logo

trugen jacn
18 ئىيۇن 2015

ماتىتهي (مافۇشىڭ) توغرىسىدا

image

 

شىنخهي ئىنقىلاۋى نىڭ ئالدى-كهينىدە قهشقهردە «تىتهي»، «نېتهي» دەپ ئاتىلىدىغان ھهربى ۋە مهمۇرى ئهمهلدارلار ئۆتكهن ئىدى. «تىتهي» دىگىنى دىۋېزىيه قۇماندانى(شىجاڭ) دەرىجىلىك، «نېتهي» دىگىنى بىرىگادا قۇماندانى (لۈيجاڭ) دەرىجىلىك ئهمهلدار ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە قهشقهردە ئون نهچچه يىل ھۈكۈمرانلىق قىلغان مافۇشىڭ يهنى ماتىتهي بىر قهدەر تىپىك بۇلۇپ، بىر مهزگىل «پاشا» دەپ ئاتالغان. كىيىن «مومچى تاز» دەپ ھاقارەتلهنگهن . مافۇشىڭ – مىللىتى خۇيزۇ، ئهرەپچه ئىسمى مۇھهممهت يۈنۇس. ئهل ئىچىدە ئۇ ماتىتهي دەپمۇ ئاتىلىدۇ.(قهشقهردە) ئۇ يۈننهن ئۆلكىسىنىڭ خۇاپىڭ ناھىيىسىدە 1866- يىلى دېهقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. مافۇشىڭ كىچىكىدىنلا ئۇرۇش-جىدەلگه ئامراق، خۇرىكى چوڭ، قارام ۋە قاپ يۈرەك بۇلۇپ ئۆسكهن. ئۇ بالا ۋاقتىدىلا ئۈزىنىڭ قارا كۈچۈگه تايىنىپ چامباشىچىلىق ماھارىتىنى ئىگىلىگهن. شۇ زاماننىڭ شارائىتى بۇيىچه پات-پات بۇلۇپ تۇرىدىغان چامباشىچىلار ئېلىشىشىدا مافۇشىڭ يننهننىڭ ئامبىلى مافۇلۇغا ياراپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلهن مافۇشىڭ مهنچىڭ قۇشۇنى ئىچىدە تۈۋەن دەرىجىلىك ھهربى ئوفېتسىر بۇلىدۇ . چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىقى يىللىرىدا (1900- يىلى) سهككىز دۆلهت بىرلهشمه ئارمىيىسى جۇڭگۇغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ بېيجىڭنى بېسىۋالىدۇ. سىشى تهيخۇ شىئهنگه قېچىپ كهتمهك بۇلىدۇ. بۇ چاغدا يۈننهن ئامبىلى مافۇلۇ مافۇشىڭنى چامباشىچىلىقتا ماھىر دىگهن ئىشهنچ بىلهن سىشىتهيخۇنىڭ قوغدىغۇچىسى قىلىپ بهلگۈلهيدۇ. سىشىتهيخۇ شىئهنگه بارغاندىن كىيىن گوندى بۇتخانىسىغا كۈجه كۆيدۇرگىلى بارغاندا مافۇشىڭنىڭ نهچچه ئون جىڭ ئېغىرلىقتىكى يوغان بىر قىلىچنى قۇلىغا ئېلىپ، قىلىچۋازلىق ماھارىتى كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى كۈرۈپ، ئۇنىڭغا قايىل بۇلىدۇ-دە ئۇنى