logo

trugen jacn

مارالبېشىدىكى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە 22 ئادەم ئۆلگەن

 

شۆھرەت ھوشۇر 

2014-u1018-pmx1.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

qeshqer-saqchi-herbiy-kocha-charlash.jpg

خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ كوچا چارلاپ يۈرگەن كۆرۈنۈشى. 2014-يىلى 23-ئىيۇل، قەشقەر.

 ImagineChina

رادىئومىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 12 – ئۆكتەبىر مارالبېشىدىكى بىر بازاردا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 4 نەپەر ھۇجۇمچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 22 ئادەم ئۆلگەن، نەچچە ئون ئادەم يارىلانغان

مەلۇم بولۇشىچە، 12 – ئۆكتەبىر 4 نەپەر ئۇيغۇر ياش موتسىكلىت بىلەن مارالبېشىنىڭ كۆپىنچە ھاللاردا خىتايلار سودا قىلىدىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىغا ھۇجۇم قىلغان

بۇلاردىن ئىككىسى چارلىغۇچى ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلغان بولسا، قالغان ئىككىسى بازاردىكى خىتايدا دۇكاندارلارغا ھۇجۇم قىلغان

ساقچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، ھۇجۇمچىلار پىچاق ۋە پارتلاتقۇچىلار بىلەن قوراللانغان ئىكەن

ھۇجۇمچىلارنىڭ ھەممىسى مارالبېشىنىڭ ئاقساقمارال يېزىسىدىن بولۇپ، ئۇلارمۇ ھۇجۇم جەريانىدا ئېتىۋېتىلگەن

ھۇجۇمدا ئۆلگۈچىلەر ئارىسىدا ساقچىلارنىڭمۇ بارلىقى مەلۇم

تۇمشۇق ساقچىخانىسى خادىمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەقەدىن كېيىن بىڭتۇەنگە قاراشلىق تۇمشۇق شەھىرى 1 – دەرىجىلىك بىخەتەرلىك ھالىتىگە ئۆتكەن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/maralbeshi-10192014233136.html

Share
1721 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.