن بۇنچە كۆپ ئايروپىلان ئېلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق ئىكەنلىكىنى خىتاي ئاكادېمىكلار ۋە ئىقتىسادچىلارمۇ تىلغا ئېلىۋاتىدۇ. بۇ 38 مىليارد دوللار ئەسلىدە ئا ق ش ئايروپىلان شىركەتلىرىنى خىتاينىڭ ئاغزىغا قاراتقان پارىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇ ۋاشىنگىتوننى زەھەرلەش ئۈچۈن يۇقتۇرۇلغان خىتاي مىكروبىدۇر. خىتاي مۇستەبىتى شى جىنپىڭ نىيوروكتا ب د ت نىڭ يىللىق ئومومىي يىغىنىدا سۆز قىلىۋاتقاندا، خىتاي دىپلومات ۋە مىنىستىرلىرى ئوكيانلاردىكى ئارال دۆلەتلىرىنى خىتايغا بېقىندۇرۇش ئۈچۈن 4 كۈندە جەمئى 18.21 مىليارد دوللار پارا بەردى

خىتاي مۇستەبىتى شى بېيجىڭغا قايتار – قايتماس، ئۇنىڭ دەۋىتىگە ئىجاۋەت قىلىپ 92 ياشلىق سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھېنرى كىسسىڭگىر بىرمۇنچە كاپىتالىستلارنى ئەگەشتۈرۈپ بېيجىڭغا يېتىپ كەلدى. بۇ قاقۋاش سىياسەتچى كىسسىڭگىر شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇنى ماختاپ ھالى قالمىدى. 1971 – يىلىدىن تارتىپ خىتايغا 73 قېتىم كەلگەن بۇ شەخس، خىتايغا مەبلەغ سالغان ئامېرىكىلىق كاپىتالىستلارنىڭ باش مەسلىھەتچىسى بولۇپلا قالماستىن، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئامېرىكىدا كېچە – كۈندۈز خىزمەت قىلىۋاتقان خىتايپەرەستلەرنىڭ يېتەكچىسىدۇر. ئۇ ھەر قېتىم خىتايغا كەلگەندە خىتاي مۇستەبىتلىرىنى يۈزى قىزارماستىن ماختىغان. كىسسىڭگىر 2011 – يىلى خىتايغا 70 – قېتىم كەلگەندە، ئۇ ۋاقىتلاردا خىتايدا مەشھۇر بولغان ۋە خىتاي كوممۇنىست پارتىيسى باش سېكرىتارى بولىدۇ دەپ قارالغان ماۋ پەرەست بو شىلەينى زىيارەت قىلغان ۋە ئۇ باشقۇرىۋاتقان چۇڭچىڭ شەھرىگە بارغان. بو شىلەي ئۇنى « ئىنقىلاۋى ناخشا »لار ئېيتقان 100 مىڭ كىشىلىك مۇراسىم بىلەن كۈتىۋالغان. ئىككى يۈزلىمىچى كىسسىڭگىر بۇ مۇراسىمدا بو شىلەينى ئاغزى – ئاغزىغا تەگمەي ماختىغانىدى. بۇ ۋاقىتلاردا بو شىلەينىڭ مۈلكىگە ئايلىنىپ قالغان چۇڭچىڭ شەھرىدە 500 ئامېرىكا شىركىتى بار ئىدى. بۇ شەھەردە يىلدا 100 مىليۇن كومپىيۇتېر ئىشلەپچىقىرىدىغان شىركەتلەر، قولغا ئايلانغان خىتاي ئىشچىلارنى ئىشلىتىدىغان ئامېرىكا شىركەتلىرىدۇر. شى جىنپىڭنىڭ رەقىبىگە ئايلانغان بو شىلەي ھازىر تۈرمىدە. تۈنۈگۈن بونى ماختاپ كۆككە چىقارغان، ھاسا بىلەن ئاران ئۆرە تۇرىدىغان 92 ياشلىق بۇ زات، بۈگۈن خىتاي مۇستەبىتى شى جىنپىڭنى ماختىماقتا. كىسسىڭگىر 1973 – يىلى نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى ئالغان بولۇپ، ئۇ 70 – قېتىم ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن خىتاينى زىيارەت قىلغان ۋاقىتلاردا، نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن لىيۇ شاۋبو خىتاي تۈرمىسىدە ئىدى. ئامېرىكىنىڭ نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى ئالغان مەزكۇر سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، خىتاي زىيارەتلىرىدە خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان لىيۇ شاۋبو ياكى باشقا كىشىلىك ھوقوق مەھكۇملىرى ۋەياكى كىشىلىك ھوقوق دەپسەندىچىلىكلىرى ھەققىدە بىر ئېغىزمۇ سۆز قىلمىغان