خېنهن مهسلىههتچى سانغۇنلۇقىغا تهيىنلهيدۇ. مافۇشىڭ خېنهندە ۋەزىپه ئۈتهۋاتقان مهزگىلدە، خېنهن ئامبىلىنىڭ بهگزادىسى ھۇقۇقىدىن پايدىلىنىپ خهلىقنى بۇزەك قىلىدۇ. ئاياللارنى ئاياغ-ئاستى قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلهن مافۇشىڭ بهگزادىنى قاتتىق ئۇرۇپ ئهدەپلهيدۇ. بۇ ئهھۋالدىن كىيىن خېنهن ئامبىلى مافۇشىڭنىڭ جىنايى قىلمىشلىرىنى توپلاپ خان ئوردىسىغا ئهرز سۇنىدۇ. شۇنىڭ بىلهن مافۇشىڭ ئهمهلدىن ئايرىلىپ شىنجاڭغا پالىنىدۇ. ئۇ شىنجاڭغا كهلگهندىن كىيىن مىچۇەندە ئولتۇراقلىشىپ دېهقانچىلىق قىلىدۇ . مافۇشىڭ ياڭ زېڭشىڭ بىلهن بىر يۇرتلۇق بولغاچقا بهزىدە ئۈرۈمچى ئهتراپىدىكى خۇيزۇلارنىڭ ئولتۇرۇش-قۇپۇشلىرىدا ئۇچۇرشۇپ قالىدۇ. ياڭ زېڭشىن مافۇشىڭنىڭ ئىچكى ئۆلكىدە تۇتقان مهنسهپلىرى، خهلىق ئىچىدىكى ئوبرۇيى ۋە ھهربى، چامباشىچىلىق ماھارىتىگه قايىل بۇلۇپ، ئۇنى قولغا كهلتۈرۈشكه تىرىشىدۇ ھهمدە پات-پات ئۇنىڭغا پۇل ئىبهرتىپ ئۇنى ئۈزىگه مايىل قىلىدۇ. كىيىن ئۇنى خۇيزۇ باتالىيۇنغا باشلىق قىلىد . ۇ شۇنىڭدىن باشلاپ مافۇشىڭ ياڭ زېڭشىن ئۈچۈن تۇلىمۇ سهمىمى خىزمهت قىلىدۇ. ياڭ زېڭشىنمۇ مافۇشىڭغا ئىشهنچ باغلايدۇ. كىيىنكى ۋاقىتتا مافۇشىڭ ياڭ زېڭشىندىن كىيىن ئهمما ھهممه كىشىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان مۇھىم شهخىسكه ئايلىنىپ قالىدۇ . مافۇشىڭ چوڭ ھۇقۇقنى قولغا كهلتۈرگهندىن كىيىن 1911- يىلى ئۈزىگه ئوردا-ساراي سېلىشقا كىرىشىپ، ئۈرۈمچى ليۇداۋاندىن 6 مو يهر تاللاپ ئۈزىگه ھهشهمهتلىك ساراي سالىدۇ. دەرۋازا ئالدىغا شىرنىڭ ئىككى ھهيكىلىنى ئورنۇتىدۇ. ساراينىڭ مهركىزى ئهتراپىغا خىش ۋە ياغاچتىن ئىككى قهۋەتلىك بىنا سېلىپ خۇددى ئىچكىرى ئۆلكىدىكى ھۈكۈمهت مهھكىمىلىرىنىڭ تۈسىگه كىرگۈزىدۇ. 80 ئېغىز ئهتراپىدا بولغان بۇ ساراي خانىلىرى كۆك كاھىشلىق بۇلىدۇ . مۇشۇ مهزگىللهردە (1912- يىلى) قۇمۇلدا تۈمۈر خهلىپه باشچىلىقىدا قوزغۇلاڭ بۇلىدۇ. ياڭ زېڭشىن كۆپ ئاماللارنى قىلىپمۇ بۇ قوزغىلاڭنى تىنجىتالمايدۇ. ئهڭ ئاخىرىدا ھىله ئىشىلتىپ، ئۇنى ئۈرۈمچىگه تهكلىپ قىلىپ ئهكىلىدۇ. 