logo

trugen jacn

مىللىيلار بىلەن خەنزۇلار تويلاشقان ئائىلىلەرنى مۇكاپاتلاش چارىسى – قانداق ئارقا كۆرىنىشتە سەھنىگە چىقتى؟

image

 قۇتلان

2014-u0910-pmq.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەڭ چەت ناھىيەلەرنىڭ بىرى بولغان چەرچەندە سەھنىگە چىقىرىلغان ئالاھىدە سىناق خاراكتېرلىك بىر ھۆكۈمەت ھۆججىتى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىماقتا

«مىللىيلار بىلەن خەنزۇلار تويلاشقان ئائىلىلەرنى مۇكاپاتلاش چارىسى» دەپ نام بېرىلگەن بۇ ھۆججەت چەرچەن ناھىيەلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت نامىدىن ئېلان قىلىنغان

ئۇيغۇر ئېلىدا سىياسىي ئاتموسفېرا پەۋقۇلئاددە جىددىيلەشكەن، مىللەتلەر ئارا مۇناسىۋەت ۋە دىنىي جەھەتتىكى كەيپىيات ئەڭ سەزگۈر ھالەتكە ئۆتكەن بىر پەيتتە ئوتتۇرىغا چىققان مەزكۇر ھۆججەت كۆزەتكۈچىلەر ئارىسىدا يېڭىدىن – يېڭى سوئاللارنى پەيدا قىلماقتا

خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇر ئېلىدا ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن 65 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ھۆكۈمەت ھۆججىتى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان بۇ سىناق خاراكتېرلىك «چارە» قانداق شارائىتتا ئوچۇقچىلىققا چىقىۋاتىدۇ؟ ئۇنىڭ سىياسىي ۋە ئىستراتېگىيەلىك نىشانى نېمە؟ مەزكۇر ھۆججەتنىڭ قەپەزدىن چىقىشىدا قانداق ئارقا كۆرىنىش مەۋجۇت؟

مەلۇمكى، مىلىتارىست ياڭ زېڭشىن ئۇيغۇر ئېلىنى باشقۇرغان 17 يىل جەريانىدا خىتايلارنىڭ يەرلىك ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمانلار بىلەن تويلىشىشىنى چەكلىگەن. سىياسىي سېھرىگەر ياڭ زېڭشىننىڭ بۇ خىل چەكلىمىنى يولغا قويۇشى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئۇزاق مەزگىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسىدىن ۋە رايوندىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ پەۋقۇلئاددە سەزگۈرلىكىدىن بولغان

«شوپۇل ۋەقەسى» 1931 – يىلىدىكى قومۇل ئىنقىلابىنىڭ قوزغىلىشىغا پىلتە بولغان. ئەينى ۋاقىتتا مىلىتارىست جىن شۇرېن تەرىپىدىن قومۇل ناھىيەسىنىڭ تاشبېلىق يېزىسىدىكى ھەربىي گازارمىغا ئەۋەتىلگەن خىتاي ئوفىتسېر شوپۇل كەنتىدىكى بىر ئۇيغۇر قىزىنى مەجبۇرىي خوتۇنلۇققا ئالماقچى بولغان. بۇنىڭ بىلەن شوپۇل خەلقى قوزغىلىپ 1931 – يىلىدىكى قومۇل ئىنقىلابىغا ئوت ياققان. ئۇزاق ئۆتمەي بۇ ئىنقىلابنىڭ ئوتى پۈتكۈل ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىغا تۇتۇشۇپ، 1933 – يىلى قەشقەردە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن

1944 – يىلى ئىلىدىن باشلانغان ئىككىنچى قېتىملىق مىللىي ئىنقىلاب 20 – ئەسىر ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئىككىنچى جۇمھۇرىيەتنى، يەنى شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن. كېيىنچە ئىنقىلاب سۈلھىگە مەجبۇرلانغاندىن كېيىن 1946 – يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا ئىككى تەرەپ ئارىسىدا «11 ماددىلىق بىتىم» غا ئىمزا قويغان. «11 بىتىم» نىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋەتلىرىگە دائىر كونكرېت ماددىسىدا خىتايلارنىڭ يەرلىك مۇسۇلمان خەلقى بىلەن تويلىشىشى قەتئىي چەكلەنگەن

1949 – يىلى خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇر ئېلىنى كونترول قىلغاندىن كېيىن، رايوندىكى مىللەتلەر ۋە دىنىي مەسىلىنىڭ ئىنتايىن سەزگۈر مەسىلە ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مۇسۇلمانلار بىلەن تويلىشىشىنى چەكلىگەن. 1957 – يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مىللەتلەر ئارا تويلىشىش ھەققىدە چىقارغان قارارىدا «خەنزۇ ئەر كادىرلارنىڭ يەرلىك ھەر مىللەتتىن بولغان قىزلار بىلەن تويلىشىشى چەكلىنىدۇ» دەپ بېكىتىلگەن

