logo

trugen jacn

ماتىتەي ۋە ئانارقىز پاجىئەسى

image

ئەكرەم

2013-u0615-ekrem.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

يېقىندا ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىر تور بېتىدە ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مەشھۇر ئۆلىمالاردىن ئىمىر ھۈسەيىن قازى تەرىپىدىن قەلەمگە ئېلىنغان „ماتىتەي ۋە ئانارقىز پاجىئەسى“ ناملىق ئەسەر ئېلان قىلىندى. بۇ ئەسەرنىڭ بۇندىن ئىلگىرى يورۇق كۆرگەنلىكى ياكى كىتاب ھالىتىدە بېسىلغانلىقى بىزگە مەلۇم ئەمەس.

قەشقەردە زور ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇپ ئۆتكەن مەرھۇم ئىمىر ھۈسەيىن قارىھاجىم توغرۇلۇق قولىمىزدا تەپسىلىي مەلۇمات يوق. ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزغا قارىغاندا، ئىمىر ھۈسەيىن قارىھاجىم تەخمىنەن 70 – يىللارنىڭ ئاخىرى خىتاي تۈرمىسىدىن چىقىپ، تاكى 80 – يىللارنىڭ ئاخىرلىرى قازا قىلغانغا قەدەر قەشقەر ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ ئىمامى بولۇپ ياشىغان.

مۆمىن مۇسۇلمان، توغرا – دۇرۇس ئىنسان، دەپ تەرىپلىنىدىغان ئىمىر ھۈسەيىن قارىھاجىمىڭ ئەرەبچە، پارسچە تىللارغا كامىللىقى، ئىسلام ئىلىملىرىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى دىنىي زاتلارغا ئۇستاز بولۇپ ئۆتكەنلىكى مەلۇم. ئۇنىڭ تاكى قازا قىلغانغا قەدەر ھېيتگاھ مەسچىتىدە كومپارتىيىنىڭ سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىشقا قارشى تۇرۇپ كەلگەنلىكى قەشقەر ئەھلىنىڭ يۇقىرى باھاسى ۋە ئىخلاسىغا سەۋەب بولغان.

ئۇ، ئۇيغۇر دىيارىدا 80 – يىللىرى مۇھەممەد سالىھ ئەپەندى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنىپ، تۇنجى قېتىم نەشر قىلىنغان قۇرئانى كەرىمىنىڭ تەپسىرىنى كۆزدىن كۆچۈرۈپ تەستىقلىغان ئۆلىمادۇر.

ئىمىر ھۈسەيىن قازى قەلەمگە ئالغان «ماتىتە ي ۋە ئانارقىز پاجىئەسى» ناملىق ئەسەر بولسا 1914 – يىلىدىن 1924 – يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى قەشقەر ۋەزىيىتىنى چۈشىنىشتە ھۆججەت خاراكتېرلىك قىممەتلىك يادنامە. ئاپتور بۇ ئەسەردە تىلغا ئېلىنغان ۋەقەلىكنىڭ بىر قىسمىغا ئۆزىنىڭ گۇۋاھچى بولغانلىقىنى، يەنە بىر قىسمىنى گۇۋاھچىنىڭ ئېغزىدىن ئاڭلىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق يازىدۇ: مەن بۇ ئەسەرگە كىرگۈزگەن تارىخىي ۋەقەلەرنىڭ بىر قىسمىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن، بىر قىسمىنى ئاشۇ تارىخىي ۋەقەلەرنىڭ ئۈستىدە تۇرغان ۋە شېڭ شىسەي دەۋرىدە قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىلىك ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلىقى بولغان يېڭىشەھەر قېچىچىلىق مۇھەممەتبەگ دېگەن كىشى تەپسىلىي سۆزلەپ بەرگەن. ماتىتەي ئوردىسىنىڭ ئىچكى ئەھۋالى بىلەن ئانارقىزنىڭ پاجىئەسىنى بولسا، ئۆز ۋاقتىدا ماتىتەي ئوردىسىدا خىزمەت قىلغان، ھازىر قەشقەر شەھىرى ئەبرىشىمكا (ئەشىمكا) كوچىسىدا ئولتۇرۇشلۇق كىيىم تىككۈچى كېرەم مەككە دېگەن كاسىپنىڭ سىڭلىسىدىن سۈرۈشتۈرۈپ، تەپسىلىي خاتىرە قالدۇرغان ئىدىم، بۇ ۋاقىت 1929 – 1931 – يىللار ئىدى. بۇ ئەسەردە بايان قىلىنغان تارىخىي ۋەقە ۋە كەمىنە مۇئەللىپى تۈزۈپ كىرگۈزگەن نەزملەردە يېتەرسىزلىك ھېس قىلىنغان مەزمۇنلار بولسا، جامائەتنىڭ ئەپۇ نەزىرىدە تولۇقلاپ كېتىشىنى سورايمەن.