كۈنىمىزدە ئامېرىكا شىركەتلىرى خىتايدىن ئامېرىكىغا يۆتكەۋاتقان يىللىق پايدا 250 – 300 مىليارد دوللار ئەتراپىدا. كوممۇنىست خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ غەرپ پۇل – مۇئامىلە شىركەتلىرىنىڭ ياردىمى ئارقىلىق يېقىنقى ئۈچ ئايدا چەتئەلگە 500 مىليارد دوللار قارا پۇلنى يۆتكىگەنلىكى ئېلان قىلىندى ( فوربىس ئىقتىساد ژورنىلى 2015 – يىلى 2 – نويابىر ). يېقىنقى يەتتە ئايدا قارا پۇل يۆتكەش جەريانىدا خىتاي بىخەتەرلىك ئورگانلىرى تەرىپىدىن بىتچىت قىلىنغان 92 گۇرۇھتىن مۇسادىرە قىلىنغان پۇلنىڭ مىقدارى 800 مىليارد دوللار ( شىنخۇا ئاگىنىتلىقى 2015 – يىلى 5 – نويابىر ). مەشھۇر ئىقتىسادچى جورجى سورس بۇ يىل 5 – ئايدا « خىتاي پۇلى خەلقئارا پۇل قاتارىغا كىرگۈزۈلمىسە ئاتۇم ئۇرۇشى چىقىدۇ » دەپ جار سېلىۋاتىدۇ (2015 – يىلى 30 – نويابىر خىتاي پۇلى خەلقئارا پۇل قاتارىغا كىرگۈزۈلدى ) ۋە داڭلىق سىياسەتچى ۋە سىياسەت نەزىرىيىچىسى ئامېرىكىلىق زبىگنىۋ برزىنىسكى « ئا ق ش دېڭىز ئارمىيە فىلوسى جەنۇبى خىتاي دېڭىزى تەۋەلىكىگە كىرمەسلىكى كېرەك » دەۋاتىدۇ. خىتاي مىكروبى، ئامېرىكىلىق كاپىتالىستلارنى خىتاي كوممۇنىست پارتىيسىنىڭ چىرىكلەشكەن تۈزۈمىنى قوغدايدىغان بىر قالقان، ئامېرىكا دېموكىراتىيسى ۋە كىشىلىك قىممەت قاراشلارنى چىرىتىدىغان پارازىتقا ئايلاندۇرۇپ قويىۋاتىدۇ

خىتاي تارىختا ئۇرۇش ئارقىلىق يېڭەلمىگەن ھون ۋە تۈرك دۆلەتلىرىنى، خوتۇن – قىزلىرى ۋە ئالتۇن – كۆمۈش، يىپەكلىرىنى بىر قورال سۈپتىدە ئىشلىتىپ، ئالدى بىلەن پارچىلىغان، ئاندىن ئۆزلىكىدىن تارقىلىپ كېتىشىگە ۋەسىلە بولغانىدى. خىتايلارنىڭ دىنى يوق. خىتايلارنىڭ دىنى تارىخىدۇر. بۈگۈنكى مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تارىخقا مۇراجەت قىلىدۇ. بېيجىڭ تارىختا ھونلارغا، تۈركلەرگە ۋە مۇڭغۇللارغا ئىشلەتكەن، ھەمدە غەلىبە قازانغان مېتودىنى بۈگۈن غەرپ ئەللىرىگە ئىشلىتىش ئۈچۈن، « دېموكىراتىيە قورالى بىلەن دېموكىراتىينى ئۆلتۈرۈش » سىتىراتېگىيسىنى ئىشقا سېلىۋاتىدۇ.