1913- يىلى 9- ئايدا يېڭى قۇرال تارقىتىش نامىدا تۈمۈر خهلىپىنى قۇراللىرىنى تاپشۇرۇشقا قىستايدۇ ھهم تۈمۈر خهلىپىنى مۇھاپىزەتچىلىرى بىلهن يىغىن زالىدا قولغا ئېلىشنى مافۇشىڭغا تاپشۇرىدۇ. مافۇشىڭ تۈمۈر خهلىپىنى قۇرالسىزلاندۇرغاندىن كىيىن ئېتىپ ئۆلتۈرىدۇ . شۇنىڭدىن كىيىن مافۇشىڭ تېخىمۇ كۆرەڭلهيدۇ. ھهتتا ياڭ زېڭشىننىمۇ مهنسىتمهيدىغان ھالغا كىلىدۇ. ياڭ زېڭشىن بۇنى بىلىپ تۇرىدۇ. گهرچه ئۇ مافۇشىڭنى يۇقۇتۇش خىيالىغا كهلگهن بولسىمۇ ئامالسىز قېلىپ، ۋاقىتلىق بولسىمۇ كۆزدىن يۇقىتىش ئۈچۈن ئۇنى قهشقهرنىڭ تىتهي(ھهربى ئهمهلدار) لىكىگه تهيىنلهيدۇ. ئۇ قهشقهرگه تىتهي بۇلۇپ كهلگهندە ئۇنىڭ ئوغلى ماجىۋۇ «نېتهي» بۇلۇپ بىلله كىلىدۇ. بۇلار قهشقهرگه كىلىپ ماتىتهي يېڭى شهھهردە، ماجىۋۇ كونا شهھهردە تۇرۇپ، ئون نهچچه يىل ھۈكۈمرانلىق قىلىدۇ . ماتىتهي ئۇچىغا چىققان شۆھرەتپهرەس بۇلۇپ، ئهيىش-ئىشرەتكه بىرىلىپ خهلىققه ئىنتايىن ئېغىر زۇلۇم سالىدۇ. ئۇ قهشقهردە تۇرغان مهزگىللهردە كۆپلهپ خۇتۇن ئالىدۇ. نۇرغۇن قىز-ئاياللارنىڭ ئىپپهت-نۇمۇسىغا تىگىدۇ. ئۇنىڭ غالچىلىرى ئۇنىڭغا ياخشىچاق بۇلۇش ئۈچۈن چىرايلىق قىزلارنى ئالداش، زورلاش، ئوغىرلاشتهك ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۇنىڭغا سوغات قىلىپ تۇرىدۇ . ماتىتهي يېشى 60 تىن ئېشىپ ھالسىزلانغاندىن كىيىن تىۋىپلارغا قۇۋۋەت دورىسى ياساشنى بۇيرىيدۇ. بۇ دۇرىغا ئىشىلتىش ئۈچۈن قۇچقاچ لازىم بولغانلىقتىن پۈتۈن يۇرتقا قۇچقاچ ئالۋېڭى سالىدۇ. بۇ ئالۋاڭ شۇ زاماندا يۇرت ئىچىدە قالتىس ئېغىر زۇلۇم بولغان ئىدى. تىتهيگه دۇرا ياساش ئۈچۈن 100 قۇچقاچ لازىم بولسا، شهھهر ھاكىمى بهگلهرگه 200 قۇچقاچ دەپ بۇيرۇق چۈشۈرگهن. شهھهر بهگلىرى بولسا يېزا بهگلىرىگه 500 قۇچقاچ دەپ چۈشۈرگهن. يېزا بهگلىرى يۈز بېشىغا، يۈز بېشى ئون بېشىغا قاتلاپ بۇيرۇق قىلغانلىقتىن پۇقرالارنىڭ بېشىغا كهلگهندە ئۇ ئون نهچچه قاتلىنىپ بىر بهگلىك تهۋەسىدىكى پۇخرالار ئون مىڭلاپ قۇچقاچ تۇتۇشقا مهجبۇر بولغان. مانا بۇ قهشقهر تارىخىدىكى «قۇچقاچ ئالۋېڭى» ئىدى. مۇنداق زور ساندىكى قۇچقاچنى تۇتۇپ تاپشۇرۇش پۇخرالار ئۈچۈن ئىنتايىن زور قىيىنچىلىق ئىدى. يېزا بهگلىرى پۇرسهتتىن پايدىلىنىپ، قۇچقاچنىڭ ئورنىغا پۇل تۈلهش ئىشىنى يولغا قۇيىدۇ. شۇنىڭ بىلهن بۇ ئالۋاڭنىڭ دائىرىسى كىڭىيىپ، يۇرت خهلقىگه مۆلچهرلىگۈسىز ئاپهت بۇلىدۇ. شۇ چاغلاردا قۇچقاچ ئالۋېڭىنى تۈلهپ كىتهلمهي قاماققا ئېلىنغانلار، ئۆي ۋاقىدىن ئايرىلىپ خانىۋەيران بولغانلار ناھىيىتى كۆپ بولغان . ماتىتهي يهنه ھهشهمهتلىك قهلئه، ساراي ۋە راۋاقلارنى سالدۇرۇپ بهتخهجلىك قىلغان. بۇنىڭ بهدىلىگه خهلىققه يهنه تۈرلۈك ئالۋاڭلارنى سېلىپ، ئۇلارنى ھاشارغا تۇتۇپ ئېغىر زۇلۇم سالغان. بۇنداق زۇلۇمغا چىدىمىغان خهلىق شۇ چاغلاردا مۇنداق بىر قۇشاق تۇقۇغان . ساۋخۇ يۇلى قۇمۇشلۇق، ئورغاق سېلىپ ئورغان يوق . 14 يىللاپ شهھهر سۇرىغان، ماتىتهيدەك زالىم يوق… .. ماتىتهينىڭ دەۋرىدە يۇقىردىكى زۇلۇم ۋە ئالۋاڭلاردىن باشقا يهنه «موم ئالۋېڭى» مۇ ناھايىتى دەھشهتلىك بولغان. بۇ ئالۋاڭدا نۇرغۇنلىغان كىشىلهر خانىۋەيران بولغان، قاماققا ئېلىنغان، ھهتتا پۇت-قوللىرى كىسىلگهن. بۇ ۋەقهنىڭ جهريانى مۇنداق: شۇ زاماندا ئۇلۇغچاتنىڭ قىزىل بويى ئهتراپىدا نىفىتلىك بۇلۇپ، ئۆزلۈكىدىن ئۆرلهپ قالغان ماي سازلىقلاردا ۋە سۇ يۈزىدە لهيلهپ يۈرگهن، بهزى يهرلهردە لاتقىغا ئوخشاش ئۇيۇپ قالغان ئىكهن. بۇنى كۆرگهن يهرلىك كىشىلهر تاغ ياقىسىدىن موم چىقتى دىيىشىپ يۈرگهن. بۇ خهۋەرنى ئاڭلىغان ماتىتهي ئۇنى يىغىپ، موم قىلىپ سېتىشقا بۇيرىيدۇ. رۇزى بهگ، جىڭچى ئىمام، ھاشىم چوڭ، ئاۋۇت ئىمام دىگهن كىشىلهرنى ئىشقا سېلىپ، قهشقهر كونا شهھهر ۋە يېڭى شهھهردىكى دۇكانلارغا بۇ مومنى كۆپلهپ ساتىدۇ. لىكىن موزدوزلار بۇنى ئىشىلتىپ كۈرۈپ ئۇنىڭ موم بولماستىن بهلكى قاراماي ئىكهنلىكىنى بىلىپ، سېتىۋېلىشتىن باش تارتىدۇ. بۇنى كۆپلهپ سېتىۋالغان دۇكاندارلار زىيان تارتىدۇ. زىيان تارتقان دۇكاندارلار موم سېتىۋېلىشنى رەت قىلسا «پادىشا» ھۈكمىگه قارشىلىق قىلدى دەپ قامايدۇ. بۇنىڭدا زىيان تارتقان ۋە زىيانۆەشلىككه ئۇچرىغان خهلىق ماتىتهينىڭ زۇلىمى