logo

trugen jacn

مارالبېشى يېزا ئىگىلىك بازىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنىڭ يەنە بىر قىسىم تەپسىلاتى ئاشكارىلاندى

26132ca6-9efc-413d-b685-af08b9ca2add

شۆھرەت ھوشۇر

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

مارالبېشىدا  12‏-ئۆكتەبىر كۈنى يۈز بەرگەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە 4 نەپەر پىدائىي بىلەن قېتىلىپ جەمئىي 22 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ داۋاملىق ئەھۋال ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا ۋەقە يۈز بەرگەن بازارنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى، ھۇجۇمچىلارنىڭ شۇ كۈنكى ھەرىكەت ھالىتى ۋە نوپۇس تەۋەلىكى قاتارلىق بىر قىسىم مەلۇماتلار ئاشكارىلاندى

مۇخبىرىمىزنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن بىر ساقچى خادىمى، ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم ئۇچۇرلارنىڭ ھەتتا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچىلاردىنمۇ يوشۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاش بىلەن بىرلىكتە، ۋەقەدە 7-8 چە ساقچى خادىمى ئۆلگەنلىكىنى، ئىدارىسىدىن ئەمەس، جەمئىيەتتىن ئاڭلىغانلىقىنى بايان قىلدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/maralbeshi-weqesi-10202014144806.html

Share
1861 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.