كاپىتالىستىك ئەللەرنى مەۋجۇت قىلىپ تۇرىۋاتقان ۋە يوق قىلىۋاتقان ئامىل پۇلدۇر. كاپىتالىزىم دۇنياسىدا پۇلنىڭ ئالدىدا بويۇن ئەگمەيدىغان بىرەر دۆلەت يوق. خىتاي كاپىتالىستىك تۈزۈمنىڭ بۇ ئاجىزلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. خىتاي غەرپ ئەللىرىنى ئىلكىدىكى غايەت زور ئىقتىسادى تورلار بىلەن تىزگىنلەپ تۇرىۋاتقان پۇلدارلارنى پۇلغا غەرق قىلىپ، ئۇلارنى ئۆزى تەرەپكە تارتىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازاندىم دەپ قارىماقتا

خىتاي مىكروبى ياۋروپاغا ناھايىتى تىزلىكتە تارقالماقتا. ئامېرىكا زىيارىتىدە مەقسىدىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان خىتاي دۆلەت رەئىسى شى، 2015 – يىلى ئۆكتەبىر ئېينىڭ ئوتتۇرىسىدا ئەنگىلىيەنى زىيارەت قىلدى ۋە بۇ دۆلەت بىلەن 159 تىجارى كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، 25 مىليارد فونىستىرلىڭ ( 38.3 مىليارد دوللار ) قىممىتىدە مەبلەغ سالىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەردى. بۇ يىل ئەنگىلىيەنىڭ رەسىمى ھالدا پارلامىنتلىق تۈزۈمگە ئۆتكەنلىكىگە 800 يىل بولدى. لوندوندا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ شەرىپىگە بېرىلگەن زىياپەتتە، شى خىتاينىڭ 4 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە قانۇن دۆلىتى ۋە خىتايلارنىڭ قانۇن تۈزۈمىنىڭ تېخىمۇ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى

ئىنگىلىزلار ھەيرانلىق ئىلكىدە شەرق تۈلكىسى مۇستەبىت شىنى ئالقىشلىدى ۋە « خىتاي بىلەن دۇنيا مىقياسىدا سىتراتېگىيلىك ئورتاق » بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى ئىپادىلەشتى. شى جىنپىڭ لوندىن قايتىپ كېلىپ بىر ھەپتىدىن كېيىن گىرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگىلا مەركەل بېيجىڭغا كەلدى. بۇ ئۇنىڭ باش مىنىستىر بولغاندىن بۇيان 8 – قېتىم خىتايغا كېلىشىدۇر. مەركەل خىتاي بىلەن 13 كېلىشىم ھاسىل قىلدى. خىتاي ئەيربۇس شىركىتىدىن 130 ئايروپىلان سېتىۋالدى. ئۇنىڭدىن باشقا نەرسىلەرنى قوشۇپ ھېسابلىغاندا خىتاي گىرمانىيە بىلەن 17 مىليارد ياۋرو قىممىتىدە تىجارى كېلىشىم تۈزدى. مەركەل بېرلىنغا قايتىپ ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كېيىن فىرانسىيە جۇمھۇر رەئىسى فرانچوس ھوللەند بېيجىڭغا يېتىپ كەلدى

روسسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسيادىكى تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئۆزىگە مۇھتاج ئىكەنلىكىدىن پايدىلىنىپ، بۇ دۆلەتلەرنى ئۆزىگە بېقىندى قىلغانلىقىغا ئىشەنگەن خىتاي ھاكىمىيىتى، « سۈنزى ھەربىي ئىشلار دەستۇرى » تەلىماتى بويىنچە دۈشمەننى ئىچىدىن پارچىلاش ۋە بۇ ئارقىلىق قەلئەنى ئېلىش ئۈچۈن، قولىدىكى مىكروبقا ئايلانغان پۇلنى پارا سۈپىتىدە ئىشلىتىپ غەرپنىڭ ئەڭ ئاجىز تەرىپىدىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلانماقتا. خىتاي ئىشغالىيىتىدىكى شەرقىي تۈركىستاندا ئېرى تۈرمىدە يېتىۋاتقان يۈز مىڭدىن ئارتۇق تۇل ئايال ۋە 200 مىڭدىن ئارتۇق يېتىم يوقسۇللۇق ئىچىدە ياشاۋاتىدۇ، كوچا – كويلاردا يەيدىغان نەرسە ئىزدەۋاتىدۇ. خىتاي بۇ زېمىندىن تالان قىلغان نېفىت، تەبىئى گاز ۋە باشقا بايلىقلاردىن قولغا كەلگەن پۇلنى ياۋروپا ۋە ئامېرىكىغا ئۈستەك بەرگەندە يۈزى نۇمۇستىن قىزىرىپ باقمىدى

