logo

trugen jacn

لى فاڭپىڭ؛ئىلھام توختى تۇرمىدا 20 كۈن ئاچلىق ئىلان قىلىپ 16 كىلو ئۇرۇقلاپ كەتكەن

201406262109china1

   ئۇيغۇر قانۇن ھەركىتىنىڭ يولباشچىسى،ئۇيغۇرلارنىڭ يىگانە ئاۋازى پروفىسسور ئىلھام توختىنىڭ ئاۋدۇكاتى   لى فاڭپىڭ 26.ئىيۇن كەچ سائەت 4 تىن 47 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈندىدار ئارقىلىق تونۇش-بىلىشلىرىگە يوللىغان خەۋەردە؛ ئىلھام توختى تورمىدا ئىككى قىتىم 10 كۈندىن جەمئى 20 كۈن ئاچلىق ئىلان قىلغان.بىرىنجى قىتىم 1.ئاينىڭ 16.كۈنىدىن 26.كۈنىگىچە،ئىككىنجى قىتىم 3.ئاينىڭ 1.كۈنىدىن 10.كۈنىگىچە ئاچلىق ئىلان قىلغان.قارىماققا ئىلھام توختىنىڭ سالامەتلىكى ياخشىدەك كۆرۈنسىمۇ 16 كىلو ئۇرۇقلاپ كەتكەن،دىيىلگەن

لى فاڭپىڭنىڭ دىيىشىچە؛ ئىلھام توختى مەن گۇناسىز.مىنىڭ سۆز-ھەركەتلىرىم جۇڭگو،ئۇيغۇر،خەنزۇلارنىڭ ئورتاق مەنپەتىگە پايدىلىق دىگەن كۆز قارىشىدا چىڭ تۇرۇپتۇ

    ئىلھام  توختى ھەر قانداق بۆلگۈنچىلىك سۆز-ھەركتىنىڭ بولغانلىقىنى قەتئى رەت قىلغان

    بىيجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋىرسىتىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئۇيغۇر قانۇن ھەركىتىنىڭ يولباشچىسى،ئۇيغۇرلارنىڭ يىگانە ئاۋازى پروفىسسور ئىلھام توختى 2014.يىلى 1.ئاينىڭ 15.كۈنى بىجىڭدىكى ئۆيىددە ئىككى نارىسىدە بالىسىنىڭ كۆز ئالدىدا قولىغا كويزا سەلىنىپ تۇتۇپ كىتىلگەن

 

مەنبە

李方平律师:伊力哈木在押期间两次绝食 体重骤减

Share
1220 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.