logo

trugen jacn

مالايشىيا 150 تىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى چېگرادىن قانۇنسىز كىرىش بىلەن ئەيىبلەپ تۇتۇپ قالغان

uygur-multeci

مالايشىيا كۆچمەنلىرى دائىرىلىرى پايتەخت كۇئالالۇمپۇر شەھەر مەركىزىدىكى 2 ئولتۇراق بىنانى قورشاپ، 155 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرنى تۇتقۇن قىلغان. تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ 42 نەپىرى ئەر، 37 نەپىرى ئايال ۋە 76 نەپىرى بالىلار ئىكەن

دائىرىلەر ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى مالايشىيا چېگراسىدىن قانۇنسىز كىرىش بىلەن ئەيىبلەپ تۇتقۇن قىلغان

تەيۋەن مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، كۆچمەنلەر دائىرىلىرى يەنە ئۇيغۇرلارغا چېتىشلىق ئاتالمىش بىر ئادەم ئەتكەسچىلىك گۇرۇھىنى قولغا ئالغان. لېكىن خەۋەردە، مەزكۇر ئادەم ئەتكەسچىلىك گۇرۇھىنىڭ يەرلىك مالايلار ياكى ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنمىغان

خىتاي ھۆكۈمىتى2009‏-يىلى «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن باشلاپ دىنىي باستۇرۇشنى كۈچەيتكەندىن كېيىن، نۇرغۇن ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ يۈننەن ۋە گۇاڭشى ئۆلكىلىرى ئارقىلىق شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىگە قېچىپ چىقىشقا باشلىغان. مالايشىيا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بىخەتەر 3-بىر دۆلەتكە بېرىپ ئورۇنلىشىشىدىكى مۇھىم ئۆتكەل بولۇپ قالغان ئىدى

نۆۋەتتە، مالايشىيا دائىرىلىرىنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنى ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىدىغانلىقى ياكى خىتايغا قايتۇرىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي، دىنىي، مەدەنىيەت تىل ۋە باشقا جەھەتلەردىكى نىشانلىق باستۇرۇشىدىن قاچقان بۇ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش خەتەرلىك بولۇپ، خىتايغا خىتايغا قايتۇرۇلسا ئۇلارنىڭ تەن جازاسىغا ئۇچراش،، قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىش ۋە ئىز دېرەكسىز يوقاپ كېتىش خەۋپى مەۋجۇت

 

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/malayshiya-uyghur-10032014165955.html

Share
1551 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.