logo

trugen jacn

مارالبشى ناھىيەسىدە “ئاللاھۇئەكبەر” دەپ ۋاقىرىغان 5 ئۇيغۇر ئوققا تۇتۇلغان

timthumb

ئۇيغۇر خەۋەر ۋە تەتقىقات مەركىزى خەۋىرى: خىتاي كومىنىست پارتىيەسىنىڭ ئورگان گىزىتى بولغان “يەرشارى گىزىتى” بۇگۈن (6.ئاينىڭ 13.كۈنى) ئىلان قىلغان بىر خەۋىرىدە مارالبشى ناھىيەسىدە 5.ئاينىڭ 25.كۈنى “ئاللاھۇئەكبەر” دەپ ۋاقىرىغان 5 ئۇيغۇرنىڭ 3 نەپىرى ئەتىپ ئۆلتۈرۈلۈپ،بىرسى تىرىك قولغا چۈشۈرۈنگەنلىگىنى يازدى

بىزنىڭ ئىنىقلىشىمىزچە ئەسلى ۋەقە مۇنداق؛ 25.ماي كۈنى ئەتىگەندە ئىشلەۋاتقان ئەتىزلىقتا بامدات نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپ، قىر بويىدا ئۇخلاپ قلغان 5 نەپەر ئۇيغۇر دىخاننى،خىتاينىڭ “تىرورىست، دەپ گۇمان قىلغان كىشىلەرنى ساقچىغا مەلۇم قىلىپ قويغانلارغا 5 مىڭ يۈۋەندىن 500 مىڭ يۈۋەنگىچە مۇكاپات بىرىلىدۇ” دىگەن تەشۋىقاتىغا ھەۋەس قىلغان باشقا بىر ئۇيغۇر “ئەتىزلىقتا 5 ئادەم ئۇخلاۋاتىدۇ،تىرورىست بولىشى مۇمكىن” دەپ چەقىپ قويغان.خىتاي ساقچىلىرى ۋە ئەسكەرلىرى ئۇلارنى قورشاپ ئوق چىقارغان.ئوق ئاۋازىدىن ئويغۇنۇپ كەتكەن دىخانلار “ئاللاھۇئەكبەر” دەپ ۋاقتىراپ ئورنىدىن تۇرىشى بىلەن شىددەتلىك ئوققا تۇتۇپ ئۆلتۈرىۋەتكەن.شەھىت بولغان دىھقانلارنىڭ بىرسىنىڭ سومكىسىدىن بىر قۇران،بىرسىنىڭ يانچۇغىدىن بىر يانچۇق پىچىغى چىققان بولۇپ، بۇلار “ جىھات قىلىشنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە كۆرسۈتۈلۈپ، قەتلىيامغا قاتناشقان خىتاي ئەسكەر،ساقچىلىرى پۇل بىلەن مۇكاپاتلانغان

تەڭرىتاغ تورى ئاپتونۇم رايونلۇق ساقچى نازارىتىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسەن ؛ “22.ماي ۋەقەسى” دىن كىيىن مۇكاپات ئىلانى چىقىرىلغاندىن كىيىن “ئۇيغۇر خەلق ئاممىسى تەرىپىدىن 300 دىن ئارتۇق پاشقىلىش مەلۇماتىنىڭ كەلگەن”لىگىنى يازدى

ھازىر يۇرتىمىزنىڭ بىر مۇنچە يەرلىرىدە “دۆلەتتىن زور مىقتاردا مۇكاپات ئەلىپ بىردىن باي بولۇش ھەۋىسىدە بولغان بەزى ۋىجدانسىز نادان ياكى ساختىپەز كىشىلەر، ئادەم چەقىپ قويۇپ،بىگۇنا كىشىلەرنىڭ ئۆلۈپ كىتىشى بەدىلىگە ماددىي مۇكاپاتقا ئىرىشىدىغان ئەھۋاللار ئەۋىج ئالماقتا.ھەتتا بەزى كىشىلەر شەخسى زىددىيىتى بار كىشىلەرنى “تىرورىس” دەپ چەقىپ قويۇپ،ھەم شەخسى ئىنتىقام ئالغان بولسا،ھەم پۇلغا ئىرىشكەن

خىتاي ھۈكۈمىتى،ئۇيغۇرلارنىڭ “پاش قىلىش”ئىنى ئاساس قىلىپ ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈرۈشتىن ئىبارەت يىڭى “ئۇيغۇر يوقۇتۇش ھەركىتى”نى ئۇمۇمىيۈزلۈك قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن بارلىق تەشۋىقات ۋاستىلىرىدىن پايدىلانماقتا

خىتاي كومىنىست پارتىيىسىنىڭ زور مىقتاردىكى مۇكاپات پۇلغا قىزىقتۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىتىنى قىرىپ تۈگۈتۈش سۈيقەستىنى دۇنيا جاماتچىلىگىگە ئاشكارىلاش يەنىلا ،ئالدى بىلەن بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ جىددى ۋەزىپىسى بولۇپ تۇرماقتا

 

مەنبە

新疆巴楚5名暴徒持刀高喊”圣战”袭警 3人被毙

http://www.uyghurnet.org/cn/%E6%96%B0%E7%96%86%E5%B7%B4%E6%A5%9A5%E5%90%8D%E6%9A%B4%E5%BE%92%E6%8C%81%E5%88%80%E9%AB%98%E5%96%8A%E5%9C%A3%E6%88%98%E8%A2%AD%E8%AD%A6-3%E4%BA%BA%E8%A2%AB%E6%AF%99/

Share
2030 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.