خىتاي مەدەنىي غەرپ دۇنياسىنى پارچىلىيالامدۇ؟ ياۋروپانى ئامېرىكا ۋە ياپۇنىيە مەركەزلىك ئىتتىپاقتىن ئايرىپ چىقالامدۇ؟ ئامېرىكا رەقىپ سۈپىتىدە ئاجىزلىشىۋاتقان، لېكىن دېموكىراتىيە يولىدا ئىلگىرىلەۋاتقان روسسىيەنى تاللامدۇ ياكى قاتتىق كوممۇنىست تۈزۈمنىڭ ئىلكىدىكى ئەۋزەللىكتىن پايدىلىنىپ يۇقىرى كۆتۈرۈلىۋاتقان خىتاينى تاللامدۇ؟ ھەل قىلغۇچ مەسىلە مانا بۇ نوقتىدا

كىمنىڭ قولى كىمنىڭ يانچۇقىدا ئىكەنلىكى ئېنىق بولمىغان سىياسىي ۋەزىيەتتە، ئۇيغۇرلار دىققىتىنى يىغىپ ئەتراپلىق ئويلىنىشى كېرەك. ئويلىغاندا كىمنىڭ پىچكىسى بولاي دېگەننى ئەمەس، مېنىڭ مەنپەئەتىم نېمە بولىدۇ؟ قەيەردە تۇرۇشۇم كېرەك؟ ئازادلىق چارىسى نېمە؟ دېگەن مەسلىلەر ئۈستىدە ئويلىنىشى كېرەك. خەلقئارا شاھمات تاختىسىدىكى ئويۇننىڭ تەرەققىياتىنى ياخشى كۆزىتىشى ۋە سەزگۈرلۈك بىلەن ئىش قىلىشى كېرەك

شۇنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەككى، تارىخ ھامان بىر كۈنى بىزگە يەنە بىر پۇرسەت بېرىدۇ. بۇ پۇرسەت بىزگە يېقىنلىشىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ پۇرسەت مىللەت سۈپتىدە مەۋجۇد بولۇش ياكى يوق بولۇشىمىزنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم ئامىلدۇر. لېكىن بىز ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ ئۆزىمىزنى قۇتقۇزىدىغان ئۇ پۇرسەتنى ئاللىقاچان قولدىن بېرىپ قويدۇق ۋە مىللەت ھالىتىدە ئەسىر ۋەزىيەتتە تۇرىۋاتىمىز

ئۇنداقتا بىزنىڭ ئازادلىق سىتىراتېگىيىمىز قانداق بولىشى كېرەك؟

بۇ ھەقتە تۆتىنچى بۆلۈمدە توختىلىپ ئۆتىمەن.

پايدىلانغان مەنبەلەر

 

 

  • 中国宣布购买300架波音飞机
  • 习近平同美国总统奥巴马会晤
  • 习近平的联合国时间:三天两夜16场活动
  • 地下钱庄黑幕:7个月转移8000亿银行内鬼频出
  • 章家敦:一季度跑5000亿美元,中国失去的不只资本
  • 习近平访英 英军方插手维护核电安全
  • 默克尔今天第八次访问中国 或将涉十三五议题
  • 法国总统奥朗德访问中国

MİLLİ KURTULUŞ YOLUNDA DÜŞÜNCELER -3.BÖLÜM

http://www.uyghurnet.org/milli-kurtulus-yolunda-dusunculer-3/

 

Share
2213 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.