logo

trugen jacn

مىشېل باچېلېت مۈشۈك پىياز يېگەندەك ئىش قىلامدۇ-  قانداق؟

 

 

                                                                     نەزەر

 

ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا بىر دۆلەت، ياكى بىر تەشكىلات، ياكى بىر شەخسنىڭ ئىلگىرى قىلغان ئىشلىرى ۋە نۆۋەتتە قىلىۋاتقان ئىشلىرىغا ئاساسەن  بۇ مەزكۈر دۆلەت، ياكى بۇ مەزكۈر تەشكىلات، ياكى بۇ مەزكۈر شەخسنىڭ كەلگۈسىدە قانداق خاراكتېرلىق ئىشلارنى قىلىشىنى پەرەز قىلغىلى ياكى مۆلچەرلىگىلى بولىدۇ.

شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى يۈز بېرىۋاتقىلى بەش يىل بولدى. بۇ بەش يىل مابەينىدە ب د ت نىڭ مىشېل باچېلېت باشچىلىقىدىكى كىشلىك ھوقۇق  كېڭىشى خەلقئارالىق كىشلىك ھوقۇق مەسىلىسى بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىدە زادى نېمە ئىشلارنى قىلدى؟ يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئالىي كومىسسار مىشېل باچېلېت باشچىلىقىدىكى بۇ ئورگاننىڭ قىلغان بىر ئىشى  بولسا كىشلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە نۆۋەتتە دۇنيادىكى كىشلىك ھوقۇق دەپسەنچىلىكى قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى ھېچقانداق رېئال ئەھمىيىتى بولمىغان رەت – تەرتىپگە تۇرغۇزۇش بولغان بولسا، يەنە بىر ئىشى شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىچىلىققا كۆز يۇمۇش بىلەنلا قالماستىن يەنە ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن قەبىھ ۋە دەھشەتلىك ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزىۋاتقان خىتاي كومھۆكۈمىتىگە يانتاياق بولۇپ ئۇلارنىڭ بۇ ئىرىقىي قىرغىنچىلىقنى داۋاملاشتۈرۈشىغا  يېشل چىراغ يېقىپ بېرىشتىن ئىبارەت بولدى.

شەرقىي تۈركىستاندا تۈركىي خەلقلەرگە قارىتا كەڭ كۈلەملىك ئېغىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق سادىر بولۇۋاتقان بۇ يىللاردا ئالىي كومىسسار مىشېل باچېلېت ھەر يىلى كىشلىك ھوقۇق مەسلىسىدە قۇرۇق گەپ ساتىدىغان يېغىن ئاچقان بولسىمۇ، لېكىن ئۆزىنىڭ يېقىن ئەتراپىدا ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق لاگېر شاھىتلىرىنى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدە بىرەر قېتىممۇ گۇۋاھلىق بېرىش ئۈچۈن يىغىنغا تەكلىپ قىلىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن ئەكسىچە خىتاي كۆمھۆكۈمىتىنىڭ چاكار دۇمباقچىسى « ش ئۇ ئا ر مۇئاۋىن رەئىسى » ئەركىن تۇنىياز قاتارلىق ياللانما كىشلەرنى « ئۇيغۇرلارنىڭ شىنجاڭدا باياشاتلىق ۋە خۇشال- خۇراملىق ئىچىدە  ياشىۋاتقانلىقى» ھەققىدە ب د ت كىشلىك ھوقۇق كېڭىشىغا دوكلات بېرىشكە ئالاھىدە تەكلىپ قىلدى. ئالىي كومىسسار مىشېل باچېلېتنىڭ بۇ قىلمىشى ئەمىلىيەتتە خىتاي كۆمھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق مۇسۇلمان تۈركىي مىللەتلەرگە قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىدىن ئىبارەت بولغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىدە خەلقئارادا ئۆزىنى ئاقىلىشى ئۈچۈن سەھنە ھازىرلاپ بەردى.  ھاتتا ئالىي كومىسسار مىشېل باچېلېت توخۇلارغا تۈلكىنى قاراۋۇل قىلىپ قويغاندەك كىشلىك ھۆقۇق دەپسەنچىلىك مەسىلىسىدە دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇدىغان خىتاي كۆمھۆكۈمىتىنىڭ بىر ۋەكىلىنى ب د ت كىشلىك كېڭىشى ھەيئىتىگە ئەزا قىلىپ سۆرەپ ئەكىردى.

ئالىي كومىسسار مىشېل باچېلېت خىتاي كومھۆكۈمىتىنىڭ بېيجىڭدا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈۋېلىشى ئۈچۈن ب د ت كىشلىك ھوقۇق  كېڭىشى تەرىپىدىن ئاللىقاچان تەييارلانغان شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدىكى دوكلاتىنىمۇ ئېلان قىلمىدى.  ئالىي كومىسسار مىشېل باچېلېت ھاتتا لوندون ئۇيغۇر ترىبونالنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدىكى ترىبۇنال ھۆكۈمنامىسىنى ئېتىراپ قىلىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىدى.

خىتاي كومھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت غا تاپشۇرغان ئەزالىق بەدىلىگە جان بېقىۋاتقان ئالىي كومىسسار مىشېل باچېلېت خانىم، سىز شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدىكى تەييارلانغان دوكلاتىڭىزنى ئېلان قىلماستىن شەرقىي تۈركىستاندا سادىر بولىۋاتقان ئىشلارنى تەكشۇرۇش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستانغا بارماقچى بولىۋاتىسىز. ئالىي كومىسسار مىشېل باچېلېت خانىم، سىزنىڭ بۇ خىتاي زىيارەتىڭىزنى قىلىشتىن ئەۋۋال سىزگە خىتاينىڭ مىللەت خاراكتېرى ھەققىدە بىر ئاز تەتقىق قىلىشىڭىز زۆرۈر ئىكەن! خىتايلاردا « ئائىلىدىكى رەسۋا ئىشلارنى سىرتقا يايماسلىق لازىم (家丑不外扬) .» دېگەن بىر ماقال بار. مىشېل باچېلېت خانىم، سىز شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى،خىتاي كومھۆكۈمىتىنىڭ بېشىنى ھەسەل ھەرەسى تېخى چىقىۋالمىدى.  سىز شەرقىي تۈركىستانغا بارغۇنچە خىتاي كومھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندا ئۆتكۈزگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىبارەت بۇ جىنايىتىنىڭ ئىزنالىرىنى خوددى مۈشۈك پوقىنى يوشۇرغاندەك يوق قىلىۋېتىدۇ، ھەمدە مۇشۈك بالىسىنى يېگەندەك ھېچقانداق ئىش سادىر بولمىغاندەك قىلىۋېتىدۇ. سىز پەقەت شەرقىي تۈركستاندا ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق تۈركىي مۇسۇلمان خەلقلىرىنىڭ خۇددى خىتايلارغا ئوخشاش « خاتىرجەم ۋە بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈرۋاتقانلىق » تىن ئىبارەت بولغان ساختا مەنزىرىلەرنى كۆرۈشكىلا مۇيەسسەر بولۇپ، ھەر كۈنى « سەككىز سەي، بىر شورپا (八菜一个汤)» ئىچىپ قايتىپ كېلىسىز. قىسىقىسى، سىزنىڭ بۇ قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان سەپىرىڭىز خەلقئارادا بولۇپمۇ غەرپ دۇنياسىدا مىڭ بىر مۇشەققەتتە شەكىللەنگەن ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى ياخشى بىر ۋەزىيەتكە بىر سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ، خالاس.

2022- يىلى ئاپرېل

 

 

Share
2815 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.