ئۈستىدىن ياڭ زېڭشىنغا كۆپلهپ ئهرىز-شىكايهت قىلىدۇ. ياڭ زېڭشىن ماتىتهينى ئهيىپلهپ خهت ئىبهرتىدۇ. ماتىتهي بۇ ئهيىپلهش بهدىلىگه ئاچچىقىنى يهرلىك كىشىلهردىن ئېلىپ، قاتتىق چارە كۈرۈشكه باشلايدۇ. يهنى رۇزى بهگنى باش جىنايهتچى قىلىپ ئۇنىڭ قۇلىنى بېغىشىدىن كىسىپ، شهھهر ئايلاندۇرۇپ سازايى قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كىيىن تاغاچى كوچىسىنىڭ ئىمامى جىڭچى ئىمام بىلهن ھاشىم چوڭ، ئاۋۇت ئىماملارنىڭمۇ قۇلىنى كىسىپ سازايى قىلىدۇ. قۇلى كىسىلگهنلهرنىڭ قۇلىنى ياغدا داغلاپ قېنىنى توختاتقان بولسىمۇ لىكىن، ئۇنىڭ ئاغرىق ئازاۋىدا بهزەنلىرى ئۇزاققا قالماي ئۈلۈپ كىتىدۇ . ماتىتهينىڭ ئوغلى ماجىۋۇمۇ دادىسىغا ئوخشاش سۆلهتۋاز، ھهشهمهتخور بۇلۇپ، قهشقهر كونا شهھهردىكى «يۇمىلاق شهھهر كۆلى» بويىغا بىر راۋاق سالدۇرىدۇ. بۇنى كىشىلهر نېتهي راۋىقى دەپ ئاتىشىدۇ. ئۇ بهزىدە ھاۋانىڭ ياخشى ۋاقىتلىرىدا راۋاققا چىقىپ شهھهر مهنزىرىسىنى تاماشا قىلىدۇ، كهچ ۋاقىتلىرى بولسا كانايچىلارنى سېپىلگه چىقىرىپ كاناي چالدۇرىدۇ . ماتىتهي قهشقهرگه كىلىپ ئۇزۇنغا قالمايلا ئۈزىچه كۆرەڭلهپ، بارغانسىرى ئۆز خان، ئۆز بهگ بۇلىۋېلىپ، ياڭ زىڭشىنگىمۇ ئانچه بۇيسۇنۇپ كهتمهيدۇ. شۇ زاماندا قهشقهرنىڭ ۋالىسى جۇرۇيچش بىلهن قهشقهر كونا شهھهر ئامبېلى ماشاۋۋۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا پۇت تىپىشىش بۇلۇپ، ماتىتهي بۇ ئهھۋالنى ئۈرۈمچىگه مهلۇم قىلماستىنلا ئۇلارنىڭ ئهمىلىنى ئېلىپ تاشلاپ، تامغىسىنى تارتىۋېلىپ قهشقهر شهھرىدىن قوغلاپ چىقىرىدۇ. ياڭ زېڭشىن بۇ ئهھۋالنى بىلسىمۇ ماتىتهيگه سۈزىنى ئۆتكۈزەلمهي جۇرۇيچشنى ئاقسۇغا ۋالى، ماشاۋۋۇنى ئۈچتۇرپانغا ۋالى قىلىپ تهيىنلهپ، بۇ ئىشنى ۋاقىتلىق بىر تهرەپ قىلغان بۇلىدۇ. ئهمما كۆڭلىدە ماتىتهيدىن قاتتىق نارازى بۇلىدۇ . دىمهك ماتىتهي ئاتا-بالا ئىككىسى قهشقهردە ئۆز بهگ، ئۆز خان بۇلىۋېلىپ ياڭ زىڭشىنغا تۇلۇق ئىتائهت قىلمىغانلىقتىن، ياڭ زېڭشىن ئۇلارنى يۇقىتىۋېتىش قارارىغا كىلىدۇ. لىكىن ئۇلارنىڭ قۇلىدا خېلى كۆپ قۇراللىق قۇشۇن