دېمەك، «ماتىتەي ۋە ئانارقىز پاجىئەسى» ناملىق ئەسەرنىڭ ماتېرىيالى 1929 – يىلىدىن 1931 – يىلىغىچە بولغان 3 يىل ئىچىدە توپلانغان. ئەسەرنىڭ قاچان يېزىپ پۈتتۈرۈلگەنلىكى ئېنىق ئەمەس. بۇ ئەسەر يەتتە باب بولۇپ، كىرىش سۆز ۋە ئاخىرقى سۆزنى قوشقاندا جەمئىي 9 باب بىلەن ئاخىرلاشقان.

گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى چۇغلۇق خانىم بۇ ئەسەر ھەققىدە توختىلىپ، بۇنىڭ قانداقتۇر بىر ئەدەبىي بايان ئەمەس، بەلكى شۇ زاماننىڭ رېئاللىقىنى ھەقىقىي ئەكس ئەتتۈرگەن تارىخ ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى:

«ماتىتەي ۋە ئانارقىز پاجىئەسى» ناملىق ئەسەرنى كۆرگەن كىشى، ئەينى يىللىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قۇلچىلىق ئىدىيىسىنىڭ قايسى دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىپلا قالماي، ۋەتىنىمىزدىكى خىتاي ۋە مۇسۇلمان خىتايلارنىڭ مىللىتىمىز ئۈستىدىن يۈرگۈزگەن ئاجايىپ ۋەھشىي باستۇرۇش سىياسەتلىرى، ئالدامچىلىقلىرىنىمۇ ئېنىق كۆرۈۋالالايدۇ. يەنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ 1910 – يىللىرىدىن 30 – يىللىرىغىچە بولغان ئومۇمىي قاباھەتلىك ۋەزىيىتىنى بۇ ئەسەر ئارقىلىق چۈشەنگىلى بولىدۇ. بۇ ئەسەرنىڭ كىشىگە قاتتىق تەسىر قىلىدىغان بىر تەرىپى، مۇناپىق، خائىنلارنىڭ ئۆز قېرىنداشلىرىنى مىللەتنىڭ دۈشمەنلىرىگە مالنىڭ ئورنىدا سېتىپ، بۇنىڭ بەدىلىگە بايلىق ۋە ئەمەل تاپىدىغان نامەردلىكلىرىدۇر. بۇنداق پەسكەش تەبىئەتلىك كىشىلەر زامانىمىزدىمۇ بار، ئەلۋەتتە. خۇددى يېڭىسارلىق بەگ ئۆز زامانىدا ئانارقىزنى ماتىتەيگە ئەمەل ئۈچۈن ساتقاندەك، ھازىرقى ئۇيغۇر يېزىلىرىدىكى بىر قىسىم كەنت، يېزا باشلىقلىرىمۇ ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە خىتايلارغا سېتىۋاتىدۇ. بۇنداق قارا نىيەتلىك، بۇنداق نامەردلىكنىڭمۇ ھېسابىنى ئالىدىغان زامان چوقۇم كېلىدۇ.

ئەسەرنىڭ بىرىنچى بابى «ما فۇشىڭنىڭ قەشقەرگە تىتەي بولۇپ تەيىنلەنگەنلىكى ۋە مەنسەپكە ئولتۇرغانلىقىنىڭ بايان» دېگەندىن ئىبارەت بولۇپ، ئەسەر مۇنداق باشلىنىدۇ:

– مىلادىيە 1914 – يىلى شىنجاڭنىڭ ئۆلكە باشلىقى ياڭ زېڭشىن ئۈرۈمچىدە تۇرۇۋاتقان خۇيزۇ باتاليون باشلىقى ما فۇشىڭ ئىسىملىك كىشىنى چاقىرتىپ، ئۇنى قەشقەر ۋىلايىتىگە تىتەي قىلىپ تەيىنلىگەنلىكىنى ئۇقتۇرغان. ئاندىن ما فۇشىڭدىن كۈتىدىغان ئۈمىدى، ئۆزىنىڭ ھاكىمىيەت باشقۇرۇشتىكى بىر قاتار سىياسىي قاراشلىرىنى بايان قىلىپ، مۇشۇ بويىچە ئىش كۆرۈشىنى قاتتىق جېكىلەپ، ئۇنى قەشقەرگە يولغا سالغان. مافۇشىڭ قەشقەرگە كەلگەندىن كېيىن، چېڭسەن دارىن دېگەن كىشىدىن تىتەيلىك تامغىسىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، رەسمىي تىتەيلىك مەنسىپى بىلەن يېڭىشەھەردىكى ئوردىدا ئولتۇردى. ئۇ ئۆزىگە قاراشلىق ھەربىي قىسىمنى كۆزدىن كەچۈرۈپ چىققاندىن كېيىن، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بارلىق سىياسىي ۋە مەمۇرىي ئەمەلدارلارنى، قەشقەردە تۇرۇشلۇق چاررۇسىيە، ئەنگلىيە كونسۇلخانىسىنىڭ خادىملىرىنى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنى چاقىرىپ، كاتتا زىياپەت قىلىپ كۈتۈۋالدى. ئۇ، زىياپەتتە سۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ ياڭ زېڭشىن تەرىپىدىن قەشقەرگە 《تىتەي 》 لىككە بەلگىلەنگەنلىكىنى ئېلان قىلدى، ئارقىدىنلا ئۆزىنىڭ ھاكىمىيەت باشقۇرۇشتىكى سىياسىي كۆزقاراشلىرىنى بايان قىلىپ، بۇرۇنقىلار ماڭغان يولدا ماڭىدىغانلىقى، ياڭ زېڭشىننىڭ سىياسىتىنى ساداقەتمەنلىك بىلەن ئىجرا قىلىدىغانلىقى ھەققىدە كۆپ توختىلىپ ئۆتتى.

«ماتىتەي ۋە ئانارقىز پاجىئەسى» ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ 1 – بابىدا ماتىتەينىڭ چەتئەل كونسۇللىرىنى ۋە ھەر ساھە خىتاي ئەمەلدارلىرىنى يۇقىرىقى ئىبارىلەر بىلەن ئالداپ بولغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر كاتتىلىرىنى ئالداشقا كىرىشكەنلىكى مۇنداق بايان قىلىنىدۇ:

– ئارىدىن ئۈچ كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، ماتىتەي قەشقەر شەھىرىدىن نوپۇزلۇق ئاخۇن، ئىشان، باي، سودىگەر، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى باشلىقلىرىنى يېڭىشەھەردىكى ئوردىسىغا چايغا چاقىردى ۋە كاتتا زىياپەت بەردى. ما تىتەي خۇيزۇلارنىڭ ئادىتى بويىچە بېشىغا ئاق داكا سەللە يۆگەپ، ئۇچىسىغا قەدىمكى ئۇزۇن چاپوزە كەڭرى چاپان، پۇتىغا مەسە – كالاچ كىيىپ، يەنە سەككىز نەپەر مۇھاپىزەتچىگە سەللە ئوراتقۇزۇپ ۋە ئۇلارنى قوراللاندۇرۇپ، زىياپەتتىكى كىشىلەر ئالدىغا «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» دەپ كىرىپ كەلدى. ئۇ، قەشقەر شەھىرىدىن چىققان ئاخۇنلار بىلەن قول بېرىپ كۆرۈشتى، ئارقىدىن باي، سودىگەرلەر بىلەن كۆرۈشۈپ چىقىپ، كۆپچىلىككە قاراپ:«ئارىڭىزلاردا قارىي بولسا قۇرئان تىلاۋەت قىلسۇن» دېدى. ئاپئاق خوجا جامەسىنىڭ قارىيسى مىرزا قارىي يۇقىرى ئاۋاز بىلەن قىرائەت قىلغاندىن كېيىن، ما تىتەي ئورنىدىن تۇرۇپ ئاخۇنلاردىن دۇئا ئالدى.