1983 – يىلىغا كەلگەندە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەر بىلەن تويلىشىش مەسىلىسىگە يەنىلا ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلغان. يەنى بۇ ھەقتىكى ھۆججەتلەردە مۇنداق دېيىلگەن: «ئۇيغۇرلار بىلەن خەنزۇلارنىڭ ئۆز – ئارا تويلىشىش مەسىلىسىگە نۆۋەتتە گەرچە قانۇنىي جەھەتتىن يول قويۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئەمەلىي ئىجرا قىلىشتا ئېھتىياتچان بولۇش كېرەك

بۇ يىل 6 – ئايدا «جۇڭگو ئاخبارات ھەپتىلىكى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن خەنزۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەكشۈرۈشتىن دوكلات: مىللەتلەر ئارا تويلىشىش ئەھۋالى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانماقتا» ناملىق ماقالىدە بۇ ھەقتىكى بىر قىسىم ئەھۋاللار ئاشكارا قىلىنغان. ئۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە، تاكى 1986 – يىلىغا قەدەر دائىرىلەر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ياكى باشقا مىللەتلەرنىڭ ئۆز – ئارا نىكاھلىنىش ئىشىغا ئېھتىياتچان پوزىتسىيە تۇتقانلىقى مەلۇم. يەنى ھەر دەرىجىلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىلىرىنىڭ مىللەتلەر ئارا نىكاھلانغۇچىلار توي خېتىگە ئېلتىماس قىلغاندا ئۇلارنىڭ توي خېتى رەسمىيىتىنى بېجىرىشىنى كەينىگە سوزۇش، توي خېتىگە ئېلتىماس قىلغۇچى قىز – يىگىتنى ئەستايىدىل ئويلىنىشقا تەۋسىيە قىلىشتەك ئۇسۇللارنى قوللانغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ

ۋاھالەنكى، ئارىدىن 30 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ، ئىلگىرىكى ئېھتىيات تەدبىرلىرىنى بىراقلا چۆرۈپ تاشلاپ، ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىپ يوقىتىدىغان چارە – تەدبىرلەرنى بازارغا سېلىشى خەلقئارادىكى كۆزەتكۈچىلەرنى ئويلاندۇرماقتا. بولۇپمۇ، چەرچەن ناھىيەسىنى نۇقتا قىلىپ چىقىرىلغان ھۆكۈمەت ھۆججىتىدە خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئۆز – ئارا تويلاشقان ئائىلىلەرگە ۋە ئۇلاردىن تۇغۇلغان شالغۇت بالىلارغا سىياسىي، ئىقتىسادىي، مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ھەمدە داۋالىنىش جەھەتتە ئالاھىدە ئىمتىياز بېرىلىدىغانلىقى ھەممىنى ھەيران قالدۇرماقتا

تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر بىلىم ئادەملىرىدىن دوكتور ئالىمجان بوغدا بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ھازىرقى شارائىتتا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلار بىلەنلا ئەمەس، ھەتتا تۇڭگانلار بىلەن تويلىشىشىنىڭمۇ مەيلى دىنىي ياكى مىللىي نۇقتىئىينەزەردىن بولسۇن قەتئىي قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ھادىسە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ

خىتايدىكى مىللەتلەر مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىدىغان ئاۋسترالىيەلىك مۇتەخەسسىس جېيمېس لېيبولدنىڭ ئەڭ يېقىنقى تەتقىقاتىغا قارىغاندا، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا مىللەتلەر بىلەن تويلىشىش نىسبىتى خىتايدىكى مىللەتلەر ئىچىدە ئەڭ ئارقىدا بولۇپ، ئاران 1 % گە يېتىدىكەن. ھالبۇكى، تىبەت ئاپتونوم رايونى نوپۇسىنىڭ 90 % نى ئىگىلەيدىغان تىبەتلەرنىڭ باشقا مىللەتلەر بىلەن تويلىشىش نىسبىتى 8% گە يېتىدىكەن. «تىبەت گېزىتى» ئاشكارا قىلغان ستاتىستىكىغا قارىغاندا، 2013 – يىلى تىبەت ئاپتونوم رايونىدا تىبەتلەر بىلەن خىتايلار ئۆز – ئارا تويلاشقان ئائىلىلەر 4795 كە يەتكەن

خەلقئارادىكى كۆزەتكۈچىلەر، چەرچەن ناھىيەسى يولغا قويغان «مىللىيلار بىلەن خەنزۇلار تويلاشقان ئائىلىلەرنى مۇكاپاتلاش چارىسى»نىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى تىزگىنلەشتىكى ئۇزاق مۇددەتلىك سىياسىي ۋە ئىستراتېگىيەلىك پىلانىنىڭ قىپ – يالىڭاچ ئوتتۇرىغا چىقىشى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە

دوكتور ئالىمجان بوغدا بۇ ھەقتە ئېنىق قىلىپ ئۇيغۇرلاردىن ئىبارەت پۈتۈن مىللەت گەۋدىسى بىلەن ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان بىر خەلقنىڭ مەزكۇر «چارە» گە سۈكۈت قىلىشىنىڭ، ئىسلامىي ئېتىقادنىڭ روھىغا، قۇرئان كەرىمگە، شەرىئەت پرىنسىپلىرىغا شۇنداقلا ئۇيغۇرلۇق مىللىي كىملىكىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/mulahize/ebjesh-toy-09102014231652.html

Share
2050 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.