logo

trugen jacn
07 ئاپرېل 2015

موڭغۇلىيەگە بارغان خىتاي ساياھەتچىلىرى موڭغۇل مىللەتچى گۇرۇپپىلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان

mongolia-nazis-aug-2-1

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا موڭغۇلىيەگە بارغان خىتاي ساياھەتچىلىرى موڭغۇلىيەنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى قەنتى ئۆلكىسىدە موڭغۇل مىللەتچى گۇرۇپپىلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان.

خىتاي تەرەپ ئۆز پۇقرالىرىغا ھۇجۇم قىلغان موڭغۇل مىللەتچى گۇرۇپپىسىنىڭ «موڭغۇلىيەدىكى يېڭى ناتسىست گۇرۇپپا – كۆك موڭغۇل تەشكىلاتى» نىڭ ئادەملىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، كۆك موڭغۇل تەشكىلاتىنىڭ ئادەملىرى خىتاي ساياھەتچىلىرىنى يەرگە تىزلاندۇرۇپ ھاقارەت قىلغان. ئارقىدىنلا ئۇلارنىڭ موڭغۇلىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى بىلەن ئالاقىلىشىشىگە يول قويماي، ھەممىسىنى مەجبۇرىي ھالدا خىتايغا قايتۇرۇۋەتكەن.

خىتاي تەرەپنىڭ نارازىلىقى نەتىجىسىدە، ئۇلانباتور شەھىرىنىڭ باشلىقى بىلەن موڭغۇلىيە پرېزىدېنتى بۇ ۋەقە مۇناسىۋىتى بىلەن كەچۈرۈم سورايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، موڭغۇلىيەدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي كۆچمەنلىرى، ئىشلەمچىلىرى ۋە ساياھەتچىلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، يەرلىك موڭغۇل خەلقىدە خىتايدىن خەۋپسىرەش ھەمدە خىتاي تەسىرىنى چەكلەش كەيپىياتى بارغانسېرى كۈچەيمەكتىكەن

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/mongghul-xitay-04062015143656.html

Share
1511 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.