ئەسەردىكى ماتىتەينىڭ ھىيلىگەرلىك تەبىئىتىنى ئاشكارىلاپ بېرىدىغان تۆۋەندىكى سۆزلىرى ئالاھىدە دىققەتنى چېكىدۇ:

– ھەربىرلىرىگە ئۆلكە باشلىقى ياڭ دارىن جياڭجۈن جانابلىرىنىڭ سالىمىنى يەتكۈزۈش بىلەن، ھەربىرلىرىنىڭ سالامەتلىكىنى سوراپ ئۆزۈمنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي، – دېدى ما تىتەي مېھمانلارغا قاراپ، – مېنىڭ ئىسمىم يۈننەن مافۇشىڭ، ئەرەبچە ئېيتقاندا مۇھەممەد يۇنۇس، مىللىتىم خۇيزۇ، ئىسلام دىنىدىكى ھەنەفىي مەزھىپىدە، چوڭ مەسچىت خۇيزۇ ئېتىقادچىلىرىدىن بولىمەن. ئۇلۇغ ئىلتىپاتلىق ياڭ جياڭجۈن دارىن جانابلىرى مېنى ھەربىر پۇقرا – خەلقنىڭ تىنچلىق ئىچىدە تۇرمۇشلىرىنىڭ پاراغەتتە ئۆتۈشى ئۈچۈن خىزمەتكە ئەۋەتتى.

ماتىتەي يەنە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ:

– قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ قايسى رايونىدىكى دوتەي، شەنگەنلەر مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئۆرپ – ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قىلمايدىغان بولسا، ئېغىر ئالۋان – ياساق سالسا، ساڭلاردىكى ئاشلىقلارغا خىيانەت قىلىدىغان بولسا، سىلەر ئۆز ۋاقتىدا كېلىپ ماڭا ئەھۋالنى ئېيتىپ قويۇڭلار. ھەممە ئىشنى ئادالەت بىلەن سورايمەن. قىمارۋازلىق، پاھىشىۋازلىق، پارىخورلۇق، مۇشتۇمزورلۇق ئىشلارغا يول قويمايمەن؛ ئەپيۈن، نەشە چەككۈچىلەرنى قاتتىق جازالايمەن.

ماتىتەينىڭ بۇ سۆزىدىن كېيىن، زىياپەت زالىدا ئولتۇرغان قەشقەرنىڭ كاتتىلىرى ھاياجانلىنىپ، بىردەك ھالدا: «ئۇلۇغ ئىلتىپاتلىق جياڭجۈن دارىننىڭ ئۆمرى ئۇزاق بولسۇن، دۆلەت – ھۆرمىتى زىيادە بولسۇن، ئۆزلىرىنىڭمۇ ئۆمرى ئۇزاق، ئىقباللىرى يۇقىرى بولسۇن» دەپ توۋلىشىپ، مۇبارەكلەش تەنتەنىسى باشلىنىپ كېتىدۇ.

ئەسەردە يېزىلىشىچە، ماتىتەي قەشقەرنىڭ ئۆز زامانىدىكى مۆتىۋەرلىرىنى تامامەن قىلتاققا ئىلىش ئۈچۈن، بۇ زىياپەت زالىدا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ يەنە شۇنداق دەيدۇ:

– مەن ئۈچ خىل ئىشنى قىلماقچىمەن. بىرىنچى، مەسچىت ياسايمەن، ئىككىنچى، كۆۋرۈك سالىمەن، ئۈچىنچى، چۆل – باياۋان، بىنەم يەرلەرگە دەرەخ تىكىپ، پۇقرالارغا ئاسان بولۇش ئۈچۈن تۈگمەن – سوقىلارنى قۇرۇپ چىقىمەن.

بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان يۇقىرى ئەمەللىك ئالۋان – ياساق چاپقۇچىلارنىڭ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ: «بىزلەر ھەممىمىز ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئۇلۇغ دانا ھەرىكەتلىرىگە پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ياردەمدە بولىمىز» دەپ ۋەدە قىلىشىدۇ.

ئەسەردە بايان قىلىنىشىچە، ماتىتەينىڭ زىياپىتىگە داخىل بولغان قەشقەرنىڭ كاتتىلىرى زىياپەتتىن قايتقۇچە ئۆزئارا: «ماتىتەي ناھايىتى ياخشى مەنسەپدار ئىكەن. قەشقەر ۋىلايىتىگە مۇشۇنداق ئەمەلدارنىڭ كېلىشى ناھايىتى ياخشى ئىش بولدى» دېيىشىپ كېتىدۇ. ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي، ما تىتەي ئۇلارغا كۆرگۈلۈكىنى كۆرسىتىدۇ

 

http://www.rfa.org/uyghur/yoruq-sahillar/ma-titey-06152013201309.html/story_main?encoding=arabic

Share
2786 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.