بولغانلىقتىن ئۇنى ماشاۋۋۇنىڭ قۇلى بىلهن يۇقىتىشنى پىلانلايدۇ. ماشاۋۋۇ بىلهن ماتىتهي ئوتتۇرىسىدىكى زىدىيهتنىڭ كۈچلۈكلىكىنى بىلىدىغان ياڭ زېڭشىن ماشاۋۋۇغا ماتىتهينى يۇقىتىۋىتىش توغرىسىدا يۇشۇرۇن بۇيرۇق قىلىدۇ. (1924- يىلى ماي ئايلىرى بۇلىشى مۇمكىن) بۇيرۇق ئالغان ماشاۋۋۇ تۇلۇق تهييارلىق كۆرگهندىن كىيىن ئۆز قۇشۇنىنى باشلاپ ئۈچتۇرپان قاخشال يۇلى بىلهن يولغا چىقىدۇ. ئاقسۇ، كۇچاردىن تهشكىللهنگهن يارىدەمچى قۇشۇن رامزان ھاجى دىگهن كىشىنىڭ قۇماندانلىقىدا چوڭ يول بىلهن ماڭىدۇ. بۇ ئىككى قۇشۇن بىرلا ۋاقىتتا قهشقهرگه يىتىپ بېرىپ تهڭ ھهركهت قىلىدۇ. ماشاۋۋۇ قۇشۇنى قهشقهر يېڭى شهھهرنى مۇھاسىرىگه ئالىدۇ. ئاقسۇ، كۇچاردىن كهلگهن قۇشۇن قهشقهر كونا شهھهرنى مۇھاسىرىگه ئالىدۇ. ھۇجۇم بىرلا ۋاقىتتا باشلىنىدۇ. ئىككى سائهت ئهتراپىدا داۋام قىلغان قاتتىق جهڭ نهتىجىسىدە ماتىتهي ئۆز رەقىبى ماشاۋۋۇنىڭ قۇلىغا چۈشۈپ، ئهڭ يۇقىرى جازاغا ھۈكۈم قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ دارغا ئېسىلغان تېنى قهشقهردە ئۇدا ئۈچ كۈن سازايى قىلىنىدۇ . رامزان ھاجى باشچىلىقىدىكى قۇشۇن سهھهردە شهھهر دەرۋازىسى ئېچىلىشى بىلهن تهڭ شهھهرگه ئاتلىق بېسىپ كىرىپ، ماجىۋۇنىڭ ئادەملىرى ئۇيقۇسىنى ئېچىپ بولغۇچه يۇمىلاق شهھهرنى ئىگهللهيدۇ. ماجىۋۇ ئۈزىنىڭ مۇھاسىرە ئىچىدە قالغانلىقىنى بىلىپ راۋاق تهرەپكه قاراپ قاچىدۇ، رامزان ھاجى ئۇنى قوغلاپ چىقىپ تهسلىم بۇلۇشقا دەۋەت قىلغاندا ماجىۋۇ ئۇنى تاپانچا بىلهن ئېتىپ تاشلايدۇ. مىنۇت ئۆتمهيلا ماجىۋۇغىمۇ ئوق تىگىپ ئۈلىدۇ. شۇنىڭ بىلهن ماتىتهينىڭ قهشقهردىكى 10 نهچچه يىللىق زۇلىمهتلىك ھۈكۈمرانلىقىغا خاتىمه بىرىلىدۇ. خهلىق تۈۋەندىكىدەك قۇشاق تۇقۇيدۇ

ماتىتهي تۇلۇم چاشقان

ئالۋاننى تۇلا چاچقان

ئالۋاننى تۇلا سېلىپ

دارغا ئېسىلىپ ياتقان

image (1)

مافۇشىڭ (ماتىتەي) تەرىپىدىن پۇت-قولى كېسىلىپ ناكا قىلىنغان ئۇيغۇرلار (A. Forbes, Muslims and Warlords in Chinese CentralAsia, 1986.)

Share
2648 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.